ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1330 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بوۋايكا تىمىڭىزدا بىر ئىشنى دەۋالسام ، ئايرىم تىما قىلىپ يىزىشنىڭ ئورنى يوق . مەن ئاساسەن مۇسابىقە كۆرۈپ باقمىدىم مۇنبەرگە ئەزا بولغىلىمۇ بىر پەسىل بوپتۇ بىر مەيدانمۇ مۇسابىقە كۆرۈپ باقمىدىم ، سەۋەبى تىلۋېزوردا مەركەز 5- يۈرۈش قانىلى ۋە باشقا تەنتەربىيە قانىلى چىقمايدۇ ، ئۆيدە تور يوق ، ئاساسەن مۇسابىقە نەتىجىسىنى كۆرۈپ باشقىلارنىڭ تەھلىلىدىن قايسى كوماندىنىڭ ياخشى ئوينىغانلىقىنى بىلەلەيمەن . يىقىندا بىر تور بەتنى بايقاپ قالدىم ، ماڭا ياققان يىرى شۇ بولدىكى نەق مەيدان مۇسابىقە كۆرگەندەك ھىسياتقا كەلتۈرۋېتىدىكەن . ئىشقىلىپ مەيداندىكى ھەممە ئىش يىزلىپ ماڭىدىكەن ،توپ كىرىش ، ھۇجۇم ، خەتەرلىك توپ ئەدەم ئالماشتۇرۇش ھەممىسى مىنۇتى بىلەن يىزىلىدىكەن ، بەت ئالماشتۇرۇشمۇ كەتمەيدىكەن ، ئاپتۇماتىك بىر مىنۇتتا بىر قىتىم يىڭىلىنىپ تۇرىدىكەن ، قايسى ماھىر ياخشى ئوينىدى قايسى ناچار بىلگىلى بولىدىكەن ، ئەمدىكى مەقسەتكە كەلسەك بۇ مۇنبەر سىلىشتۇرغانلىق ئەمەس ، مۇنبىرىمىزدە مەندەك مۇسابىقە كۆرەلمەيدىغانلار كۆپكەن شۇڭا مۇمكىن بولسا بۇ مۇنبەردىمۇ شۇ ئىشنى ئەمەلىلەشتۈرگىلى بولسا بەكلا ياخشى بولاتتى . بۇنىڭغا تىخنىك ئىشلىرى كىتەمدۇ بىلمىدىم ، مۇنبەر قۇرغۇچىسى نىجاتكام ۋە باشقىلار ئويلۇشۇپ باققان بولساڭلار مۇمكىن بولسا مۇھىم مۇسابىقىلەر مۇشۇنداق چۈشەندۈرۈلسا مەنلا ئەمەس كۆپىنچىمىز خۇش بولغان بولاتتۇق ، كۆرۈپ بىقىڭلار بىر مۇسابىقىنى ئېلىپ كەلدىم .
http://uzfifa.net/online/oyin/682 |
|