akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1499|ئىنكاس: 25

جوڭگۇ بىرلەشمىلىرىدە ئىز قالدۇرغان دىيارىمىز ماھىرلىرى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arqa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-16 18:18  

                                                      جوڭگۇ بىرلەشمىلىرىدە ئىز قالدۇرغان دىيارىمىز ماھىرلىرى ھەققىدە
يېڭى جوڭگۇ قۇرۇلۇپ، 1951- يىلى ئازاتلىق ئارمىيە غەربىي -شىمال بىروسى ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى ئارمىيەلەر ئارا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزمەكچى بولۇپ، ئۇقتۇرۇش چىقاردى. ئۇقتۇرۇش شىنجاڭغا يىتىپ كەلگەندىن كېيىن تەنھەرىكەت تۈرىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان 5-كورپۇس كۇماندىسىنى شىنجاڭغا ۋاكالىتەن لەنجۇدا ئۆتكۈزۈلدىغان مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇش بەلگىلەندى. 5-كورپۇسدىن تاللانغان 40دىن ئارتۇق تەنھەركەتچى غولجىدا يىغىپ مەشىلەندۈرۈلدى. پۇتبول تۈرىدە 5-كورپۇس پۇتبول كوماندىسىنى ئاساس قىلىپ، ئۈرۈمچىدىن ھېسامىدىن ھەمدۇللا (ھېسامىدىن تانكا) قاتارلىقلارنى قوشۇپ، لەنجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە چىمپىيونلوقنى قولغا كەلتۈردى. ئاساسلىق ئەزالار ھېسامىدىن ھەمدۇللا، مۇرات، جاپپار، ئەزىز، سەلىمىجان، زىيا، تەلغەت، ياشار، گۇيۇڭفۇ ، مۇسا ، رىپقەت، مەسئۇت، پىدوك، مىرشانوپ ۋە باشقىلار ئىدى.(بۇ ھەقتە لىتىپ ئەزىمەت «رايۇنىمىزنىڭ ئازاتلىقتىن كىيىن تۇنجى قۇرۇلغان پۇتبول كۇماندىسى»دىگەن ماقالىسدا بۇ قىتىمقى مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار ھەققىدە،«بۇ پۇتبول كۇماندىسىنىڭ ئەزالىرى ھىسامىدىن، زىيا،روزىيۇۋ،شامىل،ئەزىز،ياشار،پىدۇك،ياشار پاكار،ئەنۋەر پاكار، تەلئەت كۈيفى، مەسئۇت، زورمەت، قاجىدىن، قەمەرىدىن، بارىس، رىپقەت، مۇسا تۇڭگان قاتارلىقلار»ئىدى دەيدۇ.بۇ تىزىملىكتە 1951-يىلى ۋە 1953-يىلدىكى ماھىرلار ئارلىشىپ كەتكەندەك قىلىدۇ.بۇنى يەنىمۇ ئىسپاتلاش زۆرۈر) بۇ كۇماندا يەنى شىنجاڭ 5-كورپۇس كوماندىسى (تۇنجى قېتىملىق شىنجاڭ ئىشتىن -سىرتقى پۇتبول كوماندىسى) نىڭ غەربىي-شىمال بويىچە چىمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈشى مەملىكەت بويىچە زىل- زىل قوزغاپ، باشقا كوماندىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىدى.مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن بىر قىسىم يېنىك ئاتلىتكا ماھىرلىرى بىلەن ۋالىبۇل، پۇتبول كۇماندىسى ئېلىپ قېلىنىپ، غەربىي-شىمال ھەربىي رايۇن  كۇماندىسى قىلىپ تەشكىللەندى. ئۇلار ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ھەربىي رايۇنىلارغا بىرىپ مۇسابىقە ئوينىدى. مانا بۇ شىنجاڭلىق ماھىرلارنىڭ مەملىكەتلىك چوڭ كۇماندىلارغا بارغانلىقى ھەققىدىكى تۇنجى ئىسپاتلاردۇر.شۇ چاغلاردا ئىنتايىن ئالقىشلىنىۋاتقان، ھەممنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈردىغان شىتاتلىق كۇماندا تۈزۈمى بار بولۇپ،بۇ ماھىيەتتە بۈگۈنكى كۇلۇپلارغا تەڭ ئىدى.شۇ ۋاقىتلاردا بۇ كۇماندىلارنىڭ ئەڭ ئالدىنقىسى  ئارمىيەدىىكى پۇتبولچىلاردىن تەشكىللەنگەن بىرىنجى ئاۋغۇسىت كۇماندىسى ئىدى.دىمەك،1950-يىللاردا ھەربىي رايۇن كۇماندىلىرىدا شىنجاڭلىق ماھىرلارنىڭ ئىزلىرى قالغان.
قايتىپ كەلگەن ئەزالار ھېسامىدىن ھەمدۇللانىڭ يىتەكچىلىكىدە ئۆزلىكسىز ئەزا تولۇقلاش ئارقىلىق 1952–1953–يىللىرىمۇ غەربىي - شىمال بويىچە ئالدىنقى ئۈچىنچىلىكنى قولدىن بەرمىدى 1953- يىلى 5– كورپۇس پۇتبۇل كوماندىسى غەربى شىمال تەنتەربىيە يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن غۇلجىدىكى « غورۇر» كوماندىسىنىڭ غوللۇق ماھىرلىرىدىن خەسەن، غەزىز، ئابدۇل ۋارىتا، تاجىدىن ئىبارەت بەش نەپەر پۇتبۇل ماھىرلىرىنى بەشىنجى كورپۇس پۇتبۇل كوماندىسىغا سەپلىدى. شۇ يىلى لەنجۇدىكى مۇسابىقىدە بەشىنجى كورپۇس پۇتبۇل كوماندىسى ياخشى نەتىجىگە ئىرىشكەن كوماندىسىدىكى خەسەن، تەلئەت، غەزىز، مەسھەت، راۋىلىدىن ئىبارەت بەش كىشى بىرىنجى ئاۋغۇست كوماندىسىغا بىرىپ توپ تىپش بۇيرۇقىنى تاپشۇرىۋالدى. ئەمما غوللۇق ماھىرلاردىن خەسەن ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن كوماندىغا بېرىشتىن ۋاز كىچىپ ۋە غۇلجىغا قايتىپ توپ تىپىشكە، غۇلجا كۇماندىسىنى يېتەكلەشكە باشلىدى. شۇ ۋاقىتتا خەسەندىن باشقا تۆت كىشىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات يوق. دىمەك، قالغان تۆت ماھىر مەلۇم مۈددەت بىرىنچى ئاۋغۇست كۇماندىسىدا توپ تەپكەن بولسا كىرەك.شىنجاڭ كۇماندىسى1997–يىلى A دەرىجىلىك 2–سەپ كوماندىلىرىنىڭ (B دەرىجىلىك) مۇسابىقىسىگە قاتناشماقچى بولغاندا، مەملىكەتلىك پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ قويغان تەلىۋىگە ئۇيغۇن كەلمەي بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋىتىلگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن تالانتلىق ماھىرلار ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئېقىپ كەتكەن. ماھىرلار ناۋادا شىنجاڭدا كەسپى پۇتبول كۇلۇبى قۇرۇپلا قالسا، ئۆزلىرىنىڭ شارائىتى ياخشى بولغان ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كوماندىلاردىن شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ توپ ئويناپ، ئاپتونۇم رايون پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن كۈچ قوشىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى. بۇلاردىن نسبەتەن داڭلىقلىرى شىيامىن كوماندىسى، ئىلگىرىكى دۆلەتلىك ياشلار كوماندىسى ۋە دالىيەن ۋەندا كوماندىسىدا توپ ئوينىغان پەرھات ئەزىمەت، چۇڭچىڭ «خۇڭيەن» پۇتبول كوماندىسىدا توپ تىپىۋاتقان خەن تاۋ، بېيجىڭ «كۋەنلى» كوماندىسىدىكى ئەركىن، گۇاڭشى «يىنلى» كوماندىسىدىكى يۆخۇڭجۈن ۋە باشقىلار ئىدى.  
مەتبۇئاتلاردىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئۆركەش(ئۈرۈمچىدىن) يولۋاس (غولجىدىن)قاتارلىق غوللۇق ماھىرلار بار بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ماھارەت تەنتەربىيە مەكتىۋىدىن كەلگەن ئۆركەش شۇ چاغلاردىكى جوڭگۇنىڭ يۇقىرى بىرلەشمىسىدە ئوينايدىغان سىچۋەن «چۇەنشىڭ» كۇلۇبىنىڭ ئىككىنچى سەپ كۇماندىسىغا ۋارىتالىققا قۇبۇل قىلىنغان.
1999-يىللاردىكى شىنجاڭ ئۈمىت كۇماندىىسنىڭ ۋارىتاسى ئالىمجان ئىچكىرى بىرلەشمىدە توپ ئوينىغان ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى تۇنجى ۋارىتار.ئۇ 1996-يىللاردىكى شەنشى گۇلى كۇماندىسىدا بىر مەزگىل توپ ئويناپ،كەسپى بىرلەشمىدىكى تۇنجى شىنجاڭلىق ۋارىتارغا ئايلانغان، ئۇ يەنە بالىلىق مەزگىلىدە دۆلەت ئۆسمۈرلەر كۇماندىسىمۇ تۇرغان.2001-يىلىدىكى مەملىكەتلىك تەنھەركەت يېغىنىغا قاتناشقان ماھىرلاردىن بىر قانچىسىغا ئىچكىرى كۇلۇپلار خېرىدار بولغان بولسىمۇ بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلى بۇ ماھىرلار بارالمىغان.بۇلار ئىچىدە ۋاڭ شۇگاڭ كىيىنچە چىڭدۇ ۋۇنىيۇ كۇلۇبىغا قىسقا مۈددەتلىك قوشۇلغان.2008-يىلى سوڭچىلڭلىڭ پۇتبول مەكتىۋى ماھىرلىرىدىن ئىلھام بىلەن بەختىيارسىچۋەن دۇجىياڭ كۇلۇبىغا قوشۇلۇپ، كىيىنكى يىلى ئا بىرلەشمىسىگە ئۆرلەپ پەرھات ئەزىمەتتىن كىيىنكى جوڭگۇ مۇنتىزىم بىرلەشمىسىدىكى يىڭى بىر سەھىپىنى باشلاپ بەردى.ئارقىدىن خۇنەن كۇماندىسىدا ئۆتكۈر بىلەن ئەكرەمنىڭ ئىسمى كۆرۈلدى.بۇنىڭ ئىچىدە ئەكرەمنىڭ ياراتقان نەتىجىسى ۋە نامى مەيلى خۇنەن توپ مەستانىلىرى ۋە ياكى دىيارىمىز مەستانىلىرى ئىچىدە بولسۇن ئالاھىدە ئورۇندا تۇردى.ئارقىدىنلا بىر تۈركۈم پۇتبولچىلار جوڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى ۋە ئا ،ب بىرلەشمىلىرىدە پەيدا بولۇپ،دۆلەت ئىچىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز پۇتبولچىلىقى ھەققىدە باشقىدىن كۈزىتىش ئېلىپ بىرىشقا تۈرتكە بولدى.
2009-يىلى دىيارىمىزغا نىسبەتەن نەتىجە ئەكرەمگە مەنسۇپ بىر يىل بولغان ئىدى. 2009-يىلى ئەكرەم مەملىكەتلىك ب دەرجىلىكلەر مۇسابىقىسىگە قاتناشقان خۇنەن شىياڭتاۋ كۇماندىسىنىڭ تەكلىۋى بىلەن بۇ كۇماندىنىڭ 9-نۇمۇرىلىق كىيىمىنى كىيىپ جەنۇبى رايۇن مۇسابىقىسىدە يەتتەمەيدان مۇسابىقىدە ئىككى توپ ئۇرۇپ بۇ كۇماندىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىشىگە ئۇزىنىڭ تۇھپىسىنى قوشتى. 11-ئاينىڭ 18-كۇنى يەنبىيەن ئۇنۋىرسىتىتى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئەكرەم بىر توپ كىرگۇزۇپ  كۇماندىنىڭ تۇت كۇچلۇكلەر ئىچگە كىرىشىگە ياردەم قىلدى ،11-ئاينىڭ 24-كۇنى خۇنەن كۇماندىسى كۇچلۇك رەقىبى بىيجىڭ باشى كۇماندىسى بىلەن كىلەركى يىللىق ئا دەرجىلىكلەر بىرلەشمىسىگە چىقىدىغان ساننى تالىشىپ كەسكىن تىركەشتى،بىرىنجى مەيدان مىھمان كۇماندا سالاھىتىدە خۇنەن كۇماندىسى 3قارشى 1بىلەن ئارقىدا قالغان شارائىتتا ئەكرەمنى مەيدانغا چىقاردى،ئەكرەم ئارقىمۇ ئارقا ئىككى توپ ئۇرۇپ،خۇنەن كۇماندىسىنىڭ نەتىجىسىنى تەڭلەشتۇردى،ئەمما يەنە بىر توپ كەتكۇزۇپ قويوپ يىڭىلىپ قالغان بۇلسىمۇئەكرەم قىممەتلىك ئىككى توپنى قولغا كەلتۇردى،بارلىق ئۇمىت ئىككىنجى مەيدان مۇسابىقىدە قالغان ئىدى.11-ئاينىڭ26-كۇنىدىكى مۇسابىقىدە خۇنەن كۇماندىسى يەنەئىككى توپ ئارقىدا قىلىپ ئۇمۇمى نەتىجە 6گە قارشى 4 بولوپ قالدى.ھالقىلىق شارائىتتا ئەكرەم يەنە مەيدانغا چىقىپ ئارقىمۇ-ئارقايەنە ئىككى توپ ئۇرۇپ ئۇمۇمى نەتىجىنى يەنە تەڭلەشتتۇردى.ئارقىدىن خۇنەن كۇماندىسى يەنە بىر توپ ئۇرۇپ  بۇمەيدان مۇسابىقىسىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۇرۇپلا قالماي يەنە كىلەركى يىللىق ئا دەرجىلىكلەر مۇسابىقىسىغا قاتنىشىش سالاھىتىنى مۇددەتىن بۇرۇن ھازىرلىدى .بۇ ئىككى مەيدان مۇسابىقىدا ئەكرەم تۇت توپ كىرگۇزۇپ،خۇنەن كۇماندىسىنىڭ ئا دەرجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشتىكى ئەڭ چوڭ تۇھپىكارىغا ئايلاندى.ئەكرەمنىڭ ماھارەت كۇرسىتىشى تىخى ئاخىرلاشمىغان ئىدى.ئەڭ ئاخىرقى چىمپىيۇنلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى خۇنەن كۇماندىسى بىلەن خۇبىي كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلدى.ھەر ئىككىلا كۇماندا ئا دەرىجىگە چىقىپ بۇلغان بۇلسىمۇ بۇ قىتىمقى مۇسابىقىنىڭ چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۇرۇش ئۇچۇن قاتتىق تىركەشتى.خۇنەن كۇماندىسى يەنە ئارقىدا قالغان شارائىتتا ئەكرەمنىڭ توپ ئۇرۇشى بىلەن ئىككى كۇماندا تەڭلىشىپ نۇقتا توپ ئارقىلىق چىمپىيۇنلۇق بىكتىلدى.ئەكرەم قاتارلىق ماھىرلارنىڭ نۇقتا توپنى ئارقىمۇ-ئارقا ئۇرۇشى بىلەن خۇنەن كۇماندىسى خۇبىي كۇماندىسىنى3كە قارشى 5بىلەن يىڭىپ چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى ئىگىز كۇتۇرۇشتى.ئەكرەم ئايلانما مۇسابىقەدە ئىيككى توپ،ھەل قىلغۇچ ئالتە مەيدان مۇسابىقىدە يەتتە تۇپ ،بۇ مۇسابىقە پەسلىدە جەمئى9 ئۇرۇپ ئەڭ كۇپ تۇپ كىرگۇزگۇچى بولوپ قالدى.
2010-يىلى دىيارىمىز ماھىرلىرىدىن  دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىدە ئۈچ،بارى خاڭجۇ يىشىل شەھەر،مىرەخمەتجان خىنەن جىيەنيى كۇلۇبىدا  ئوينىدى. ئا بىرلەشمىسىدە بىر، يەنى ئەكرەم خۇنەن شىياڭتاو كۇلۇبىدا. ب بىرلەشمىسىدە ئىككى،يەنى ئابدۇۋەلى بىلەن يەھيا شىنياڭ كۇلۇبىدا ئوينىدى. بۇ يىل كىرگەن توپلاردىن «ب» بىرلەشمىدە تۆت توپ، يەنى، ئابدۇۋەلى ئۈچ، يەھيا بىر. ئا بىرلەشمىدە ئۈچ توپ، يەنى ئەكرەم. دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىدە بىر، يەنى بارىلار توپ ئۇردى.بۇ يىل بەش نەپەر پۇتبولچى ئىچكىرى كۇلۇپلاردا توپ ئويناپ جەمئى 8توپ كىرگۈزۈلدى.
  2011-يىللىق جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقە ، «ئا» دەرىجىلىك بىرلەشمە  ۋە باشقا يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇسابىقلەردە دىيارىمىزدىن توققۇز نەپەر ماھىر مەيدانغا چىقىش پۈرسىتىگە ئېرىشىدۇ.بۇ ماھىرلارنىڭ ئۈچى شەندوڭ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋىدىن يىتىشىپ چىققان.يەنى شەندوڭ لۇنىڭ كۇلۇبىدىن مىرەخمەت.چىڭدۇ كۇلۇبىدىن ئىلشات، دۆلەتلىك ياشلار كۇماندىسىدىن ئۆتكۈر قاتارلىقلار.شىنجاڭ سوڭچىڭلىڭ پۇتبول مەكتىۋىدىن تۆت نەپەر،يەنى خاڭجۇ كۇلۇبىدىن بارى،شىنجىن كۇلۇبىدىن يەھيا،دىلمۇرات،چىڭدۇ كۇلۇبىدىن ئەرەفات(ئەرەفات كۇلۇپ ئەزاسى بولسىمۇ مۇسابىقىگە چۈشمەيدۇ) قاتارلىقلار.شىنجاڭدىكى ھەر تۈرلۈك مۇسابىقلەردە يىتىلگەن ماھىرلار ئىككى بولۇپ،خۇنەن شىياڭتاۋ كۇلۇبىدىن ئەكرەم،شىنجىن كۇلۇبىدىن ئابدۇۋەلى قاتارلىقلار ئىدى.بۇلاردىن ئۆتكۈر بىلەن ئەرەفاتتىن باشقىسى بىرلەشمە مۇسابىقىدە رەسمىي ئەزا بولۇپ مۇسابىقە ئوينايدۇ.بۇ يىللىق  بىرلەشمە مۇسابىقىدە دىيارىمىز ماھىرلىرى جەمئى30توپ ئۇرىدۇ.بۇنىڭ ئىككىسى ئاسىيا كۇلۇپلار لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە (بارى بىلەن مىرەخمەتجان)، تۆتى دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىدە (بارى ئۈچ،يەھيا بىر). 19توپ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە ئىككىنچى سەپ كۇماندىسىدا (دىلمۇرات يەتتە،مىرەخمەتجان يەتتە،ئابدۇۋەلى ئۈچ،ئىلشات بىر،بارى بىر) «ئا» دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىدە  بەش (ئەكرەم) قاتارلىقلارنىڭ توپلىرىدىن تەركىپ تاپىدۇ.دىمەك 2011-يىلى دىيارىمىز پۇتبولچىلىرىنىڭ نۈسرەت قازانغان بىر يىلى بولدى.ئەپسۇسلىنارلىقى شىنجىن كۇماندىسى بىلەن چىڭدۇ كۇماندىسى دەرىجىسىنى ساقلىيالماي«ئا» دەرىجىگە چۈشۈپ كىتىپ تۆت نەپەر ماھىرىمىز دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىدە ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان پۈرسەتتىن ۋاقتىنچە ئايرىلىپ قالدى.ئەمما يۇقارقى ماھىرلارنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە دىيارىمىز پۇتبولچىلىقىغا بولغان دىققەت ئىتىبارنىڭ كۈچىيىشى بىلەن يەنە بىر تۈركۈم  يىڭى ماھىرلار دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىگە  قوشۇلىدۇ. ئەرەفات،ئۆتكۈر،شەۋكەت،ئىلھام قاتارلىق ماھىرلار ھەرقايسى بىرلەشمىلەردە پەيدا بولىدۇ.بۇلار ئىچىدە ئىلھام بىلەن شەۋكەت بىر قاتار مۇسابىقلەردە توپ ئۇرىدۇ.
2012-يىلى.دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىدە بەش،بارى،مىرەخمەت،ئۆتكۈر،شەۋكەت، ئابدۇۋەلى  قاتارلىقلار ،يەھيا، دىلمۇرات، ئەرەفات، ئىلشات،ئەكرەم قاتارلىقلار  «ئا » بىرلەشمىسىدە، ئىلھام «ب» بىرلەشمىدە ئوينايدۇ.2012-يىلى دەرىجىدىن تاشقىرى ئىككىنچى سەپ ۋە ئا بىرلەشمىسىدە دىيارىمىز ماھىرلىرى كىرگۈزگەن توپ جەمئى 19توپ كىرگۈزىدۇ.بۇنىڭ ئىچىدە دەرىجىدىن تاشقىرى ئىككىنچى سەپ كۇماندىسىدا مىرەخمەت-ئالتە، شەۋكەت-بەش،ئابدۇۋەلى-ئۈچ ،بارى-بىر توپ،جەمئى 15توپ كىرگۈزىدۇ. «ئا» بىرلەشمىسىدە تۆت،ئەكرەم-ئۈچ،يەھيا–بىر توپ كىرگۈزىدۇ.بۇ يىل كىرگەن توپلارنىڭ سانى 2011-يىلىدىن كۈرۈنەرلىك ئازلايدۇ.
بۇ يىل ئالاھىدە تىلغا ئىلىشقا تىگىشلىك بىر ئىش ب بىرلەشمىسى بولۇپ، ئىلھام جوڭگۇ ب بىرلەشمىسى جەنۇبى رايۇنىدا گۈيجۇ كۇماندىسىنى يىتەكلەپ12توپ ئۇرۇپ، ئا بىرلەشمىسىگە ئۆرلەپ چىقىدۇ.جوڭگۇ ب بىرلەشمىسى شىمالى رايۇنىدا شىنجاڭ تاشئالما كۇماندىسى ساھىپخان مەيدان مۈجىزىسى بىلەن41نۇمۇر ئېلىپ، بەشىنچى بولۇپ دەرىجە ئۆرلىيەلمەيدۇ.شىنجاڭ كۇماندىسى 24مەيدان مۇسابىقىدە 28توپ ئۇرىدۇ.بۇ توپلار ئىچىدە نۇرۇم(مۇستاپا) 7توپ بىلەن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
2013-يىلى دىيارىمىز ماھىرلىرى كۆرۈنەرلىك ئازلايدۇ.دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىدەتۆت، ،ئۆتكۈر،مىرەخمەتجان،بارى،شەۋكەتلەر توپ ئوينايدۇ،ئا بىرلەشمىسىدە بەش،يەنى خىنەن جىيەنيىدە ئابدۇۋەلى، شېنجىندا دىلمۇرات ۋە يەھيا،گۇيجۇ جىچىڭدا ئىلھام بىلەن ئابلەت قاتارلىقلار.ئەكرەم چىكىنىدۇ.«ب»بىرلەشمىسىدە،ئابىلجان،چوڭ ئىلھام، ئەسقەر،پەرھاتلار توپ ئوينايدۇ.جەمئى 15نەپەر يىگىت ھەرقايسى بىرلەشمىلەردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
بۇ يىل مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ئومۇمى كىرگەن توپ 27 بولۇپ،بۇ توپلار پۇتبولچىلار لوڭقىسىدا تۆت،نىزامىدىن،ئەخمەتجان،مەمەتجان، شەۋكەت بىردىن توپ ئۇرىدۇ،دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىدا توپ كىرگۈزۈلمەيدۇ.ئەمما خەلقارالىق مۇسابىقىدە بارى بىر توپ كىرگۈزۈلىدۇ،ئىككىنچى سەپ بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئونبەش توپ،يەنى شەۋكەت تۆت،مىرەخمەتجان سەككىز ،بارى ئۈچ توپ كىرگۈزۈدۇ. ئا بىرلەشمىسىدە يەتتە،يەنى ئىلھام ئالتە، يەھيا توپ ئۇرىدۇ.
2014-يىلى دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىدە ئىككى يىگىت،يەنى  مىرەخمەتجان بىلەن ئابدۇۋەلى قالىدۇ،«ب»بىرلەشمىدە ئالتە،يەنى ئىلھام،ئابىلجان،ئىرشات،ئەكرەمجان( ۋارىتا) خەمىت،مىرزائەكبەر «ب» بىرلەشمىدە توپ ئوينايدۇ.بۇ يىل ئالاھىدە بىر ئىش ئىلگىرىكى خۇبىي خۇاكەيئېر كۇلۇبى شىنجاڭغا كېلىپ،شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇلۇبى ئىگدارچىلىقىدىكى داۋانچىڭ ناخۇەن كۇماندىسى نامىدا مەملىكەتلىك «ئا»بىرلەشمىسىگە قاتنىشىدۇ.دىيارىمىز ماھىرلىرىدىن نۇرۇم(مۇستاپا)،بارى،يەھيا قاتارلىق ئۈچ ماھىر بۇ كۇلۇپقا قوشۇلىدۇ. ئۆتكۈر  «ئا»بىرلاشمىسىدىكى خېبىي كۇلۇبىغا قېتىلىدۇ.شەۋكەت،بىلەن پەرھات  دەرىجە ئۆرلەپ چىققان چىڭداۋ خەينىيۇ كۇلۇبىغا قېتىلىدۇ بۇ يىل 14نەپەر ماھىر ھەرقايسسى بىرلەشمىلەردە توپ ئوينايدۇ.
بۇ يىل كىرگۈزۈلگەن توپلاردا ئازلاش يۈز بېرىدۇ.دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە ۋە ئىككىنچى سەپ بىرلەشمىدە توپ كىرگۈزۈلمەيدۇ.ئا بىرلەشمىدە تۆت توپ، يەنى بارى ئىككى،شەۋكەت ئىككى توپ كىرگۈزۈدۇ.«ب»بىرلەشمىسىدە  ئىلھام ئالتە توپ كىرگۈزۈدۇ.بۇ يىل كىرگەن توپ جەمئى 10بولىدۇ.
2015-يىلى ئىلگىرى كىيىن بولۇپ، 19(بۇ دەلىللەنمىگەن سان،بەلكىم يەنە كۆپىيىشى مۈمكىن)ماھىر ھەرقايسى بىرلەشمىلەردە تەييارلىق ھالەتتە بولۇپ، خاماننىڭ ئاز-كۆپلىكى يىل ئاخىرىدىكى ھېساپتا ئايان بولغۇسى.
مەنبە.«دىيارىمىز پۇتبولچلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى»

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-16 18:18:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولۇق ئوقۇپ چىقىتىم ، تېمىڭىزغا رەھمەت !! بارغانسىرى ئازلاپ كىتىپتىكەن ،ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم تېىخىمۇ جىقلايدۇ دەپ ئىشىنىمەن!!!!!!!!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-16 18:27:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نىدا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-16 18:28  

ناھايىتى ياخشى تېما بوپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-16 18:30:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىما...رەھمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-16 18:31:21 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ئۆچكەن ئۈمىد چىراغلىرىمىز مۇشۇ سانلىق سىپىرلار ئارقىلىق قايتىدىن يانغۇسى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-16 18:46:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبدان تىما بوپتۇ  . 19 ساننى ئىگەللەشمۇ باشقا يىللارغا قارىغاندا يامان ئەمەس نەتىجە  ، بۇلارنىڭ نەتىجىسى ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن دىيارىمىز پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن زور بۆسسۈش ھېسابلىنىدۇ . ئالغا ئەزىمەتلەر ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-16 18:51:57 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە نادىر تېما بوپتۇ، بۇ تېما يازغان قوللىرىڭىزغا دەرت كەمىسۇن[玫瑰][玫瑰]
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-16 19:00:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1951-يىلى كوماندا قۇرۇلغان بولسا ھەقىقەتەن تالانتلىق توپچىلىرىمىز بار ئىكەن ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-16 19:01:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تىما  نادىرلاڭلا   بۇ تىمىنى  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-16 19:02:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭمۇ تۇنجى ئاڭلىشىم بۇ گەپنى ، ياۋروپادىكى كۇلۇبلارنىڭ قۇرۇلغان يىل ئاي كۈنىگىچە تولۇق بىلىمىز ئەمما ئۆزىمىزنىڭ كوماندىسىنىڭ گىپىنى تۇنجى قىتىم ئاڭلىغاندا ھەيرانلىقتىن كۆزلىرىمىز ئىچىلىپ قالىدۇ .... نادىر تېما !!! بولسا رەسىم سىن كۆرۈنىشلىرىنى تىپىپ قوشۇۋەتسىڭىز نادىرلاشقا ئەرزىگۈدەك تېما ئىكەن ..........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-16 19:09:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نا   ئاڭلىمىغان  تارىغكەنغۇ  ھوي......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-16 19:13:37 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئىسىل تېما ، ئاۋۇ سانلار ئاللا خالىسا يەنە كۆپەيگۈسى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-24 20:27

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش