ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3466 |
تۆھپىسى: سەر |
|

مورىنئۇنىڭ چېلسىغا قايتىپ كېلىشى بىلەن چېلسىنىڭ يۆتكۇلۇش بازىرىدىكى سودىللىرى خىلى ئوڭۇشلۇق بولدى دېيىشكە بولىدۇ ،بۇلتۇر يازدا يۇقىرى باھا بىلەن داۋىد لويىسنى سېتىپ چىقاردى، 22 مىلىيۇنلۇق باھا بىلەن لوكاكۇنى ساتتى،قىشتا بولسا شورلىنى سېتىپ 100 مىليون ئەتراپىدا مەبلەغ توپلىدى.
كوماندىدىكى يۇقىرى مائاشلىق تورىسنى يولغا سالغاندىن سىرت ، ياپونىيە يوكۇخاما شىركىتى بىلەن 40 مىلىيۇنلۇق توختام ئىمزالىدى،خازارىد بىلەن توختام ئۇزارىتقان بولسىمۇ ، يۆتكۇلۇش بازىرىدىن قىلغان كىرىمىدىن باشقا تېلېۋىزوردا بىۋاسىتە تارقىتىش ھەققى ، سودا تەرەققىيات مەبلىغى قاتارلىق تەرەپلەردىنمۇ 40 مىليون فونىتسىتىرلىڭ مالىيە ئادىللىقى مەبلىغى بار .
1-تورىسىنى كوماندىدىن تازلىغاندىن كىيىن يىللىقى 18 مىليون مائاش تىجىلىپلا قالماستىن بەلكى مالىيە ئادىللىق سىياسىتى بويىچە 18 مىليون 720مىڭ فونىت سىتىرلىڭ مەبلەغ بار بولدى.
2-خازارىد بىلەن ھەپتىلىك مائاشى 200مىڭلىق توختام ئۇزارىتقاندىن كىيىن ،ئۇنىڭ يىلدا ئالىدىغان 960 مىڭلىق مائاشى 1مىليون 40 مىڭ فونىتسىتىرلىڭغا ئۆستى،بىراق مالىيە ئادىللىق سىياسىتىدە توپچنىڭ يۆتكۇلۇش باھاسى بىلەن مائاشى قوشۇلۇپ يىلىغا بۆلۈپ ھېسابلىنىدىغان بولغاچقا ، خازارد چېلسىغا 32 مىليون باھا بىلەن قوشۇلغان ، چېلسى بىلەن توختام ئۇزارىتقاندىن كىيىن يىلىغا 6مىليون 400 مىڭدىن توغرا كەلگەن ،شۇنداق بولغاندا خازارىد چېلسىغا ھەر يىلى 2 مىليون 710 مىڭ فونىت سىتىرلىڭ مالىيە ئادىللىق مەبلىغى تېجەپ بىرىدۇ .
3- چېلسى سامسوڭ شىركىتى بىلەن توختام ئاخىرلاشتۇرۇپ يوكۇخاما شىركىتى بىلەن توختام ئىمزالىدى، بۇنىڭ بىلەن 22 مىليون ئارتۇق كىرىمگە ئىگە بولدى دېگەن گەپ .
ئىنگىلات تاراتقولىىرىنىڭ خەۋىرىچە مالىيە ئادىللىق سىياسىتى بۇيىچە چېلسى ئىشلىتەلەيدىغان مەبلەغ 40 مىليون فونىت سىتىرلىڭ بولۇپ ، بوگبانى قىينالمايلا قوشۇۋالالايدۇ،مالىيە ئادىللىق سىياسىتىنىڭ باھانى 75% دىن ئارتۇق ئۆرلىتىۋەتمەسلىك تۇزىمى بۇيىچە بولغاندا بەلكىم مىسسىنىمۇ قوشۇۋالالىشى مۇمكىن،كۈندىلىك پوچتا تىز خەۋەرلىرى گېزىتىنىڭ مۆلچەرىچە مىسسىنىڭ باھاسى 180 مىليون بولۇپ ،ئەگەر بەش يىللىق توختام بىلەن قوشۇۋالسا ھەر يىلىغا 36 مىلىيۇندىن توغرا كېلىدىكەن،16مىليون 300 فونىت سىتىرلىڭ مائاشىنى قوشقاندىمۇ ھەر يىلى 52 مىليون 300 مىڭ فونىتسىتىرلىڭ بولىدىكەن،40 مىليون فونىتسىتىرلىڭ مەبلەغنى %75 ئاشۇردى دېگەندە 70 مىليون فونىت سىتىرلىڭ بولىدۇ ، ئۇنداق بولغان مىسسىنى گەپ يوق قوشۇۋالالايدۇ.
ئەسكەرتىش : بۇ تاراتقۇلارنىڭ پەرىزى ھەم سىتاتىستىكىسىكەن، چېلسى قوشۇۋالاليدۇ دىگەنلىڭ قوشۇۋالدۇ دېگەنلىك ، ھەم باشقىلارنى قوشۇلىدۇ دىگەنلىكمۇ ئەمەس.
مەنبە : 直播首页>足球新闻 |
|