akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2314|ئىنكاس: 86

چىلسى ئىسپانىيەدىكى ئۈچ چولپاننى نىشانغا ئالدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تىڭشۈن تورى خەۋىرى .

چىلسى ئىسپانىيەدىكى ئۈچ چولپاننى نىشانغا ئالدى


ئەنگلىيە يۆتكىلىش تور بېكىتىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋرىگە قارىغاندا كۆك ئارمىيە چىلسى كۇلۇبى بۇيىل يازلىق يۆتكىلىش بازىرىدا ئىسپانىيە مادرىد ئاتلېتىكا كۇلۇبىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان ماھىرى كوكى ، خان مادرىد ئۇچقۇر تۇلپارى بىل  ، ياش تالانتلىق ئوتتۇرا بىك ۋارانىنى قوشۇۋېلىشنى نىشانلىغان . بۇ ئۈچ توپچىنى يۆتكەش ئۈچۈن چىلسى كۇلۇبى 140 مىليون فونىستىرلىڭ مەبلەغ چىقارماقچى بولغان .

u=2420500933,2167924340&fm=21&gp=0.jpg

چىلسى ئوتتۇرا مەيدانىدا فابرىگاس ، ئوسكار ، ئازار  ،  قاتارلىق تالانتلىق ماھىرلار بولسىمۇ كۇلۇب يۇقىرى قاتلىمى  ئوتتۇرا مەيداننى يەنىمۇ كۈچلەندۈرۈش ، ھۇجۇم بىلەن مۇداپىئە سۈپىتىنى تېخىمۇ مۇكەممەلىككە ئىگە قىلىش ئۈچۈن مادرىد ئاتلېتىكا ئوتتۇرا مەيدان ماھىرى كوكىنى نىشانلىغان  . كوكىنىڭ پۇت ئاستى ماھارىتى قالتىس بولۇپ مۇداپىيەگە قايتىشىمۇ ناھايىتى ياخشى  بولۇش سەۋەبىدىن باش مەشقاۋۇل مۇرېنھۇنىڭ بىرىنچى نىشانىغا ئايلانغان . بەلكىم بۇ ئىككى كۇلۇب ئوتتۇرسىدىكى سودا دوستلۇق مۇناسىۋىتى بۇ سودىنى ھۇجۇتقا چىقىرىشى مۇمكىن .



تېررىنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىپ قېلىشى كاشىرنىڭ سۇرئىتنىنىڭ ئاستىلىقى پارتلاش كۈچىنى ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن كۇلۇب تەرەپ ئىشەنچلىك ئوتتۇرا بىك ئىزدەم نىشاننى فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسى  ۋە خان مادرىد ئوتتۇرا بىكى ۋارانىغا قاراتقان . ئالدىنقى ھەپتە پى پىنىڭ توختام  ئۇزارتىشى  راموسنىڭ ساقىيىپ قايتىپ كېلىشى ۋارانىنى  مادىردتىكى كۈنلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىپ قويدى . ئەمدىلا 20 نەچچە ياشقا كىرگەن بۇنداق تالانتلىق ئوتتۇرا بىككە نىسبەتەن ئورۇندۇقا ئۇزۇن ئولتۇرۇش ياخشىلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ ئەلۋەتتە . چىلسى مەشقاۋۇلى مۇرېنھۇ مادىرىدتىكى ۋاقتىدا ۋارانىنى ئۆزى بايقاپ ئۆزى يېتىشتۈرگەن ، ۋارانىمۇ ئوچۇق ئاشكارا قىلىپ ئۆزىنىڭ چىلىسىغا قېتىلىش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن . بەلكىم ئۇستاز شاگىرىتلىق مېھرى  سەۋەبلىك بۇ سودىنىڭمۇ ھۇجۇتقا چىقىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى .



ئالدىنقى كۈنى ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىللىرى بەس- بەستە چىلسىنىڭ بىل بىلەن ئالاقىلاشقانلىقى توغرۇلۇق خەۋەر بەرگەن ئىدى . ئالدىنقى كۈنى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە خان مادىر رەقىبىنى مەغلۇپ قىلغان بولسىمۇ ئەمما رونالدۇ بىلنىڭ كىرگۈزگەن توپى سەۋەبلىك نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن . خان مادرىد مەستانىللىرىمۇ بىلنىڭ مۇداپىيەدە ئاكتىپ ئەمەسلىكىدىن پاس بەرمەسلىكىدىن نارازى بولۇشقان  .  ھازىرقى ئەھۋالدا خان مادىرىدنىڭ رونالدودىن ۋاز كىچىشى ناتايىن  ئۆزىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشى ۋە داڭلىق چولپانغا ئايلىنىش چۈشى  بەلكىم بىلنىڭ بېرنابۇدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن . ناۋادا چىلسى بىلنىڭ سودىسىدا پۇلنى ئايىماي خەجلەپلا قالسا ئېنىقكى سودىغا ماھىر فېلورىنتىنو بىلنى ساتماي قويمايدۇ .  پۇل ۋە يۇقىرىقى سەۋەبلەر  تۈپەيلى بەلكىم بۇ سودىمۇ ھۇجۇتقا چىقىپ قېلىشى مۇمكىن .



شۇنداق بولغاندا كوكى 40 مىليون ، ۋارانى30 مىليون بىل 70 مىليون فونىستىرلىڭ باھا بىلەن ھېسابلىغاندا چىلسى كۇلۇبى 140 فونىستىرلىڭ بىلەن يازلىق بازارنى يەنە بىر قېتىم قالايمىقان قىلىشى مۇمكىن . خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مالىيەدە ئادىل بولۇش سىياسىتى تۈرۈتكىسىدە بەلكىم چىلسىدىكى بىز ئويلاپ باقمىغان چولپانلار كۇلۇپتىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-17 14:32:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا كوكى دىگەن كۆك ماڭقىنىڭ رەسىمى چىقماپتىيا چوڭام تەھرىرلىۋەتسە ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-17 14:35:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
/  ناۋادا  بۇ  ئۈچ  ئادەم  چېلسىغا  كەلسە   سالاھ  كاھىل راملىس ئوسكار ۋېليەن   چىخ قاتارلىقلار ئورۇن  بوشتىشى  مۆمكىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-17 14:39:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىلسى ۋارانىنى ئالۋاستىدىن تالاشماي تۇسا بولاتتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-17 14:45:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋارانې  سېتىشقا  بولمايدۇ،  پې پې  قېرىپ  قالدى  ھەر  ۋاقىت ئ‍ىپادسى چېكىنشى ئ‍ېنىق،بېل  بىلەن  كارىم يوق  بولسا تېزراق كەت،چېلىسى مادىرىدئ‍اتلىكىنىڭ توپچلىرنى  يىغىپ ئ‍ېنگلادتىكى  ئ‍وتانچىلادىن  بۇلدىغان   ئوخشايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-17 14:49:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوكىغا قايسى كۇلۇپ مۇۋاپىق باھا قويسا ئۇ شۇنىڭ،ۋارنىيغا كەلسەك ئۇنىڭ چېلىسىغا قوشۇلىشىغا
مادرىد يۇقۇرى قاتلىمى ئالدىراپ قوشۇلماسلىقى مۇمكىن،لىكىن ئەڭ مۇھىم مەسىلە ۋارنىينىڭ
چېلىسىغا قوشۇلغۇسى بار يوقلۇقىدا،ئەگەر ئۇ چېلىسىغا قوشۇلۇشتا چىڭ تۇرسا كۇلۇپمۇ ئۇنىڭغا
ئامال قىلالمايدۇ،بىلغا كەلسەك ئۇ مەستانىلەرنىڭ نەزىرىدىن قالغان بىلەن تېرىنىر بىلەن رەئىسنىڭ
ئىشەنچىسىدىن تېخى قالمىدى،شۇڭا ئۇ بىر نەچچە يىلغىچە مادرىدتىن ئايرىلماسلىقى مۇمكىن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-17 14:50:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جانۇزاي يوللىغان ۋاقتى  2015-3-17 14:39
چىلسى ۋارانىنى ئالۋاستىدىن تالاشماي تۇسا بولاتتى.

مىنىڭچە بۇ سودىدا چېلىسى مۇتلەق ئۈستۈن ئورۇندا.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-17 14:53:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   جانۇزاي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-17 15:20  
xah-diyar يوللىغان ۋاقتى  2015-3-17 14:50
مىنىڭچە بۇ سودىدا چېلىسى مۇتلەق ئۈستۈن ئورۇندا.


ئەگەر مورىنھو  بولمىغان بولسا ئالۋاستى ئۈستۇن ئورۇندا بولىشى مۇمكىن  ئىدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-17 14:58:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2015-3-17 14:35
/  ناۋادا  بۇ  ئۈچ  ئادەم  چېلسىغا  كەلسە   سالاھ  كاھىل را ...

ئەمدى تەشتىقلىۋەتسىلە ... تەستىمۇ ئوڭشىدۇم  . . .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-17 15:21:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ فىلىم يەنە چىقماپتۇيا   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-17 15:21:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جانۇزاي يوللىغان ۋاقتى  2015-3-17 14:53
ئەگەر مورىنھو  بولمىغان بولسا ئالۋاستى ئستۇن ئورۇندا  ...

چېلىسى مورىنھودىن باشقا يەنە بىر جەھەتتىمۇ سىلەردىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-17 15:24:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xah-diyar يوللىغان ۋاقتى  2015-3-17 15:21
چېلىسى مورىنھودىن باشقا يەنە بىر جەھەتتىمۇ سىلەردىن  ...

ئۇ دىگەن ۋاقىتلىق مەسلە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-24 20:32

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش