ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 2011 |
تۆھپىسى: سەر |
|
![]()
مەسۇت ئۆزىل كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى بولالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇندىن سىرت ئۇ يەنە، ئېنگلاند بىرلەشمىسىدىكى توپچىلارنىڭ ئۆزىنى نوقتىلىق مۇداپىيە قىلىشىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك تەنھەرىكەتچىگە ئايلىنىشقا زور ياردىمى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئارسېنالدىكى گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسى ئوتتۇرا مەيدان يادروسى بۇ مۇسابىقە پەسلىدە كۆپلىگەن تەنقىدلەرگە ئۇچرىدى، مانچىستېر بىرلەشمسى سابىق داڭلىق توپ چولپىنى پائۇل سىكولسمۇ ئۇنى "مەيداندا شەكىلگىلا يۈگۈرۈپ قويىدۇ" دەپ باھالىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ كۆڭلىدە چوڭ بىر ئارزۇ بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ كرىستىئانو رونالدو يانۋاردا ئېرىشكەن شۇ شەرەپكە ئېرىشىش.
![]()
"ئەگەر مەن ياخشى ھالىتىمنى ساقلاپ قېلىپ ساغلام تۇرسام، مەن كەلگۈسىدىكى بىر نەچچە يىل ئىچىدە ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا .ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىمەن. مەن بۇنىڭ ئەمەلگە ئىشىشىغا ئىشىنىمەن.
"مەن بۇ ئىشتا ناھايىتى ئاكتىپ پوزىتسىيەدە. مەن دۇنيا چېمپيونى، يەنە كېلىپ ئېنگلانددىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كۇلۇبتا توپ تېپىمەن، بۇ يەردە توپچىغا قويۇلغان تەلەپ ئىسپانىيە ۋە گېرمانىيەگە قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى. بەدىنىمدە داۋاملىق كۆك-ئىششىق يارىلار بار، بىراق بۇلار مېنىڭ تېخىمۇ تىرىشىشىمغا سەۋەب بولدى. مەن بەدەن جەھەتتە ئىلگىرىكىدىن كۆپ ياخشىلاندىم."
دۆلەت تەۋەلىكىنىڭ گېرمانىيەدە ھەرخىل تۈستە تىلغا ئىلىنغانلىقى توغرىسىدا، گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئىچى پۇشماي ئۇنىڭ تۈركىيە ئارقا كۆرۈنىشىنى تىلشغا ئالغانلىقىنى مىسال قىلىپ ئۆزىنىڭ باش قىتىقچىلىقىنى بىلدۈردى.
"پەقەت مەنلا كىشىلەر تەرىپىدىن 'گېرمانىيلىك تۈرك' دەپ ئاتىلىمەن. سەمى ھېدرانى 'گېرمانىيلىك تۇنىس' دەپ، لۇكاس پودولسكى بىلەن مىروسلوف كىلوزنى 'گېرمانىيلىك پولەك' دەپ ئاتىمايدۇ. كىشىلەر شۇنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا كېرەك، مەن گېلسېنكىرشىندا تۇغۇلۇپ گېرمانىيەدە چوڭ بولغان."
"ئەگەر مېنى مۇسابىقىدىن بۇرۇن دۆلەت گىمنى ئوقۇمايدىكەن دېسىڭىز، سەۋەبى پەقەت مېنىڭ ئۇ ۋاقىتتا زېھنىمنى مۇسابىقىگە قاراتقانلىقىم، بۇ ۋاقىتتا مەن داۋاملىق ساقلىق ۋە بەخت ئۈچۈن تىلەك تىلەيمەن."
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئىككى خىل مەدەنىيەتنىڭ تەسىرى ئۇنىڭغا كۆپ پايدا ئىلىپ كەپتۇ، نېمىسچە قاتتىق بولغان ئىنتىزام ۋە تۈركچە جانلىق، ئۆزگىرىشچان بولغان ئۇسلۇب:" پۇتبولچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بۇ ئىككى خىل ئۇسلۇبنىڭ مەندە بىرىكىشىدىن كۆپ پايدا ئالدىم، ئۆزۈمنىڭ ئىككى خىل مەدەنىيەتتىن بىرلا ۋاقىتتا پايدىلانغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن."
![]()
مەنبە: theguardian |
|