ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1174 |
تۆھپىسى: سەر |
|
يېقىندىن بۇيان ئۆتكۈزۈلگەنfifa مۇسابىقە ھەپتىلىكىدە ماركا گېزىتى دۆلەت كوماندىلىرىدا كۆزگە چېلىقىدىغان مۇنداق بىر خەۋەرنى ئېلان قىلدى يەنى مادىرتتىكى 4 نەپەر توپچىنىڭ ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر كوماندىسىنىڭ كاپىتانلىقىنى قولغا ئالغانلىقىدەك خەۋەرلەرنى بېرىپ ئۆتتى.
خانلىق مادرىد كاپىتانى كاسىللاس بولسا ئەڭ ئۇتۇق قازانغان كاپىتان بولۇپ 1 قېتىم دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونى 2 قېتىم ياۋروپا لوڭقىسى چېمپىيونى،مادرىد كۇلۇبىدا نۇرغۇن شان شۆھېرەتلەرگە ئېرىشتى.كاسللاسنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئىپادىسى چىكىنىشكە قاراپ يۈزلەنگەن بولسىمۇ تۆنۆگۈنىكى ئۇكرائىنا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە كوماندا باشلىقى سالاھىتىدە مۇسابىقىگە قاتناشىپ قارشى تەرەپنىڭ 3 قېتىملىق خەتەرلىك ھۇجۇملىرىنى بىتچىت قىلدى.
پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسى كاپىتانى بولسا رونالدو بولۇپ ئەتە كېچە سائەت 12:45 مىنۇت ئۆتكەندە سېرىبلار بىلەن ھايات ماماتلىق بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينايدۇ،مۇئاۋىن كاپىتان پې پې ياردارلىق تۈپەيلى مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدۇ.
فىرانسىيە 3:1 نەتىجە بىلەن بىرازىلىيەگە ئۇتتۇرغان مۇسابىقىدە مادرىد ھۇجۇمچىسى بېنزىما فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش كاپىتانى،نىيمار بولسا بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش كاپىتانى بولۇپ مەيدانغا چىقتى،بېنزىما قىسقىچە سۆز قىلىپ:مەن ترىشساملا چوقۇم ئالتۇن توپ ئالالايمەن،رونالدو مېسسىلار قالتىس تالانتلىق توپچىلار.ھەر ئىككىلىسىدەك 80دىن ئاشۇرۇپ توپ ئۇرۇش باشقا پۇتبولچىلارغا نىسبەتەن قىيىن...........
ئاسىتىرالىيە بىلەن گېرمانىيە ئۇچرىشىشىدا مادرىد ئارقا بەل توپچىسى سەمى ھېدرا گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن كاپىتانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى،ھېدرانىڭ توختامى تۇشىدىغانغا ئەڭ ئاخىرقى 3 ئاي ۋاقىت قالغان بولۇپ ھېرانىڭ كىيىنكى بېكىتى ئېنىق ئەمەس،ئەمما ھېدراغا ئەڭ يېقىنلاشقا كۇلۇب شارىك 04 بولۇپ بەلكىم گېرمانىيە بىرلەشمىسىدە توپ تېپىپ قېلىشى ئېھتىماللققا يېقىن. |
|