akyipakelan roni : 13999092457
ئىگىسى: hasrat

جۇڭگۇ پۇتبول ئىسلاھات لايىھەسى ئېلان قىلىندى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-3-16 17:46:24 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە كېلىپ بەزى يۇرتلاردا 20~30 ئادەم يىغىلىپ قالسا…… يا بۇ توپنى تىك-تاك توپتەك ئىككىلا ئادەم ئوينىمىسا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-16 17:57:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىلا ئىش قىلسۇن قۇرسىقى توقنى باشلىق قىلىش كېرەك . ئاندىن پۇتبولنى چۈشىنىدىغان ، توپ تېپىپ باققان بىرنى بۇ ئىشلارغا باش قىلمىسا نەتىجىسى ئوخشاش .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-16 18:09:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل لايىھە بولۇپتۇ ، ئەمىلىلەشسە پارتىيەنىڭ نۇرى ئارقىسىدا شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى تېخىمۇ تەرەققىي قىلغۇدەك !!!!!!!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-16 19:59:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبولچىلار جەمئىيتى بىلەن ھۈكۈمەتنى ئايىرىۋىتىش بىزگە نىسپەتەن ئەڭ چوڭ مۇكاپات
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-16 21:55:19 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبولچىلار جەمىيىتى رەئىسلىك ئورنى كىملا رەئىس بولسا بۇلاۋىردىغان ئورۇن بۇلۇپ قالماسلىقى كېرەك. چۇقۇم پۇتبولنى قىزغىن سۆيدىغان بۇرۇن پۇتبول تىپىپ بەلگىلىك ئىناۋەت تىكلىگەن ئادەم رەئىس بۇلشى كېرەك. خۇددى پىلاتىنىدەك.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-16 22:10:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ لاھىيەنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئىنتايىن ياخشى بولدى.
  جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ بۈگۈنكى نومۇسسىز مەغلۇبىيىتى ھەرگىزمۇ، ئازراقمۇ مەيداندىكى 11 قەھرىماننىڭ سەۋەبى ئەمەس. پۈتۈنلەي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدىكى مۇتەسسىپلىك مەسىلىسى.  
  تەنھەرىكەتچىدە گۇناھ يوق، ئۇلارنىڭ گۇناھى پەقەت مۇشۇ ئەلدىكى توپقا ئەڭ ئۇستا 11 كىشىنىڭ بىرى بولۇپ قالغانلىقىدۇر، چۈنكى پۈتكۈل مەملىكەتتىن ئۇلاردىنمۇ ئۇستىلارنىڭ تېپىلمىغانلىقى ۋە ئۇستىلارنى تەربىيەلىمىگەنلىك  گۇناھى باشقۇرغۇچىدا بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئەڭ ئۇستا 11 ئادەم ئەمەس ئىدى دەپ قارالسا ئەمىسە بۇ تېخىمۇ ئۇلارنىڭ گۇناھى ئەمەس، گۇناھ يەنىلا ئۇلارنى تاللىغان كۆزى ئوچۇق قارىغۇلاردا بولىدۇ.
  پىچاقنى مەسىلىنىڭ نېگىزىگە سېلىش تولىمۇ ئاقىلانىلىكتۇر. بۇ پەرمان شىنجاڭدا 10 مەيدان سالغاندىن، 50 مىليون تەستىقلىغاندىن ياخشىراق.
  يەنە بىر گەپ: پەرمان ئەمىلىيلەشمىسىمۇ كۆڭلىمىزگە ئالمايمىز. ئىشقىلىپ، جۇڭگو پۇتبولچىلىقى بۇنەڭدىن ناچارلىشالمايدۇ.  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-16 22:28:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابلەتجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-16 23:43  
ئىلىم يوللىغان ۋاقتى  2015-3-16 16:51
ئاساسى  چەھەتتىن  ياخشى  لاھىيەكەن  ....ئەمىللىشىپ  قالاس ...


  1. پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىرى ئۇنچىمۇ قاپاقباشلار ئەمەس. ئىلگىرى قارا پۇشتەك بىلەن تۈرمىگە كىرىپ كەتكەن شيې يالۇڭ پىشقان تەنتەربىيە تەشكىلاتچىسى ئىدى. ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتلاردا ئېلان قىلغان جۇڭگو پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئائىت ماقالىلىرى ۋە تەدبىرلىرى مەملىكەتنى زىلزىلىگە سالغان. ئۇ تەنتەربىيە مائارىپچىسى ۋە تەنتەربىيە ئىگىلىكىنى باشقۇرغۇچى ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ۋېيدى، سەي جېڭخۇا، جاڭ جيەن قاتارلىقلار تەنتەربىيە ساھەسىدىكى قابىل باشقۇرغۇچىلار ھېسابلىنىدۇ. پەقەت ۋە پەقەت ئۇلارنىڭ مەمۇرىي ئەمىلى نىسبەتەن كىچىك ئىدى خالاس.
   2. تېما ئىگىسىنىڭ ئەسكەرتمىسى توغرا. مەئى قانداق بولسۇن، ھەزەر ئەيلەش، ئېھتىيات قىلماق مۇھىم. ۋاقتى كەلگەندە تۈمەن دەرياسىغا سەكرەپمۇ ئاقلانماق تەس.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-16 22:44:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر ياخشى باشلىنىش بولۇشقا تۈرتكە بولغۇسى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-17 10:57:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا يارىغىنى  پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بىلەن ھۆكۈمەتنى ئايرىۋېتىپ باشقۇرش ھەمدە مۇناسىۋەتلىك سوت سوديەلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش بولدى. بۇنداق بولغاندا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ياۋروپادىكى داڭلىق بىرلەشمىلەرنىڭكىدەك ئۆز  ئالدىغا قارار قانۇن چىقىرىپ ماڭالايدۇ.ھەمدە بىرلەشمە رەئىسلىكى قاتارلىقلارنى ئۆزلىرى تاللاپ بېكىتىپ ، ئادىللىققا باراۋەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشقا بولىدۇ. ھەرقانداق ئىشلاردا ھۆكۈمەتنىڭ ئاغزىغا قاراشتەك پاسسىپ ھالەتنى تۈگۈتۈپ ، ئۆزلىرى پۇتبولنى ئىسلاھات قىلىشىپ بىرلەشمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۆپ كۈچ چىقىرالايدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئەلۋەتتە كاللىسى ئوچۇق ، قابىلىيىتى بار كىشىلەر باش بولىشى كېرەك.
يەنە بىرى تەنتەربىيە ئوقۇشلۇقى ، ۋە شەھەر ناھىيە يېزىلاردىكى مەيدانلارنىڭ پۇقرالارغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىشى بولىدىكەن. كىچىكىمىزدە مەكتەپ مەيدانىنى 365كۈن تازلاپ سۈپۈرۈپ ، ئەخلەتلىرىنى تېرىپ ، بىرە مەيدان مۇسابىقىنى يۈرەكلىك ئوينىيالمايىتتۇق ، سەۋەبى مەيدانغا كىرگۈزمەيىتتى، بۇ خىل ئەھۋال ھازىرمۇ تېخىچە مەۋجۈت، ئاددىيسى مۇنبەردىكى بالىلار بىلەن شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتى جەنۇبىي مەكتەپ رايونىدا توپ تەپكەندە شۇ مەيداننىڭ 1 سائەتلىكىنى 200 كويغا ساتاتتى ، بولسا شۇ مەيدانلارنى ھەقسىز ئېچىپ بەرسە بەلكىم دىيارىمىزدىن سان-ساناقسىز مېسسى ۋە رونالدولار يېتىشىپ چىققان بولاتتى.
ئاخىرقىسى ساختا توپ ئويناش قىلمىشلىرىغا جازا يۈرگۈزۈش .  لېكىن بۇنى يۈرگۈزگۈچىلەرنىڭ ۋىجدانىغا باغلىق بولۇپ قالدى. مۇھىمى تالانتى بار توپچىلارنىڭ ئارقا ئىشىك ماڭغۇچىلار ئالدىدا بويۇن قىسىپ ، مەلۇم كەسپىي كوماندىغا توپچى بولۇپ كىرەلمەسلىكى ...... بولسا مۇشۇ مەسىلىلەر تۈزۈلۈپ كەتسە ، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ ياش-ئۆسمۈرلەرنى تەربىيلەش قۇرۇلىشى كۈچەيتىلسە .. مېنىڭچە جۇڭگۇ پۇتبولىدىدا كەلگۈسى 5 يىل ئىچىدە ئۈمۈد بار.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-17 10:59:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبول مەكتىپىدىن 50مىڭى قۇرۇلىدىكەن ، دېمەك ، بىزنىڭ شىنجاڭدىمۇ قۇرۇلىشى مۇمكىن، مۇھىمى ياش-ئۆسمۈرلەر بازىسى قۇرۇش، مەكتەپلەر، يېزىلار، ناھىيىلەر ئارا سېستىمىلىق بولغان مەشىق، مۇسابىقە ئەندىزىسى تۇرغۇزۇش دەپ قارايمەن، يەنە چوڭلار پۇتبولىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.....
بۇ يىل  30 قا كىرە-كىرمەيلا، ناھىيىمىزدە مەن بىلەن تەڭ دېمەتلىك توپ ئويناۋاتقانلارنى ئاساسەن ئۇچرىتالىمىدىم، بەلكى ھەممىسى تۇرمۇش، خىزمەت بىلەن ئالدىراشتۇ...... لېكىن، ئويناۋاتقان بالىلار سېپىگە قوشۇلسام، 5 كىشىلىك مۇسابىقىدىمۇ مېنى ۋارىتارغا تۇرغۇزۇپ قويدى  قورسىقىمغا قاراپ قويۇپ،( تېخنىكامغۇ خېلى بولىتى، پۇتبول سىزىمىم بۇرۇنقىدەكلا، لېكىن چاققانلىق يوق) شۇنىڭ بىلەن نەچچە كۈن ئويناپ بېقىپ، راسىتىمىنى دېسەم سەل ھار كەلدى ، ھەم خىجىل بولدۇم،
قەشقەردە مەن بىلەن تەڭ دېمەتلىكلەر تەشكىللىنىپ،چوڭ مەيدان مۇسابىقىنى راۋۇرۇس ئوينىيالايدىكەن، بىزنىڭ مايەردە........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-17 12:24:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇمۇ بولىدىغان پىلانكەن.........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-17 14:02:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەلىيەت مۇھىم ........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-27 04:39

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش