akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2501|ئىنكاس: 128

چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى خەۋىرى ( 2015-3-18 )

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
          043949bti4ch8fcfdsguaa.jpg

  2015 - يىلى 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى سەھەردە 2014 -2015 - يىللىق ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ 8 كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىنىڭ 2-ئۇچۇرشىشى ئوينالدى ، نەتىجىلەر تۆۋەندىكىچە :

موناگو0    -    2 ئارسىنال

ئىنگلاند زەردارى ئارسىنال كوماندىسى مېھمان بولۇپ موناگو كوماندىسى  بىلەن تۇتۇشتى ، مۇسابىقە باشلىنىپلا كەسكىن ئىلىپ بېرىلدى ، مۇسابىقە باشلىنىپ 36 مىنۇت بولغاندا ئارسىنال  توپچىسى گىرود بىرتوپ ئۇردى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە  1 - 0 نەتىجە بىلەن ئاياغلاشتى .كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ موناگو كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم سېپى ئانچە كۈچ بىرەلمىدى، مۇناگو توپچىلىرىنىڭ خاتالىق سادىر قېلىشىمۇ كۆپ بولدى. 79 مىنۇت بولغاندا رامسەي بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 2-0گە ئۆزگەرتتى، شۇنىڭ بىلەن ئارسىنال كوماندىسى پۈتۈن سەپ بىلەن ھۇجۇمنى كۈچەيتتى،موناگو كوماندىسىمۇ پۈتۈن سەپ بۇيىچە مۇداپىيەگە ئاتلىنىپ 90مىنۇتلۇق مۇسابىقە 2-0نەتىجە بىلەن ئاياغلاشتى. ئالدىنقى قېتىملىق ئۇچىرشىشتا ئارسىنال ئۆزمەيدانىدا 1-3 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ بولغان .ئاخىردا ئىككى تەرەپ ئومۇمىي توپ سانىدا 3-3نەتىجە بىلەن تەڭلەشتى.ئەمما ئارسىنال نىڭ مېھمان مەيدانىدا كىرگۈزگەن تۇپى ئاز بۇلۇش سەۋەبى بىلەن شاللىنىپ كەتتى.موناگو كوماندىسى 8كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىپ كەتتى.



مادرىد ئاتلېتىكا 1-0 لىۋىرىكسۇن

يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى كۈچلۈك كوماندا مادرىد ئاتلېتىكا كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا گېرمانىيە بىرلەشمىسىدىكى لىۋىرىكسۇن  كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. مۇسابىقە باشلىنىپلا ھەرئىككىلا تەرەپ قاتتىق مۇداپىئە قىلىپ ئوينىدى، مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا مادرىد رىقابەت ۋارتارى يارىلىنىپ زاپاس ۋارتار ئورنىغا ئالماشتى.مۇسابىقىنىڭ 27-مىنۇتىدا مادرىد رىقابەت توپچىسى مارىئو.سۇيارىز چەكلەنگەن رايون سىرتىدىن بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 1-0 گە ئۆزگەرتتى.شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ نىڭ مۇداپىئەسى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە 0-1نەتىجە بىلەن ئاياغلاشتى، كىيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 82-مىنۇتتا مەنزۇنىچ نىڭ ئورنىغا تورىس ئالمىشىپ مەيدانغا چىقتى، ئىككى تەرەپ قاتتىق تىركەشكەن بولسىمۇ توپ كىرگۈزەلمىدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە جەمئىي 10 تال سېرىق كارتا چىقىرىلدى .ئومۇمىي نەتىجە 1-1نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالغاچقا ،30مىنۇتلۇق قوشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقە ئوينىدى، ئىككى تەرەپ يەنىلا توپ كىرگۈزەلمەي ئاخىردا نۇقتا توپ تېپىش باسقۇچىغا كىردى.
نۇقتا توپ جېڭىدە مادرىد رىقابەت كوماندىسى 4-3 نەتىجە بىلەن  لىۋىرىكسۇن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ 8كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى.


پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 08:22:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچتىكى مۇسابىقىدە بارسىلونا2 -0مانچىستىر شەھىرى ،دورتىمۇندو1 -يۇۋىنتۇس0 بولىدىغاندەك چىراي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 07:22:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي  ۋىنگىر   ھەي  ۋىنگىر    نىمىشقىمۇ  3  :  1   نەتىجە بىلەن  ئۇتتۇرۋەتكەن بولغۇيتىڭ   
ئېي موناكو  دىگەن   كۇلۇپ  قانداق قىلىپ    ئۇتقان  بولغۇيتى........  ئەپسۇس      ئاخشام    ئارسىنالنىڭ  ئىپادىسى  ھەقىقەتەن  ياخش بولدى     گەرچە   شاللانغان بولسىمۇ   ئارسىنالغا   ھۆرمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 07:19:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتلىتكو مادرىتنىڭ كىرىدىغىنى ئىشىنەتتىم ، لېكىن ئارسېنال قانداق بولا دەپ مۇسابىقىسىنى كۆرسەم ، خىلى كۈچەپ قويدى . شۇنداق بولسىمۇ ئاخىرىقى باسقۇچقا قەدەم قويالماي شاللىنىپ كەتتى . زادى ئارسېنالنىڭ پەقەت تەلىيى يوقكەن . ئەمدى بۈگۈن شەھەر بىر تەرەپ بولۇپ قالسا ، ئېنگىلاتنىڭ كۇلۇبلىرى ئۇزغۇنلۇقتىن پاكىز تازلىنىدۇ  .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 07:34:10 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 07:35:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىردا ئىككى تەرەپ ئۇمۇمى توپ سانىدا 3-3نەتىجە بىلەن تەڭلەشتى.ئەمما ئارسىنال نىڭ مېھمان مەيدانىدا كىرگۈزگەن تۇپى ئاز بۇلۇش سەۋەبى بىلەن شاللىنىپ كەتتى
مۇشۇ مىھمان مەيدانىدا توپ كەتكۈزۈشنىڭ ئومومى نەتىجە بىلەن قانداق باغلىنىشى با بىلسەڭلە چۈشەندۈرۈپ قۇيوڭلا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 07:46:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2009-يىلى ئارسىنال ئۇزغۇنلۇقتا يېرىم ھەل قىلغۇچقا كىرىپ، يېرىم ھەل قىلغۇچتىكى ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە 0:1 ، 1:3، ئومومى نەتىجە 1:4 بىلەن مانچىستىر بىرلەشمىسىگە ئۇتتۇرۇپ قويۇپ شاللىنىپ كىتىپتىكەن.
2010-يىلى سەككىز كۈچلۈك قاتارىغا كىرىپ ساھىپخان ئويناپ 2:1 نەتىجە بىلەن بارسانى ئۇتۇپ، مىھمان مەيداندا 1:4 بىلەن شاللىنىپ كېتىپتىكەن.
شۇنىڭدىن كىيىنكى يىللىرى  2011، 2012، 2013، 2014، 2015 ئۇدا بەش يىل ھەر يىلى گورۇپپىدىن بىر ئاماللارنى قىلىپ چىقىدىيۇ، 16 كۈچلۈكتىن 8 گە كىرىشتە موللاق ئاتىدۇ.  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 07:52:41 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زېرەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-18 07:54  
AZ98 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-18 07:35
ئاخىردا ئىككى تەرەپ ئۇمۇمى توپ سانىدا 3-3نەتىجە بىلەن ت ...


مېھمان مەيداننى خەقنىڭ ساھىبخان مەيدانىغا بېرىپ ئوينايدىغان گەپ، ساھىبخان مەيداندىكى مەستانىللەرنىڭ كۆپىنچىسى ساھىبخان كوماندىنىڭ مەستانىلىرى بولىدۇ ئەلۋەتتە، مەستانىلەرنىڭ ۋارقىرشى قارشى تەرەپكە بېسىم بولسا، ساھىبخانغا كۈچ بولىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 07:53:43 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لېۋۇركۇسىننىڭ مۇسابىقىسى قىززىغاندەك قىلىدۇ، كىسلىڭ دېگەن ئاداش يوق بوپ كەتكەن، مانا ئەمدىلىكتە نۇقتا توپ ئۇرالمىدى دەپ خەۋەرگە چىقىپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 07:55:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىل ياكى سانچىس بىر توپ ئۇرۋەتكەن بولسا  .... ھەي ئارسېنال ئۆز مەيدانىڭدا مۇشۇنداق ئوينىغان بولساڭ بۇ شاللىنىشمۇ بولمايتتى.

ئاتلېتېكا -لىۋىركۇسىن ئىككىلا كوماندا زور كۈچەپ كېتىپتۇ، رەھىمسىز نۇقتا توپ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 07:56:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارسىنالنىڭ نەتىجىسى ئويلىغىنىمنىڭ ئۆزىلا، لېكىن ساھىبخان تۇرۇپ ئۈچنى يېگىنى ئېغىر كەلدى، قارىغاندا ئېنگىلاند كۇلۇپلىرى مېھمان مەيداندىكى توپقا تايىنىپ شاللىنىدىغان چىراي، مۇشۇ بويىچە بولغاندا بۈگۈنكى نەتىجە 1-0 شەھەر ئۇتىدۇ ئەمما شاللىنىدۇ ھا ھا ھا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 08:02:37 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارسېنالنىڭ  بوش  كەلمەيدىغانلىقىنى   بىلەتتىم  بۇمەيدان   لىكىن    مونوكانى   شاللىشىغا   ئىشەنچ   قىلالمايتتىم    چۈنكى    بەك  كۆپ  توپئىستىمال   قىلىۋالغان     ئۆزنى ئۆيىدە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 08:07:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىكىن    اتلىتكا   بىلەن     لېۋېرسكۇننىڭ   بەك   قىززىپتۇ   نىمە  دىگەن  جېق    سېرىق   كارتا  ئۇ      شۇنداق    قىلىپ      ئېنگېلاند تىن      شەھەرلام    قالدىما       لىكىن   شەھەرمۇ         بارسېلونانى        شاللامماسلىقى  مۇمكىنې
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-24 20:19

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش