akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1189|ئىنكاس: 20

دۇنيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسى (2015.3.18)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    2018-يىللىق رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى ئاسىيا رايۇنى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ 1-باسقۇچلۇق 2-ئايلانما سالاھىيەت مۇسابىقىسى تۈنۈگۈن ئېلىپ بېرىلدى. 5كوماندا 40كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىش سالاھىيتىگە ئېرىشتى. (يەمەن بىلەن پاكىستاننىڭ مۇسابىقىسى كېچىكتۈرۈلدى. ئەمما نەزەرىيە جەھەتتىن يەمەن 40كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىپ بولدى)

       2018-يىلى دۇنيا لوڭقىسى ئاسىيا رايۇنىدىن تۇنجى بولۇپ تاللانغان كوماندىلار
     شەرقىي تېمۇر،   كامبودژا،    بۇتان،    جۇڭگۇ تەيۋەن،    ھىندىستان،    يەمەن\ پاكىستان

   ئاسىيا رايۇنى ئالدىن تاللاش 40 كۈچلۈك مۇسابىقىسى 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلىنىپ 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. 40كۈچلۈككە چەك تارتىش  4-ئاينىڭ 14-كۈنى ئېلىپ بېرىلىدۇ .
    ئاسىيا رايۇنى ئىككىنچى ئايلانمىدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئالدىن تاللاش 40 كۈچلۈك مۇسابىقىسى ئوينايدىغان كوماندىلار ئاۋال سەككىز كىچىك گۇرۇپپىغا بۈلۈنىدۇ. ھەر بىر گۇرۇپ بەش كوماندىدىن تەركىپ تاپىدۇ. بۇ گۇرۇپپىدا كەسكىن مۇسابىقە ئويناش ئارقىلىق، سەككىز گۇرۇپپىدىكى بىرىنچى بولغان كوماندا ۋە نەتىجىسى ئەڭ ياخشى، شۇنداقلا گۇرۇپپىدا ئىككىنچى بولغان تۆت كوماندا تاللاپ چىقىلىدۇ.  بۇ كوماندىلار ئۈچىنچى ئايلانمىغا قەدەم قۇيۇپ 12 كۈچلۈك مۇسابىقىسى ئوينايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ كوماندىلارنىڭ ھەممىسى بىۋاستە 2019-يىلىدىكى ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ چەمبىرىكىدىكى مۇسابىقە ئويناش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ.

               
                شەرقىي تېمۇر 5-1 موڭغۇلىيە  
                      003.png
      موڭغۇلىيە كوماندىسى 1-ئايلانمىدا 4-1 ، 2-ئايلانمىدا 1-0  (ئومۇمىي نەتىجە 5-1)  ئۇتتۇرۇپ 2018-يىلى دۇنيا لوڭقىسى تاللاش باسقۇچتىكى تۇنجى بولۇپ شاللانغان كوماندا بولدى

                           كامبودژا 5-1 جۇڭگۇ ئاۋمېن  (ئومۇمىي نەتىجە)
                        0002.png
         جۇڭگۇئاۋمېن كوماندىسىمۇ 40كۈچلۈككە قاتارىغا كىرەلمىدى.

                               جۇڭگۇ تەيۋەن 2-1 بۇرۇنىي (ئومۇمىي نەتىجە)
                      0004.png
        جۇڭگۇ تەيۋەن كوماندىسى 1-ئۇچرىشىشتا ئۆزمەيدانىدا ئۇتتۇرۋەتكەن بولسىمۇ، 2-ئۇچرىشىشتا رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىپ ئوڭۇشلۇق ھالدا 40كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى.

                               ھىندىستان 2-0 نىپال  (ئومۇمىي نەتىجە)
                        0005.png
      ئوخشاشلا ھىندىستان كوماندىسىمۇ رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىپ 40كۈچلۈك قاتارىغا كىردى.
  
                                 بۇتان 3-1 سىرىلانكا (ئومۇمىي نەتىجە)
                     0001.png

                                   يەمەن 3-1 پاكىستان
                   0006.png
     يەمەن كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا غەلبە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما 2-ئۇچرىشىشتا ساھىبخان پاكىستاننىڭ مەيدانىدىكى بىخەتەرلىك مەسلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ مۇسابىقە ۋاقتى كېچىكتۈرۈلدى.


  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 14:05:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇخىل تاللاش، ‹‹دۇنيالوڭقىسى›› غا قاتنىشىدىغان ئاجىز-كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ رىقابەت كۈچىنى قاتتىق سىنايدىغان تاللاش بۇلۇپ قېپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 14:16:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگۇ تەيۋەن،جۇڭگۇ شىياڭگاڭ،جۇڭگۇ ئاۋمىن كوماندىللىرى خەلقئارا پۇتبولچىلار جەمىيىتىگە قاچان ئەزا بولىۋالغان بولغۇيتى دەيمەن.
جۇڭگۇغا قىتىلىشتىن بۇرۇن قىتىلغان بولغۇيمىتى يا،ئۇنىڭدىن كىيىن قىتىلغان بولغۇيمىتى؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 14:32:39 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ankar528 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-18 14:16
جۇڭگۇ تەيۋەن،جۇڭگۇ شىياڭگاڭ،جۇڭگۇ ئاۋمىن كوماندىللىر ...

بۇرۇن ئەنگىلە بىلەن پورتىگالنىڭ قولىدىكى چاغدا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 14:33:48 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگۇ جۇڭگۇچۇ(چوڭ قۇرۇغلۇق)نى دەيمەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 14:34:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۆلىتىمىزنىڭ ئ‍ايرىلماس بىر قىسىملىرىنىڭ كۇماندىلىرى ئ‍ايرىمكەن ھە؟ جۇڭگو كۇماندىسىدىن بۇرۇن دۇنيا لوڭقىسى بېلىتىنى ئ‍ېلىۋالسا، ئ‍اپلا چاتاق بولدى دەپ قالىدىكەنمىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 14:44:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاغىستاي120 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-18 14:34
دۆلىتىمىزنىڭ ئ‍ايرىلماس بىر قىسىملىرىنىڭ كۇماندىلىرى ...

مۇشۇنداق بولسىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ، بىرەسى بولسىمۇ كىرسە جۇڭگو ئۈچۈن شەرەپ ئەمەسمۇ. دۆلىتىمىز ھەقىقەتەن قاقۋاشكەن بىر مۇسابىقىگە ئۈچ كوماندا قاتناشتۇرالىغاندىكىن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 14:59:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېمەك ، ئاسىيا رايونىدىكى زور كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىكەن . ئىۋۇ پاكىستان  ،ھىندىستاندىكىلەرمۇ بەل تولغاپ ئۇسسۇل ئويناپلا يۈرمەي پۇتبولنىمۇ تېپىپ باقىلى دېگەن چېغى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 15:11:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خەۋەركەن . موڭغۇللارنىڭ  بىرىنجى بولۇپ شاللانغانىقى پوتبۇل تەرەققىياتىنىڭ 0 بولۇپ ئىسپاتلانغانلىقى كۆرۈۋالغىنى بولىدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 15:40:07 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 15:41:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۆلىتىمىز كوماندىسى 40 كۈچلۈككە بىۋاستە كىرگەننىڭ گېپى بار.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 15:58:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۆلىتىمىزگە ۋاكالەتەن ئۈچ كوماندا قاتنىشىدىكەن لىكىن يەنىلا ھەي..................................!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 02:10

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش