ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 4380 |
تۆھپىسى: سەر |
|
مانچېستىر شەھىرى كوماندىسى مەشقاۋۇلى پىلەنگېرى تېرنىرلىق ھاياتىدا بارسېلونا كوماندىسى بىلەن جەمئىي 12قېتىم تۇتۇشۇپ پەقەت 1قېتىم غەلىبە قىلغان ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقە نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشى ئۇنىڭ كىيىنكى مانچېستىر شەھىرى ھاياتىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
دىيارىمىز ۋاقتى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى ئەتىگەن سائەت 1:45 مىنۇت ئۆتكەندە ،ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ 8كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىنىڭ 2-ئۇچۇرشىشىدا ، پىلەنگېرى ئۆزقۇشۇنننى باشلاپ نوكامپو پۇتبول مەيدانىغا كېلىپ ،كوماندىسىنىڭ ھەم ئۈزۈنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ھەل قىلغۇچ بىر مەيدان مۇسابىقىنى ئوينايدۇ.
لېكىن پىلەنگېرى نىڭ نوكامپو پۇتبول مەيدانىدىكى نەتىجىسى ئەزەلدىن ياخشى ئەمەس ، پىلەنگېرى ئەينى يىللىرى پەقەت ئىسپانىيە ۋېللارىئال كوماندىسىنى يېتەكلەپ بارسېلونا كوماندىسى ئۈستىدىن بىر قېتىم غەلىبە قىلغان، خانلىق مادرىد ، مالاگا ، مانچېستىر شەھىرى قاتارلىق كوماندىلارنى يېتەكلەپ نوكامپو پۇتبول مەيدانىدا بارسېلونا كوماندىسىنى يېڭىپ باقمىغان.
پىلەنگېرى 2004/2005-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ئىسپانىيە ۋېللارىئال كوماندىسىغا تىرېنېر بولغان.شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ھازىرغىچە بۇ چىلىلىق ئىنجىنىر جەمئىي 12قېتىم قوشۇن باشلاپ، بارسېلونا كوماندىسى بىلەن نوكامپو پۇتبول مەيدانىدا ئېلىشىپ باققان.نەتىجىدە 1مەيدان غەلىبە قىلىش،3مەيدان تەڭلىشىش،8مەيدان مەغلۇپ بولۇشتەك ئەھۋالغا يۇلۇققان.14توپ كىرگۈزۈپ ،30توپ كەتكۈزگەن،بۇنىڭ ئىچىدە ئىسپانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە 9قېتىم تۇتۇشقان،شاھلىق لوڭقىسىدا 2قېتىم ،ئۇزغۇنلۇقتا 1قېتىم تۇتۇشقان.پىلەنگېرى نىڭ بارسېلونا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان ۋاقتى بولسا 2007/2008-يىللىق بىرلەشمە مۇسابىقىدە 2-1نەتىجە بىلەن نوكامپو پۇتبول مەيدانىدا بارسېلونا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان. ئەينى چاغدىكى بارسېلونا تېرنىرى بولسا لېچكارد ئىدى .
ئەھۋال يۇقىرىقىدەك، مانچېستىر شەھىرى كولۇبىمۇ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ بىۋاسىتە پىلەنگېرى نىڭ كەلگۈسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭغا ئۇقتۇرۇش قىلغان. قېرىشقاندەك ئالدىنقى ئۇچىرشىشتا ئۇتتۇرۇپ قۇيدى، بۇ قېتىم بۇ ئادەم بەك چوڭ بېسىم ئىچىدە قالدى.
پىلەنگېرى بۈگۈن بارلىق توپچىلىرىنى يىغىپ ئۇلارغا ئىدىيەۋى -تەربىيە ئىشلەش بىلەن بىرگە ،قانداق قىلغاندا نوكامپو پۇتبول مەيدانىدا بارسېلونا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغىلى بولىدۇ دېگەن مەزمۇندا مۇلاھىزە ئېلىپ بارغان. پىلەنگېرى باش بولۇپ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان.يەنى توپچىلارنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە قاتتىق سۇغۇققان بولۇپ كارتا ئىستېمال قېلۋېلىشتىن ساقلىنىش.
بۇنىڭ ئۈچۈن بارسېلونا كوماندىسى ئەزالىرىنى مۇداپىئە قىلغاندا قاتتىق سەگەك بۇلۇش ،ئەھۋالغا قاراپ كوللېكتىپ مۇداپىيەنى ئاساس قېلىش، ھەرگىزمۇ يەككە ھالدا ئۇلارنى مۇداپىئە قىلىپ چاتاق چىقىرىشتىن ساقلىنىش،چۈنكى بارسېلونا توپچىلىرى بەك ھېلىگەر،ھەم ئۇلارنىڭ ئالداپ ئۆتۈش تېخنىكىسىمۇ يۇقىرى،شۇڭا مۇداپىيەدە قاتتىق سۇغۇققان بۇلۇشىمىز لازىم، چۈنكى ئالدىنقى مەيداندا مۇداپىئەچى كىرىش قىزىل كارتىغا ئېرىشىپ بىزنىڭ بۇ قېتىمقى سەپ شەكلىمىزگە نىسبەتەن بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى. بۇ قېتىم بارسېلونا كوماندىسىنى شاللىۋېتىشىمىز تامامەن مۇمكىن،چۈنكى بارسېلونا كوماندىسىنىڭ ھازىرقى ئەمەلىي كۈچى دۇنيا بۇيىچە ئەڭ ئالدىدا ئەمەس،2-دېسەكمۇ خېلى يۈزىنى قىلغان بولىمىز،باشقا كوماندىلارغا نىسبەتەن ئۇلاردا مېسسى ،نىيمار ،سۇيارىزلار يوق، بارسېلونانىڭ ھازىرقى ئالاھىدىلىكى شۇ. بىراق مۇسابىقە مەيدانىدا توپنى 11 ئادەم تىپىدۇ،ئەگەردە بۇ قېتىم ئۇلار بىزنى شاللىۋەتسە ،سەۋەبى ئۇلارنىڭ بىزگە قارىغاندا قالتىس ئىكەنلىكى، ئەكسىچە بولغاندا بىز ئۇلارنى شاللىۋەتسەك،سەۋەبى بىزنىڭ ئۇلاردىن قالتىس ئىكەنلىگىمىز. |
|