ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 255 |
جۇغلانمىسى: 456 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا تۈركىيەدە ، مىلان بىلەن لىۋىرپول ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسىىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ھەممەيلەننىڭ ئىسىدىن چىقمىغىدەك ئونتۇلغۇسىز بىر مەيدان مۇسابىقىنى ئوينىغان . مىنىڭچە بۇ ئىككى كۇماندىنىڭ توپ مەستانىلىرى بۇ مۇسابىقىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ . ئۇ چاغدا لىۋىرپول مەستانىلىرى خۇشاللىققا چۆمگەن ، مىلان مەستانىلىرى بولسا كۆز يېشى قىلغان .
ئىككى يىلدىن كىيىن ، بىز تېخى شۇ مۇسابىقىنى ئۇنتۇپ كەتمىگەن ۋاقتىمىزدا بۇ ئىككى كۇماندا يەنە بىر قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇچراشتى ، لىكىن نەتىجە ئىككى يىلدىكىنىڭ ئەكسىچە بولدى ، خۇشال بولغانلار يىغلاپ ، يىغلىغانلار كۈلدى .
مۇسابىقە ئاياقلاشتى ، ھەممەيلەن مىلاننىڭ چىمپىيون بولغانلىقىنى بىلىمىز ، ئەمما كىمنىڭ مەغلۇب بولغىنىنى بىلمەيمىز ، مەنمۇ كىمنىڭ مەغلۇب بولغىنىنى بىلمىدىم . مەيداندا ھەرگىزمۇ مەغلۇب بولغانلار يوق ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قەھرىمانلار ، ھەممىسى غەلبە قىلغۇچىلار ، چىمپىيونلار . بۇ يەردە ھەرگىزمۇ مەغلۇبىيەتچى يوق .
مىلاننى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە ، لىۋىرپولغىمۇ ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرىشىمىز كىرەك ، مەيلى سىز مىلاننىڭ ياكى لىۋىرپولنىڭ مەستانىسى بولۇڭ لىۋىرپول مەغلۇبىيەتچى دىمەي ، ئۇمۇ غەلبە قىلغۇچى دىيىشىڭىز كىرەك ، شۇ چاغدىلا سىز ھەقىقىي توپ مەستانىسى بولىسىز . لىۋىرپولنى قوللىغان بولسىز !
مۇسابىقە ئاياقلىشىپ مىلانغا لوڭقا تارقىتىدىغان چاغدا بەلكىم كۆرگەنسىز ، مىلان توپچىلىرى ئىككى قاتار تىزىلىپ لىۋىرپول توپچىلىرىغا ئالقىىش ياڭراتتى ، مانا بۇ ھەر بىر پۇتبولچىدا بۇلۇشقا تىگىشلىك روھ ! مانا بۇ پۇتبول سىزگە ئاتا قىلىدىغان ئەڭ گۈزەل مىنۇتلار ! بەلكىم سىزمۇ ئاڭلىغانسىز ، مۇسابىقە ئاياقلاشقان بولسىمۇ لىۋىرپول مەستانىلىرى يەنىلا ھېلىقى داڭلىق كۇماندا ناخشىسى « سەن مەڭگۈ يالغۇز ئەمەس » دىگەن ناخشىنى ئېيتىپ ئۆز كۇماندىسىغا بولغان سادىقلىقىنى بىلدۈرگىنىنى .
بۇ مۇسابىقىدە مىلان پەقەتلا نۇمۇر جەھەتتە غەلبە قىلدى ، لىكىن بۇ كۇماندىنى روھىي جەھەتتىن مەغلۇب قىلالمايدۇ ، مەڭگۈ مەغلۇب قىلالمايدۇ .
جېرراد مۇسابىقىدە بۇرۇنقىدەكلا روھلۇق ۋە ھۇجۇمغا ماھىر ، كۇماندا باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن تۇلۇق چىقتى . كالاگ بىكتە ناھايىتى مۇستەھكەم ، كۇيىت ئەڭ ئاخىرىدا بىر توپ كىرگۈزدى ، ماسچىلانو بولسا پامپاس يايلىقىدىن كەلگەن رېدوندونى يەنە بىر قېتىم كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈردى ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان توپچىلاردۇر .
لىۋىرپوللۇقلارنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىشى ئارتۇقچە ، ئۇلار ياۋرۇپادىكى ئەڭ كۈچلۈك بولغان بارسىلونا ، چېلسي قاتارلىق كۈچلۈك كۇماندىلارنى يېڭىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى ، مۇشۇنىڭ ئۆزىمۇ بىر چوڭ غەلبە ! بۇ يىل چىمپىيون بولالمىسا كىلەر يىلىمۇ بارغۇ ! يەنە قايتىدىن چىمپىيونلۇق ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرلىسە بولىدىغۇ ! مىنىڭچە لىۋىرپول بۇنى چۇقۇم قىلالايدۇ .
مىلاننىڭ غەلبىسى ئۇلۇغ ، لىۋىرپولنىڭ مەغلۇبىيىتى شەرەپلىك ! ئولىمپىك توپ مەيدانىدا پەقەت قەھرىمانلارلا بار ، ھەرگىزمۇ يېڭىلگۈچىلەر يوق ! |
|