akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1826|ئىنكاس: 43

ئوزغۇنلۇق تارىخىدىكى 7 چوڭ تەتۈر نەتىجە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى 3:45 مىنۇت ئۆتكەندە 2014-15-يىللىق ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى باشلىندىغان بولۇپ،موناكو ساھىبخان مەيداندا ئارسىنالنى كۈتۈۋالىدۇ،مەستانىلەر ئارسىنالنىڭ 16كۈچلۈكتىن چىقىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقان بولۇپ نەزەرىيە جەھەتتىن ئارسىنالنىڭ 8كۈچلۈككە كىرىش ئېھتىماللىق ناھايىتى تۆۋەن بولسىمۇ  ئەمما تارىختا بۇنداق تەتۈر نەتىجىلىك مۇسابىقىلەر خېلى كۆپ تەكرارلانغان.تۆۋەندە مەن شۇ 7 چوڭ تەتۈر نەتىجىلك مۇسابىقىنى تۇنۇشتۇرمەن.

1. acمىلەن-لاكرونىيە(2003-04 پەسلىك)(4-1;0-4)

لاكرونىيە ھازىر ئىسپان بىرلەشمىسىدىكى بىر قەدەر ئاجىز كوماندىلار قاتارىدىن سانىلىدۇ،ھەتتا بەزى ۋاقىتلاردا دەرىجە ساقلاش رايونىدا جان ساقلاپ يۈرىدىغان كوماندىلاردىن،ئەمما بۇندىن 10 يىل ئەۋۋەل لاكرونىيە ياۋروپا زەردارى مىلەننى يىقىتالىغان،2003-04-يىللىق يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە مىلەن ساھپخان مەيداندا لاكرونىيەنى 0:4 نەتىجە بىلەن ئۇتۇپ كىيىنكى مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسىنى مۇقۇملاشتۇردۇ،پۈتكۈل لاكرونىيە مەستانىلىرى سان-سىرودىن قاتتىق ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئايرىلىدۇ،ئەمما ئىككىنچى ئۇچرىشىش كابىلى توپ مەيدانىدا ئوينىلىپ ئالدىنقى يېرىم مەيداندا پاندىيان،ۋولىرون،لوك قاتارلىقلار بىردىن توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 3:0 قىلىدۇ،كىيىنكى يېرىم مەيداندا فورلان بىر توپ ئۇرۇپ 4:0 نەتىجە بىلەن مىلەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ ئومۇمىي نەتىجە 5:4 ئارقىلىق مىلەننى شاللىۋىتىش بىلەن بىرگە مەستانىلەرنى قاتتىق خۇشال قىلۋىتىدۇ،بۇ تارىختىكى ئەڭ چوڭ ئەكس نەتىجىلىك مۇسابىقلەرنىڭ بىرى.


201503171551443227.jpg

2.خانلىق مادرىد - موناكو  (2003-04-پەسىللىك)(4-2;1-3)

2004-2003-يىللىق ئوزغۇنلۇق مۇسابىقىسى ھەقىقىي تۈردىكى قارا يۇمۇر مودا بولغان پەسىل دېيىشكە بولىدۇ،بۇ پەسىلدە لاكرونىيە-مىلەن قارا يۇمۇرىدىن سىرت يەنە ئىسپانىيەدىكى يەنە بىر زەردار خانلىق مادىرىدمۇ ئوخشاش قىسمەتكە دۇچ كەلدى،فىرانىسيە بىرلەشمىسىدىكى موناكو كوماندىسى برنابودا 4:2 نەتىجە بىلەن خانلىق مادرىد تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى،ئەمما 2- ئۇچرىشىشتا مادرىد تامامەن مەغلۇبىيەتكە يۈزلەنگەن ئىدى،ئۇلار موناكونىڭ ئىجارە ئالغان مورانتى توپ مەيدانىدا 3 توپ كەتكۈزۈپ قۇيۇپ،ئاخىرلىشىدىغانغا ئاز ۋاقىت قالغاندا بىر توپ ئۇرۇپ ئومۇمىي نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى،تولىمۇ ئەپسۇس موناكونىڭ مېھمان مەيداندا ئۇرغان توپ ئەۋزەللىكى بىلەن خانلىق مادرىد ئېچىنىشلىق شاللىنىپ كەتتى،ئەمما موناكونىڭ ھەل قىلغۇچتىكى قەدىمى مورىنھو باشچىلىقىدىكى پورتو كوماندىسى تەرىپىدىن توسۇپ قېلىندۇ.بۇ بولسا خانلىق مادىرىتنىڭ 5 يىل ئىچىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرەلمەسلىك قەدىمىنىڭ بىر قىسىمى .......

201503171552119020.jpg

3.بارسېلونا - چېلسى (1999-2000-پەسىللىك)  (1-3;5-1)

2000-1999-پەسىللىك 8 كۈچلۈكنى تاللاش جېڭىدە بارسېلونا چلسىغا ئۇچراپ قالىدۇ،ئەينى دەۋردىكى چېلسى بىر قەدەر ئاجىز بولۇپ بارسېلونا بىلەن كۈچ سېلىشتۇرمىسى بىر قەدەر پەرىقلىنەتتى،ئەمما تۇنجى ئۇچرىشىشتا كۆك ئارمىيە سىتانفورىتتا بارسىلونانى 1:3 نەتىجە بىلەن ئۇتۇپ مەستانىلەرنى ئالەمچە شادلىققا چۈمدۈردۇ،ئەمما كىيىنكى ئۇچرىشىش كەمپىنودا ئوينىلىپ 1:5 نەتىجە بىلەن چلسىنى داغدا قۇيۇپ ئومۇمىي نەتىجە 6:4 بىلەن چېلسىنى شاللىۋىتىدۇ،ئەينى ۋاقىتتىكى چېلسى ۋارتارى خۇسەي ئەسلىمىسىدا مۇنداق دەيدۇ:بارسېلونا يۇپۇرلۇپ كەلگەن دولقۇنغا ئوخشاش ھەممىنى كۈپەككە ئايلاندۈرۋەتتى......

201503171552499511.png

4.چېلسى - بارسېلونا  (2004-05-پەسللىك)  (1-2;4-2)

4- چوڭ ئەكس نەتىجە يەنىلا شۇ بارسېلونا چېلسى ئوتتۇرىسىدا ئوينالغان مۇسابىقىدە بولۇپ 2004-05-پەسللىك ياۋروپا ئوزغۇنلۇق 8 كۈچلۈكلەرنى تاللاش مۇسابىقىسىدە بارسېلونا نوكەمپۇدا مورىنھو باشچىلىقىدىكى كۆك قوشۇننى كۈتۈۋالىدۇ،چېلسىنىڭ قاتتىق تىركىشىشى ئارقىلىق مېھمان ھالەتتە بىر توپ ئۇرۇپ 2:1 نەتىجە بىلەن بارسېلونا تەرىپىدىن مەغلۇپ بولىدۇ،ئەمما كىيىنكى ئايلانما بارسېلونا ئۈچۈن قارا چۈش بولۇپ قالىدۇ يەنى سىتانفورىد كوۋرۈكىدە مورىنھونىڭ غالىب قوشۇنى 19 مىنۇت ئىچىدە 3 توپ ئۇرۋىتىپ چلسىنىڭ 8 كۈچلۈككە كىرىش قەدىمىنى پۇختىلاپ بولغان شۇ قەدەمدە پۇتبول دۇنياسىدىكى تايچاق ئاتالغان رونالدىنھو بىر توپ مېسسىلار بىر توپ ئۇرۇپ بارسىلونغانىڭ ئۈمىد شامىنى قايتا باشتىن ياندۇردۇ، شۇم قىسمەت بارسىلونانى ئاخىرى تىز پۈكتۈردى يەنى مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا نەچچە مىنۇت قالغان شۇ دەمدە كاپىتان تېررىنىڭ ئۇرغان كاللا توپى بارسىلونانى ئۈزۈل كېسىل مەغلۇپ قىلدى،چېلسى شۇ قېتىملىق نەتىجە بىلەن 2000-يىلدىكى قان قەرزىنى يۇيۋىتىدۇ.

201503171553048930.png


5.ئېنتىر مىلەن - بايرىن مىيونخىن (2010-11-پەسىللىك) (0-1;3-2)

2010-2009-يىلى مورىنھو باشچىلىقىدىكى ئېتىر مىلەن 0:2 نەتىجە بىلەن بايرىن مىيونخىننى مەغلۇپ قىلىدۇ،ئىككى كوماندا كېلەر يىلى يەنى 2010-11-پەسىللىك چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى 8 كۈچۈلكنى تاللاش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە قايتا ئۇچرىشىدۇ،تۇنجى ئۇچرىشىش ئنتىر ساھىبخان مەيدانى مىئاززادا ئوينىلىپ 1:0 نەتىجە بىلەن بايرىن غەلىبە قىلىدۇ،كىيىنكى ئۇچرىشىش بايرىن ساھىپخانلىقىدا ئوينىلىپ ئېنتىر ئارىئاندا 3 توپ ئۇرۇپ 2 توپ كۆتكۈزۈپ مېھمان مەيداندىكى ئۇرغان توپ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ بايرىننى يەنە بىر قېتىم شاللىۋىتىدۇ.

201503171553222467.jpg

6.ئاجاكىس - پاناسىنوكاس (1995/96-پەسىللىك)  (0-1;3-0)

1995-1994-پەسىللىك ياۋروپا چېمپىيونى ئاجاكىس،گوللاندىيە بىرلەشمىسىدىكى بۇ زەردەر يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە گىرتسىيە بىرلەشمىسىدىكى  پاناسىنوكاس كوماندىسى بىلەن ئۇچرىشىدۇ،تۇنجى ئۇچرىشىش ئاجاكىس ساھىبخان مەيدانىدا ئوينىلىپ 1:0 نەتىجە بىلەن قارشى تەرەپكە ئۇتتۇرۇپ قۇيىدۇ،ئەمما كېلەركى مەيداندا 77 مىڭ نەپەر ئاجاكىس مەستانىسى يەنە بىر قېتىملىق تەتۈر نەتىجىلك مۇسابىقىسىنىڭ شاھىتى بولۇپ قالىدۇ،ئاجاكىس مېھمان مەيداندا 3 توپ ئۇرۇپ قارشى تەرەپنى شاللاپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىدۇ،ھەل قىلغۇچتا يۇۋىنتىس بىلەن نۇقتا توپ جڭىغا سۆرىلىپ كىرىپ ئاخىرى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردۇ.

201503171553469392.png

7. چېلسى - پارىژ  سانىت گېرمان  (2014-2015-پەسىللىك)  (2-2;1-1)

2013-2014-پەسللىك ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ 8 كۈچلۈنى تاللاش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە چېلسى مېھمان مەيداندا 1:3 نەتىجە بىلەن پارىژ سانىت گىرمانغا  ئۇتتۇرغان بولۇپ كىيىنكى ئۇچرىشىشتا 2:0 نەتىجە بىلەن پارىژنى شاللاپ بىر قېتىملىق تەتۈر نەتىجىلىك مۇسابىقىنى تۈگەتكەن بولسا بۇ يىل يەنە بىر قېتىملىق ئەكس نەتىجىلىك بىر مەيدان مۇسابىقىنى ئويناپ تۈگەتتى،ئەمما ئوخشىمايدىغان يىرى بۇ قېتىم چېلسى شاللاندى،چېلسى مېھمان مەيداندا 1:1 تۈپەيلى  پارىژ بىلەن تەڭلىشىپ قالدى،پارىژ سىتانفوتتا 2:2 نەتىجە بىلەن تەڭلەشكەن بولسىمۇ  مېھمان توپ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ چېلسىنى شاللاپ ئالدىنقى يىلدىكى قەرزىنى ئالدى.

201503171554138943.jpg
KMP-DVD00026812-08-38.jpg

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +100 يىغىش سەۋەبى
باشئەگىم + 100 ئەجىر ...

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-17 19:13:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موناگونىڭ  ئاچايىپ  شاش  دەۋىرلىرى  بولغانكەن  ......مۇشۇنداق  نەتىچىلەر  مەستانىلەرنى   ھاياجانغا  سالدىغان  گۇزەل  مىنۇتلار   .بۇلۇپمۇ  ئاخىرقى  مىنۇتلاردا  توپ  ئۇرۇپ  غەلبە  قىلسا  .....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-17 18:43:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي تىروي بۇرادەر ئازراق مۇسابىقە فېلىمى بولۇپ كەتكەن بولسا ، ھەي ھەي ...
لىكىن ياخشى تېما بولۇپتۇ ئاخشام تېخى مۇشۇ ھەققىدە ئىزدىنىش نىيتىئەئە كىلىپ بولغان بۈگۈن سىللە كەمىنە بوۋاينىڭ يۇكىنى يېنىكلىتىپتىلا ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-17 18:46:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن كەچتىمۇ بۇ نەتىجە تەكرارلاندۇ دەپ ھېچكىم كېسىپ ئېيتالمايدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-17 18:54:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەيرىن  بىلەن  تاغىللارنىڭ  بىر  مۇسابىقدى  بولدىغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-17 18:56:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارسنالمۇ يۇقىرىقىغا ئوخشاش بىر سەرگۈزەشتىنى باشتىن كەچۈرسە دەپ ئويلايمەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-17 18:59:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنقى مەيداندا ئۇتتۇق دەپ بەك خوش بولغان كوماندىلا كىيىنكى ئۇچرىشىشتا نىمە بولغىنىنى بىلمەيلا قالىدىكەندە
ياخشى تېما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-17 19:02:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىلەن بىلەن باسانىڭكىنىمۇ يېزۋەتمەي ، مىلەن سانسىېرودا 2-0 باسانى يېڭۋالدۇ ، نوكەمپودا ۋارتار ئىشكىنى ئىسلاھات ئىشكىنى كەڭ ئاچقاندەك ئىچىپ 4-0يېڭىلىپ شاللىنىدۇ ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-17 19:06:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوۋاي يوللىغان ۋاقتى  2015-3-17 18:43
ھەي تىروي بۇرادەر ئازراق مۇسابىقە فېلىمى بولۇپ كەتكەن  ...

مۇسابىقە فىلىمىنى تېپىپ قىستۇرۇشقا تازا ئېرەن قىلىپ كەتمەپتىمەن...ئەمما سىز يازغان  تىمىلار فىلىم بىلەن تىما مەزمۇنى تېخىمۇ يۇرۇتۇلغان،تېخىمۇ ياخشى بېيىتلغان...مەنمۇ مۇشۇ تەرەپلەرگە دىققەت قىلسام بولغۇدەك
تەكلىپ بەرگىنىڭىگە رەھمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-17 19:09:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇشخۇي يوللىغان ۋاقتى  2015-3-17 19:02
مىلەن بىلەن باسانىڭكىنىمۇ يېزۋەتمەي ، مىلەن سانسىېرود ...

ئوھوي ماۋۇ ئىشلارنىڭ بىلمەي قاپتىمەن،بولمىسا يېزۋىتەتتىم ......
ئەمما شەھەر بىلەن بولغان مۇسابىقىدە نىمە ئىشلار يۈز بىرىدۇ قالغىنى خۇداغا ئامانەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-17 19:10:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق نەتىجىلەرنى يەنە تەكرارلانمايدۇ، دەپ كىسىپ ئېيتقىلى بولمايدۇ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-17 19:18:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ ئىدەمنىڭ يامانلىقىنى تاس قاپتىمەن مەنمۇ يازغىلى ، لىكىن ياخشى يىزىلىپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-24 19:51

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش