ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3321 |
تۆھپىسى: سەر |
|

جەنۇبى ئامپىتۇن بىلەن بولغان مۇسابىقىدە كوستا بىر كاللا توپ ئۇردى، بۇنىڭ بىلەن كوستانىڭ ئىنگلاند بىرلەشمىسىدە ئۇرغان توپى ئاگىيرودىن ئېشىپ بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى ، بۇ مۇسابىقىدىن بۇرۇن كوستا 7 مەيدان مۇسابىقىدە توپ ئۇرمىغان بولۇپ 5 مەيدانى ئىنگىلات بىرلەشمە لوڭقىسى مۇسابىقىسى ۋە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى،لىۋىرپول بىلەن بولغان يېرىم ھەل قىلغۇچتا كوستا ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چۈشتى ، نەتىجە 1-1 تەڭلىشىپ قالغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ كوستا بىر قېتىممۇ قاپقىغا قارتىپ توپ تەپمىدى ، ئوتتۇرا ھۇجۇم بولغان كوستانىڭ ناچار ئىپادىسىگە قارتا ئىۋانوۋىچنىڭ بىر توپ كوماندىنى قۇتقۇزۇپ قالدى ،ھەل قىلغۇچتا توتىنھام رىس بىلەن ئوينىغاندا پەقەت بىرلا قېتىم قاپقىغا قارتىپ توپ تەپتى ، گەرچە چېلسى چېمپىيون بولغان بولسىمۇ بۇنىڭغا كوستانىڭ ھېچقانچە تۆھپىسى يوق دېيىشكە بولىدۇ.
پارىژ بىلەن ئىككى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا كوستانىڭ ھېچقانداق رولى بولمىدى دېيىشكە بولىدۇ ، بولۇپمۇ ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا ئۇ 6 قېتىم قاپقىغا توپ تەپكەن ، پەقەت بىرسىلا قاپقىغا ئۇدۇل ماڭغان ، كوماندىنىڭ يادرولۇق ھوجۇمچىسى بولغان كوستانىڭ ئىنگلاند بىرلەشمەلوڭقىسى، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق قاتارلىق مۇسابىقە مەيدانلىرىدا ئۇرغان توپى 0 بولغان.
بۇ پەسىل ئىنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە 18 توپ ئۇرغان كوستا ، بىرلەشمە مەرگەنلىگىنىڭ چوققىسىدا تۇرماقتا ، 22 مەيدان مۇسابىقىدە 18 توپ ئۇردى، بۇ 18 توپنى 22 مەيداندا 71 قېتىم قاپقىغا توپ تېپىپ ئورۇنلىدى، ئاگىيرو بولسا 24 مەيداندا 17 توپ ئۇردى ، ھەمدە بۇ 17 توپنى 104 قېتىم قاپقىغا توپ تېپىپ ئورۇنلىدى.
لېكىن ئىنگىلات بىرلەشمىسىدىكى كوستا بىلەن بىلەن ، بىرلەشمە لوڭقىسى ۋە ياۋروپا سەھنىسىدىكى كوستا پۈتۈنلەي بىر بىرگە ئوخشىماي قالدى، ئىنگلاند بىرلەشمىسىدىكى قاتىل ھوجۇمچى ، ئىنگلاند بىرلەشمە لوڭقىسى ۋە ياۋروپا سەھنىسىدىكى بىر بىكچىلىك بولالمىدى، قانداقلا بولسۇن بىز كوستانىڭ نەتىجىسىگىمۇ كۆز يۇممايمىز ، ھالقىلىق مۇسابىقىدىكى ئەس قاتمايدىغانلىقىنىمۇ ئۇنتىيالمايمىز .
مەنبە: 直播首页>足球新闻> |
|