akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1089|ئىنكاس: 26

شىنجاڭدا تۇنجى ئاياللار كەسپىي پۇتبول كوماندىسى قۇرۇلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
4487fcd79e39167238a928[1].jpg

  شىنجاڭ ‹‹قارلىق چوققا›› ئاياللار پۇتبول كوماندىسى كۇلۇبىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى 17-مارت ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. نۆۋەتتە، بۇ كۇلۇبتا بەش تىرېنېر، 30 كوماندا ئەزاسى بار بولۇپ، كوماندا ئەزالىرى شىنجاڭ تەنتەربىيە كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ، قازاق، موڭغۇلدىن ئىبارەت بەش مىللەتتىن بولغان ئوقۇغۇچىلاردىن تەركىب تاپقان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ ئاياللار پۇتبول كوماندىسى شىنجاڭدا قۇرۇلغان تۇنجى ئاياللار كەسپىي پۇتبول كوماندىسى بولۇپ، ئۇلار مۇشۇ ئاينىڭ 21-كۈنى شىنجاڭغا ۋاكالىتەن نەنجىڭغا بېرىپ 2015-يىللىق 1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياللار پۇتبول ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ئارقىدىن 2016-يىلىدىكى مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار تۈرى بويىچە U16 بىرلەشمە مۇسابىقىسى، 2017-يىلىدىكى مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار پۇتبول مۇسابىقىسى ۋە 2020-يىلىدىكى مەملىكەتلىك ئاياللار دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشنى قولغا كەلتۈرۈشنى پىلانلاۋېتىپتۇ.

4487fcd79e39167238b42b[1].jpg 4487fcd79e39167238b42a[1].jpg 4487fcd79e39167238b42c[1].jpg 4487fcd79e39167238b42d[1].jpg

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +100 يىغىش سەۋەبى
hasrat + 50 قوللاش!
ئايقۇت + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 09:06:42 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىران پۇتبولىدەك ياكى سائۇدى پۇتبولىدەك بولمىغان بۇ ئاياللار پۇتبولىنى قوللاشقا مەندە بىلەت يوق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 02:16:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ripir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-18 02:17  
isyanqi يوللىغان ۋاقتى  2015-3-18 01:42
قوللاش ئۇياقتا تۇرسۇن، ياراتمىغاندەك گەپ قىۋاتىدىيا م ...


سىز ئۇنداق  دىگەن بىلەن ئۇلار  مۇسابىقىدىن   چۇشۇپ   ھىرىپ   ئىچىپ  قايتىپ  كەلگەندە   تاماق   بىلەن  چاينى    كىم تەييار  قىلىدۇ   ؟   بەلكى    ھازىر   ئاتا ئانىسى   قىلا      كەلگۇسىدىچۇ    ؟    بەلكى  ئۇچاغدا  ئۇلار  توپ  ئوينىماس   ..   لىكىن    قۇشقاچنىمۇ   قاسساپ  سويغىنى تۇزۇك   
ئەرلەر    ئوغۇللار    قىلىدىغان  ئىشلارنى   چوقۇم  شۇلار  ئۆزىلىرى  قىلسۇن       ئاياللار   قىزلار    قىلىغان   ئىشلارنىمۇ     شۇلار   ئۆزلىرى   قىلسۇن     
  بىز   ئۆيدە  ئولتۇرۇپ   ئاش تاماق  ئەتسەك    ئۇلار    سىرىتتا    توپ  تەپسە ياكى    باشقىلار   .بۇ   .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 08:40:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقا ئىشقۇ مەيلى قىزلىرىمىزنىڭ يوتىلىرى ئېچىلىپ قالمىسىكەنلا دەيمەن ئەمدى . ئشتاننىڭ ئۇستىگە پايپاق تاتىپ ئوينامدۇ يا قىزلا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 01:03:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللار دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى قۇرۇلدىغان ئوخشىمامدۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 01:04:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ripir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-18 01:06  

بۇ  خېنىملىغا نېم با  ئەمدى     ئوغاۋاللىرىمىز ئويناپ بولالمايۋاسسا  بو  پۇتبول دىگەننى  
خەير بوپتۇ    بۇلىمۇ ژىقىلىپ قوپۇپ  توختاپ قالا  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 01:11:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۇررا قىزچاقلار بىرگادىسى ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 01:17:39 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
@Messi يوللىغان ۋاقتى  2015-3-18 01:11
ھۇررا قىزچاقلار بىرگادىسى ...

قىزچاقلىغا بەكرەك كۇچاپ مەدەت بىردىكەنسىلە ھە!  ھى ھى ھى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 01:19:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ رەسىمدە بىر جۇۋان كۆزيېشى قىلىپ كىتىپتۇ.ئىھتىمال بۇ قېتىمقى مۇراسىمدا ،نۇتۇق سۆزلىگەن رەھبەر بەك گەپدان ئادەم ئوخشايدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 01:23:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يائاللا ماۋۇ ئىشنى،قىزلار پۇتبول ئويناپ نىما قىلار ۋالبول،ۋاسكىتبول ئاز كەپ قالغاندەك،توپ تېپىمىز دېگۇچە تانا سەكرەپ،چىنپاي،قاشىم توپلىرىنى ئوينىسچۇ تەنتەكلەر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 01:27:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرىجىدىن تاشقىرى دىگەننى كۆرۈپ ئوھوي دىسەم ، كەينىدە پىلان تۇرمامدا   . بوپتۇ بۇمۇ شىنجاڭغا نىسبەتەن بىر يىڭىلىق بوپ قالغۇسى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 01:42:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   isyanqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-18 01:43  

قوللاش ئۇياقتا تۇرسۇن، ياراتمىغاندەك گەپ قىۋاتىدىيا ماۋۇ باللا.  قىزلار بولسا نېم بوپتۇ؟ بۇمۇ بىزنىڭ پۇتبولچىلىقىمىز ئۈچۈن بىر مەدەت، ئېلھام بولىدۇ. قىزلار تەپكەن توپنى بىز ئوغۇللار تېپەلمەيىمىزمۇ دەپ ئۆزلىكىدىن ئويغىندىغان، قىزىقىشنى قوزغىتىدىغان بىر ھالەت شەكىللەنسە بىزدىكى پۇتبول قىزغىنلىقى ھەم خەلقىمىزنىڭ تەنتەربىيە كەسپىگە بولغان كۆز-قارىشى، ساپاسى ئاشىدۇ.... ئىشقىلىپ زىيىنى يوق دەپ ئويلايمەن.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
ئايقۇت + 50 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 02:07:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزلارنى ياراتمىغان بىلەن خىلى ياخشى تىپىدىكەن قىزلارمۇ ،بىز ئۇغۇللار  ئارىسىدا پۇتبولنى كۆسە بىشى ئاغرىيدىغان خېنىم مىجەزلارمۇ بار، ئىشقىپ شۇلاردىن ياخشى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-18 02:44:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما گەپ يوللوق        
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-24 19:48

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش