ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 3930 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-2 22:02
ئىسپانىيە دۆلەت دېربىيسىدا بارسىلوناغا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، خان جەمەتى مادىرىد بىرلەشمە چوققىسىدىكى بارسىلونادىن 4 نومۇر ئارقىدا قالدى. ئۇزغۇنلۇقتا بولسا نۆۋەتتىكى رەقىبى مادىرىد رىقابەت بىلەن يەنە ئىككى مەيدان شەھەر دېربىيىسىگە تەييارلىق كۆرىۋاتىدۇ. بۇ پەسىل بولسا جەمئىي 6 قېتىم مادىرىد دېربىيسى ئوينىلىپ، خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى 2 تەڭلىشىپ، 4 ئۇتتۇرۇشتەك نەتىنجە بىلەن ئىنىسى مادىرىد رىقابەتكە بوزەك بولدى، بىرلەشمىدە ھەتتا 4:0 نەتىنجە بىلەن نومۇسقا قالدى. مۇبادا خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى ئۇزغۇنلۇقتا 4 كۈچلۈككە كىرەلمىسە ئۇ چاغدا ئەنچىلوتتىنىڭ مادىرىدتىكى كۈنلىرى تەسكە توختايدۇ. يېقىندىن بۇيان تاراتقۇلار زىدانىنىڭ ئەنچىلوتتىنىڭ ئورنىغا چىقىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى توغرىسىدا بەس-بەستە خەۋەر يېزىپ كەلمەكتە. ئەمما نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىسى « ئاس گېزىتى» نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، زىدانى بۇ پەسىلدە ئەنچىلوتتىنىڭ ئورنىغا چىقىش مۇمكىنچىلىكىنى كەسكىن ئىنكار قىلغان.
«مەن قول ئاستىمدىكى يىگىتلىرىمنى مۇشۇنداقلا تاشلاپ قويسام بولمايدۇ، مەن يېرىم يولدا تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەكلا پەيدا بولىدىغان ھەم يېرىم يولدا قىلۋاتقانلىرىمدىن ۋاز كېچىدىغان ئادەم ئەمەس، مەن بىر ئىشنى قىلسام ئەڭ ئاخىرغىچە قىلىشنى، قىلغاندىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىشنى ئويلايدىغان ئادەم». مانا بۇ زىدانىنىڭ سەمىمىيەتلىك بىلەن ئېيىتقان سۆزى. مۇبادا ئەنچىلوتتى يېرىم يولدا ئىشتىن چۈشكەن تەقدىردىمۇ، زىدانى بۇ پەسىل ئىچىدە مادىرىدنىڭ قۇتقازغۇچىسى بولۇپ ئوتتۇرغا چىقىشنى ئويلاشمىغان.
زىدانى نۆۋەتتە خان جەمەتى مادىرىد B كوماندىسىنى يېتەكلەپ كېلىۋاتماقتا، مادىرىد B كوماندىسى ھازىر ئىسپانىيە B بىرلەشمىسىنىڭ 2-گۇرۇپپىسىدا 6-ئورۇندا كېتىۋاتىدۇ. ئىسپانىيە B بىرلەشمىسىدىكى ھەر قايسى گۇرۇپپىلارنىڭ ئالدىنقى 4 كوماندىسى دەرىجە ئۆرلەش قوشۇمچە سالاھىيەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشالايدۇ. B بىرلەشمىدە ئۈزۈپ چىقىش مادىرىد B كوماندىسىنىڭ بۇ پەسىلدىكى ئەڭ چوڭ نىشانى، مادىرىد B كوماندىسى ھازىر 49 نومۇرنى قولغا كەلتۈرۈپ بولدى، بېلباۋ رىقابەت B كوماندىسى بولسا 2-گۇرۇپپىدا 52 نومۇر بىلەن 4-ئورۇندا كېتىپ بارماقتا، مادىرىد B كوماندىسى بىلەن بولغان نومۇر پەرقى پەقەتلا 3 نومۇر، ئەگەر پەسىل ئاخىرغىچە زىدانى ئۆز رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپلا ماڭالىسا كوماندىنىڭ دەرىجە ئۆرلەش كۈرىشىگە ئاتلىنالىشىغا ئۈمىد زور.
ئەنچىلوتتىنىڭ مادىرىدتىكى كەلگۈسى تېخى قاراڭغۇ، ئەمما بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسى تېرنىرى دۇنگا ئەنچىلوتتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بارسىلونادىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان دۇنگا تۈنۈگۈن مادىرىدقا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، مادىرىد رىقابەت تېرنىرى سىمونى ۋە خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسىنىڭ تېرنىرى ئەنچىلوتتى بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئىككى كوماندىنىڭ مەشىق جەريانلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەن. ئەنچىلوتتى بولسا بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ 9-نومۇرلۇق كىيمىنى كىيىپ دۇنگا بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەن.
كوماندا ئەزالىرىنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىشى توغۇرلۇق سەمى ھىدىرادىن باشقا يەنە پۇرچاق بالا ئېرنەندىسنىڭمۇ يازدا بېرنابۇدىن ئايرىلىشى مۇقىملىشىپ بولغان. «ئاس گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا قوشماق مىلاننىڭ ھەر ئىككىلىسى پۇرچاق بالىغا ئېرىشىشنى كۆزلەۋاتقانىكەن، ئەمما ئىجارە شەكلىدە يۆتكەشنى پىلانغا ئېلىۋېتىپتۇ. بۇ رىقابەتكە سىتوك شەھىرىمۇ قاتنىشىدىغان بولۇپ، ئۇلار بۇ مېكسىكىلىقنى بىۋاستە سېتىۋېلىشنى مەقسەت قىلۋاتقانىكەن.
|
|