ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3466 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زەربىدار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-19 10:18
ئاخشام ئوينالغان ئۇزغۇنلۇق 8 كۈچلۇككە كىرىش مۇسابىقىسىدە مانچىستىر شەھىرى 1گە قارشى نول نەتىجە بىلەن ، ئومۇمى نەتىجىدە 3-1 بولۇپ ئۇزغۇنلۇق سەھنىسىدىن چېكىندى، چېلسى ۋە ئارسىناللارمۇ ئاللىقاچان سەھنىدىن چىكىنىپ بولغان بولۇپ ، دۇنيادىكى ئەڭ باي بىرلەشمىدىن بىرمۇ كوماندىنىڭ 8 كۈچلۇككە كىرەلمەسلىگى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ئويلاندۇردۇ.
بۇ 2013-يىلدىن بۇيان ئىككىنچى قىتىم ئىنگىلاند كۇلۇپلىرىنىڭ 8 كۈچلۇكنىڭ سىرتىدا قىلىشى،ئاسمان پەلەك تېلىۋۇزۇردا بىۋاستە تارقىتىش ھەققىنى ھىساپلىمىغاندىمۇ ، ئۇزۇندىن بىرى پۇتبول كۇلۇپلىرىنىڭ بايلىق تەرتىۋىدە ئالدىنقى ئورۇننى ئىگەللەپ كىلىۋاتقان پاۋروپادىكى ئەڭ باي بىرلەشمىسىنىڭ بۇ نەتىجىسى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ، ئىنگىلاند كۇلوپلىرىنىڭ تەقدىرى بىلەن ئىنگىلاند دۆلەت كوماندىسىنىڭ تەقدىرىمۇ ئوخشاپ قىلىۋاتىدۇ ، دۇنيا لوڭقىسى ياكى ياۋروپا لوڭقىسى بولسۇن ئىنگىلاند كۇلۇپلىرىنىڭ تەقدىرى دۆلەت كوماندىسىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويۋاتقاندەكلا .
پۇتبول كۇلوبلىرىنىڭ بايلىق تەرتىۋىدە چېلسى، ئارسىنال ۋە مانچىستىر شەھەرلىرى دائىم ئالدىنقى سەككىزنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ كىلىۋاتىدۇ ، ئالدىنقى سەككىزنىڭ ئىچىدىكى مادىرىد، بەيرىن ، بارسىلونا قاتارلىقلارغا سىلىشتۇرغاندا ئۇلار دائىملا ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق سەھنىسىدە ئالدىنقى 4 كۈچلۇكتە كۆرۈنۇپ تۇرىدۇ ، ئەكسىچە ئىنگىلاند كۇلۇبلىرىنىڭ بولسا 8كۈچلۈككە كىرمىگىمۇ بەسى موشكۇل بولىۋاتىدۇ.
مانچىستىر شەھىرى بايلىق تىزىملىگىدە 6-ئورۇندا بولۇپ ، 3 يىل ئىچىدە 2 قىتىم ئىنگىلاند بىرلەشمە چىمپىيۇنى بولدى، ئەمما ياۋروپا ئۇزغۇنلىقىدا ئەزەلدىن 8 كۈچلۇككە كىرىپ باقمىدى،ئارسىنال بولسا بايلىق تىزىملىگىدە 8-ئورۇندا، ئەمما ۋىنگىرنىڭ يىتەكچىلىگىدە 5 پەسىل ئۇدا 16 كۈچلۇكتىن چىقالماي يۇرىدۇ،بايلىق تىزىملىگىدە مادىرىتتنلا كىيىن تۇردىغان مانچىستىر بىرلەشمىسى بولسا ئۇزغۇنلۇق بىلىتىگىمۇ ئېرىشەلمەي ئاۋارە.
ئىنگىلاند كۇلوپلىرىنىڭ مەغلۇبىيەت سەۋەپلىرىنىڭ بىرسى ، ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدە موسابىقە ناھايتىمۇ زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان، توپچىللىرىنىڭ چارچىشى ھەقىقەتەن ئىغىر ،قىشلىق دەم ئىلىش يوق ، بىرلەشمە موسابىقىسى ۋە ئۇيۇشما لوڭقىسىدىن باشقا يەنە ئىنگىلانس بىرلەشمەلوڭقىسى دەك باشقا بىرلەشمىدە يوق موسابىقىسىمۇ بار،بۇ يىلقى مۇسابىقىگە قارساق پەقەت چېلسىدا بۇنداق زىچ مۇسابىقە يوق بولۇپ بىرىنچى ئۇچرىشىشتا 6 كۇن ، ئىككىنچى ئۇچرىشىشتا 7 كۇن دەم ئالغان ، گەرچە قاتىل ھوجۇمچى ئىبرايىموۋىچ مەيداندىن چىقىرۋىتىلگەن بولسىمۇ مىھمان توپى ئاز بولۇش سەۋەبىدىن يەنىلا شاللاندى.
ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى يىقىنىقى بەش يىلدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلىقى ۋە ئىتتىپاق لوڭقىسىدىكى نەتىجىگە ئاساسەن بىرلەشمىلەرنى تەرتىپكە تىزىيدىغان بولۇپ ، ھەم ئالدىنقى 3 كە تىزىلغانلاردىن 4 كوماندا ، 4 بولغىندىن 3 كوماندا ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق سالاھىيتىگە ئېرىشىدۇ ،نوۋەتتە ئىسپانىيە بىرلەشمىسى بىرىنچى، ئىنگىلاند ئىككىنچى، گېرمانىيە بىرلەشمىسى ئۈچىنچى ئورۇندا ئىدى،3 يىل ئىچىدە 2 قىتىم 8 كۈچلۇكنىڭ سىرتىدا قالغان ئىنگىلاند بىرلەشمىسى بەلكىم ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ كەينىدە قىلىپ ئىنگىلاتقا بىرىلىدىغان سان 3 كە ئازلىشى مومكىن.
ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى 20 كۇلوپ بايلىق تەرتىۋىدە ئالدىنقى 40 نىڭ ئىچىدە بار ، ئەپسۇسكى بايلىق كۈچلۇكلىككە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ،ئىنگىلاند كۇلوپلىرى سەگەكلىك بىلەن شۇنى تونۇپ يىتىشى كىرەككى ‹‹ سىمىزلىك ›› نى تاشلاپ ، ياخشىراق ھەركەت ۋە پىلان تۇزۇشى كىرەك.
مەنبە: شەرىق تەنتەربىيىسى خەۋەرلىرى تورى |
|