akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1819|ئىنكاس: 40

ئىشتىن چۈشۈش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى 8 داڭلىق مەشقاۋۇل !!!~

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                            
                ئىشتىن چۈشۈش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى 8 داڭلىق مەشقاۋۇل !!!

0.jpg

   ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق غەم-قايغۇسى بولغىنىدەك ، پۇتبول ساھەسىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس . ھازىر پۇتبول سەھنىسىدىكى ھەر قايسى زەردارلارنىڭ باش قېتىقچىلىقى ئازمۇ ئەمەس . بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزى زەردار كۇلۇبلارنىڭ نەتىجىسىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىقى ۋە كوماندا قۇرۇلمىسىنىڭ قالايمىقانلىشىشى كوماندا گەۋدىسىدە مەلۇم دەرىجىدە تەۋرىنىش ھاسىل قىلدى . ئەلۋەتتە ، بۇنداق ھالەتنىڭ بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتى يەنىلا بۇرۇنقىدەك مەشقاۋۇللارغا باغلىنىپ قالدى . مەن تۆۋەندە بۇ پەسىللىك مۇسابىقىلەر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئىشتىن چۈشۈش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى 8 نەپەر داڭلىق مەشقاۋۇلنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن !!~

   1 .  ئەنچىلوتتې      (   خانلىق مادرىد  )

1.jpg

   كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە مول-ھوسۇللۇق بىر مۇسابىقە پەسلىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، ئىككىنچى يىلىغا قەدەم قويغان مەشقاۋۇللارنىڭ ئىشتىن چۈشۈش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن . لېكىن خانلىق مادرىدقا نىسبەتەن ھەر قانداق ئىشنىڭ بولۇش مۇمكىنچىلىكى بار . خانلىق مادرىد كوماندىسنىڭ بىرلەشمە مۇسابىقىدە بېرباخ رىقابەت كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ ، بىرلەشمە سەركىلىك ئورنىنى تاتقۇزۇپ قويۇشى ۋە ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە شارېك 04 كوماندىسىغا ساھىبخان مەيداندا 4 —3 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قۇيۇشى ، باش مەشقاۋۇل ئەنچىلوتتېنى بۇ بوران ئېغىزىغا تەبئىيلا سۆرەپ ئاپاردى . ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قارىشىچە ، ئەنچىلوتتېنىڭ بوشاڭلىقى ۋە باشقۇرۇشتا كەسكىن بولماسلىقى خانلىق مادرىد توپچىلىرىنىڭ ئىرادىسىنى بوشتىپ قويۇپتۇ .  ھازىرقى مەسىلە ، خانلىق مادرىد تېخى ئەنچىلوتتېنى ئىشتىن بوشىتىش قارارىنى چىقارمىغان بولسىمۇ ، لېكىن فىلورېنتىنۇنىڭ ئەنچىلوتتىغابولغان ئشەنچىسى ۋە سەۋر تاقىتى توشۇپ بولغان بولۇپ ، ئەنچىلوتتېنىڭ ئىشتىن چۈشۈش خەۋپى ھەر قاچان مەۋجۇت ئىكەن . بەلكىم بۇ ھەپتە ئاخىرىدىكى بارسېلونا بىلەن بولغان دېربى جېڭى ئەنچىلوتتېنىڭ مادرىدتىكى كەلگۈسىنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈشى مۇمكىن . ئەگەر بۇ مەيدان دېربى جېڭىدە ئەنچىلوتتې قوشۇنى بارسېلونا ئۈستىدىن غەلىبە قىلسا ، خانلىق مادرىد يەنە بىرلەشمە سەركىلىك ئورنىغا قايتىپ كېلىدۇ . شۇنداقلا ئەنچىلوتتېنىڭ ئورنىمۇ بىر قەدەر مۇستەھكەملىشىدۇ . ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا ، بۇ مۇسابىقە ئەنچىلوتتېنىڭ مادرىدتىن ئايرىلىشىدىكى مۇھىم نۇقتا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن .
  

   2 .  بىرۇس      (   خول شەھىرى   )

2.jpg

   بىروسنىڭ ئالدىنقى ئىككى پەسىلدىكى مەشقاۋۇللۇق جەريانىنى ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى دېيىشكە بولىدۇ . 2013-يىلى بىرۇس ھول شەھەر كوماندىسىنى يېتەكلەپ ، دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە ئۆرلەپ چىققان . 2014-يىلى بولسا بىرۇس يېتەكچىلىكىدىكى ھول شەھەر كوماندىسى دەرىجە ساقلاپ قېلىش ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇندىدى ، شۇنداقلا ئىنگلاند پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئىزچىل ياخشى ئىپادە كۆرسىتىپ ، ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا ئېلىپ كىردى . ھول شەھەر كوماندىسىنىڭ بۇ يىلقى بىرلەشمىدە نەتىجىسى ئانچە كۆرۈنەرلىك ئەمەس ، دەرىجە ساقلاپ قېلىش ھازىرقى ئەڭ چوڭ ۋەزىپە . ئەگەر بىرۇس كوماندىنى يېتەكلەپ بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتەلمىسە ، بىروسنىڭ ھول شەھىرى كوماندىسدىكى ھېكايىسى ئاخرلىشىشى مۇمكىن .

  3  .  ئاللاردېس      (   غەربى ھام بىرلەشمىسى   )

3.jpg

   غەربى ھام بىرلەشمە كوماندىسى ھازىر بىرلەشمىدە 10-ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ . نەتىجىسىنى بەك باچار دېيىشكە بولمايدۇ . لېكىن مەشقاۋۇل ئاللاردېسنىڭ غەربى ھام بىرلەشمە كوماندىسىدىكى مەشقاۋۇللۇق ھاياتى مۇشۇ پەسىل ئاخىرلىشىشى مۇمكىن . ئاللاردېس 2011-يىلى غەربى ھام بىرلەشمە كوماندىسىنى يېتەكلەپ ئىنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە ئۆرلەپ چىقىشىدا ئەڭ چوڭ تۆھپە ياراتقان كۇلۇب تۆھپىكارى . لېكىن بۇ تۆھپىكار ئىزچىل تەنقىدى زەربىلەرگە ئۇچراپ تۇردى . بەزىلەر ئۇنىڭ مەشقاۋۇللۇق قابىلىيىتىنى ئىنكار قىلدى . بۇ مەشقاۋۇل شۇنچە تىرىشقان بولسىمۇ ، ئىزچىل قوللاشقا ۋە ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشەلمىدى . ئۇلارنىڭ قارىشىچە ، ئاللاردېس مەشقاۋۇللۇقىدىكى غەربى ھام كوماندىسى ئۆز ئۇسلۇبىنى جارى قىلدۇرالماپتۇ . ئۆزىنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىش ۋە قوللاشقا ئېرىشەلمەسلىكى بۇ مەشقاۋۇلنىڭ غەربى ھامدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن .

   4  .  پېللېرگىنې      (   مانچېستېر شەھەر   )

4.jpg

  مەنچىنى مەشقاۋۇللىقىدىكى مانچېستېر شەھەر كوماندىسى 2013-يىلى كۇلۇب تارىخىدىكى 44 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى ئىنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنى كۆتۈرگەندىن كېيىن ، ئىككىنچى يىلىدىكى ئىپادىسىنىڭ ناچار بولۇشىسەۋەبىدىن ، مەنچىنى مانچېستېر شەھەر كۇلۇبى تەرىپىدىن شاللىۋېتىلگەنىدى . ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندىمۇ ، پېللېرگېنىنىڭ نەتىجىسى تازا كۆرۈنەرلىك ئەمەس . بىرلەشمىدە چېلسى بىلەن بولغان نومۇر پەرقى 6 نومۇرغا كېڭەيدى . ھازىرقى ھالەتتە مانچېستېر شەھەر كوماندىسنىڭ بىرلەشمە چىمپىيونلۇقى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئۆز تىرىشچانلىقى ۋە چېلسى كوماندىسنىڭ مەغلۇبىيىتىگە باغلىق بولۇپ قالدى . ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە بولسا ، ساھىبخان مەيداندا بارسېلونا كوماندىسىغا 1 : 2 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرىۋەتتى . ئەتە سەھەردە كامپ نو مەيدانىدا بارسېلونادىن نومۇر ئاشۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى . ئەگەر بۇ پەسىلدە مانچېستېر شەھەر كوماندىسى قۇرۇق قول قالسا ، پېللېرگىنېنىڭ مانچىسىتېر شەھەر كوماندىسىدىكى مەشقاۋۇللۇق سەپىرى ئاخىرلىشىشى مۇمكىن .

   5  .   مارتىنېز       (   ئېۋېرتون   )

5.jpg

   كۇلۇب تارىختىكى بىرلەشمە نومۇر رېكورتى 72 نومۇر ، ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتى ، مانا بۇ مارتىنېزنىڭ ئالدىنقى پەسىلدىكى رىۋايىتى . بۇ پەسىلدە بولسا ئېۋېرتون كوماندىسى ئالدىنقى پەسىلدىكىدەك سېھرى كۈچىنى نامايان قىلالمىدى . بىرلەشمىدە بولسا 31 نومۇر بىلەن 14-ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ . دەرىجە ساقلاش سىزىقىدىن پەقەت 6 نومۇرلا يۇقىرى ھالەتتە . بۇ تۆھپىكار مەشقاۋۇلنىڭ ئېۋېرتوندىكى ھەر بىر قەدىمى قىيىنلاشماقتا .

  6  .  ئىنزاگې      (   مىلان    )

6.jpg

  ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا ، ئىشتىن چۈشۈش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى مەشقاۋۇل دەل ئىنزاگې بولۇشى مۇمكىن . يېقىنقى 10 مەيدان ھەر قايسى تۈردىكى مۇسابىقىلەردە ، ئىنزاگې باشچىلىقىدىكى مىلان كوماندىسى 2 مەيدان ئۇتۇپ ، 3 مەيدان تەڭلىشىپ ، 5 مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك ناچار نەتىجە ياراتتى . بۇ نەتىجە ھەر قانداق بىر زەردار كۇلۇبقا نىسبەتەن قوبۇل قىلىش تەس بولغان بىر نەتىجە . بىرلەشمىدە 10-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان مىلان كوماندىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا ، كېلەر يىللىق ئۇزغۇنلۇققا قاتنىشىش ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئىنتايىن قىيىن ھالەتتە . بەلكىم ئالدىمىزدىكى ھەر بىر مىنۇتنىڭ قايسى بىرىدە ئىنزاگېنىڭ مەشقاۋۇللۇقتىن بوشىتىلغانلىق خەۋىرى چىقىپ قېلىشى مۇمكىن . ھەر قايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ئىنزاگېنىڭ ئورنىغا سىدروف مەشقاۋۇل بولۇپ ، مىلاننىڭ قامچىسىنى قايتا قولغا ئالىدىكەن .

   7  .  كىلوپ      (   دورتموند   )

7.jpg

  ئىلگىرىكى ئۇدا ئىككى يىل بايرېن مىيونخېن كوماندىسىنى ئارقىغا تاشلاپ بىرلەشمە چېمپىيونى بولغان ، ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە خانلىق مادرىدقا قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەن بۇ زەربىدار قوشۇن ، يارىدارلارنىڭ ئارقىمۇ-ئارقا كۆپىيىشى ، كۆزگە كۆرۈنگەن توپچىلىرنىڭ يۆتكىلىش بازىرىدا تالان-تاراج بولۇشى سەۋەبىدىن ھازىرقى قىيىن ئەھۋالغا دۇچار بولۇپ قالدى . بىرلەشمە مۇسابىقە باشلىنىپ دەسلەپكى مەزگىللەردە دورتموند كوماندىسى بىرلەشمىنىڭ ئاخىرىغا چۈشۈپ قالغان ، يېقىندىن بۇيانقى يارىدارلارنىڭ ئەسلىگە كېلىشى بىلەن دورتموند كوماندىسىنىڭ نەتىجىسى بارا-بارا يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ، بىرلەشمىدە 10-ئورۇنغا چىقتى . يېقىنقى ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە دورتموند كوماندىسى رەقىبى بىلەن 0 : 0 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قېلىپ ، ئىپادىسىنىڭ تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويدى . ئالدىدىكى ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدىكى غەلىبە بەلكىم كىلوپنىڭ دورتموندتىكى كەلگۈسىنى بەلگىلىشى مۇمكىن .

   8  .  بىلانك      (   پارىژ سانت-ژېرمان   )

8.jpg

   بىرلەشمە مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن ، بۇ پۇلدار كوماندىنى ھەممىسى چېمپىيون بولۇشى مۇقەررەر دەپ قارىغانىدى . لېكىن ھازىرقى ھالەتتە لىئون كوماندىسى 2 نومۇر ئۈستۈنلۈك بىلەن بىرلەشمە سەركىسى بولۇپ كېتىپ بارىدۇ .  گەرچە بىلانك باشچىلىقىدىكى پارىژ سانت-دېرمان كوماندىسى مورېنھو باشچىلىقىدىكى چېلسى كوماندىسى ئۈستىدىن غالىب كېلىپ ، ئۇزغۇنلۇق 8 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىپ بولغان بولسىمۇ ، لېكىن چېمپىيون قىزىق نۇقتىسى ئەمەس . كۇلۇب يۇقىرى قاتلىمىمۇ بۇ پەسىل ھەممىدن قۇرۇق قېلىشنى قوبۇل قىلالمايدۇ ئەلۋەتتە . كۇلۇبنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ئۇزغۇنلۇق چېمپىيونى بولۇش . ئەگەر بۇ پەسىلمۇ دېگەن مەقسىتىگە يېتەلمىسە ، كۇلۇب بەلكىم بىلانكنىڭ ئورنىغا ئۇزغۇنلۇق تەجرىبىسى مول مەشقاۋۇلدىن بىرنى ئەكېلىشى مۇمكىن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 15:36:44 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 15:37:58 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئىنزاگىنىڭ مىلاننى تۇتۇپ تېرىنىرلىق ھاياتى كۆڭۈللۈك بااشلانمىدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 15:42:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە بىلانك نىڭ ئىشتىن چۈشۈش ئىھتىماللىقى بەك تۆۋەن دەپ قارايمەن ، پارىژ ھازىر ئۇزغۇنلۇقتا چېمپىيۇن بولۇش ئىھتىماللىقى يۇقىرى بولغان چىلسىنى شاللىۋەتتى ، بىرلەشمىدە بولسا لىئون كۇلۇبىدىن 2نومۇر كەينىدە ، پارىژ ئالدىنقى ئۇزغۇنلۇقنىڭ 2-جى ئۇچۇرشىدا چىلسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە بەك كۈچىۋەتكەنشكىمۇ قانداق بوردو كۇلۇبىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان لىكىن ئۇلارنىڭ بىرلەشمىدە لىئون كۇلۇبىدىن 1-جىلىكنى تارتىۋىلىشى تەس ئىش ئەمەس دەپ قارايمەن............................!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 15:48:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پېللېرگىنې  مانچىستېر شەھەردىن كەتسە ياخشى نامزاتتىن بىرنى تاپماق بەك تەس ياخشىلارنى كۇلۇبلار قويۇپ بەرمەيدۇ ...............................!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 15:50:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە  بۇتېرنىرلار   ئاساسى  جەھەتتىن  بۇ  پەسىل  ئىشتىن چۈشمەسلىكى مۇمكىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 15:53:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلار ئالمىشىپ باقسىمۇ بوپتىكەن،چەك تاشلاپلا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 15:56:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىسنى ئالماشتۇرۇپلا باقسا بۇلدۇ ، بەزىللىرىنىڭ گۇمپىسى يوق كەيگەن قالپىقى چوڭ . بەزىسنىڭ گۇمپىسى بولسىمۇ تۇتقان كۆرسىتىدىغان سەھنە يوق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 16:18:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانچىستىر بىرلەشمىسى بۇلانكنى تەكلىپ قىلدىغاننىڭ گىپى باغۇ خەنچە توربەتلەدە،  پاژىر ھەيدەپ قالسا ئالۋاستىغا كەلسۇن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 16:23:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلارنىڭ ئىرىشكەن نەتىجىسى، ۋاقتى كەلگەندە نولگە تەڭ بولدىكەن، رەھىمسىز دۇنيا.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 16:25:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىلىرىنىڭ ئىشتىن چۈشۈش مۇمكىنچىلىقى تۆۋەن  بۇلارنىڭ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 16:27:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئەنچىلوتى بىلەن كىلوپ بىر ئالمىشىپ باقسىمۇ بۇپتىكەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 06:59

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش