ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 4427 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئارىف تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-16 03:32
2015- يىلى 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ، ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى 29 - ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ داۋامى ئوينالدى ، نەتىجىلەر تۆۋەندىكىچە :
چېلسى 1 - 1 جەنۇبى ئامپىتون
چېلسى كوماندىسى ساھىبخان بۇلۇپ سىتامفورد كۆۋرىكى پۇتبول مەيدانىدا ، جەنۇبى ئامپىتون كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 11-مىنۇتتا چېلسى مۇداپىيەچىسى ئىۋاننوۋېچ چەكلەنگەن رايۇن ئىچىگە پاس تاشلىدى، كوستا بېشى بىلەن ئۈسۈپ كىرگۈزدى، بۇ كوستانىڭ بۇپەسىل كىرگۈزگەن 18-تۇپى .بىر توپ ئارقىدا قالغان جەنۇبى ئامپىتون كوماندىسى ھۇجۇمنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە نۇمۇرنى تەڭلەشتۈرۋالدى.يەنى مۇسابىقىنىڭ 19-مىنۇتىدا بىر نوقتا توپقا ئىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە 1-1 نەتىجە بىلەن ئاياقلاشتى. كىيىنكى يىرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككىلا تەرەپ قاتتىق تىرىشقان بولسىمۇ توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتىگە ئىرشەلمىدى. مادىچ سېرىق كارتا ئىستىمال قىلۋېلىپ مۇسابىقىنىڭ 53-مىنۇتىدا ئالماشتۇرۋېتىلدى . شۇنىڭ بىلەن ئىككى كوماندا 1-1 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ 1دىن نۇمۇرغا ئىرىشتى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كىيىن چېلسى كوماندىسى ،مانچېستىر شەھرى كوماندىسىدىن بىر مەيدان مۇسابىقىنى كەم ئوينىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئىككىنجى ئۇرۇندىكى مانچېستىر شەھرى كوماندىسىدىن 6نۇمۇر پەرق بىلەن بىرلەشمىنىڭ چۇقىسىدا تۇرماقتا! مۇرىنھو بۇ مەيدان مۇسابىقىدە 1-3-2-4 سەپ شەكلىنى قوللاندى. يىڭى كەلداخۇن كودىرادو زاپاس بۇلۇپ مەيداننى سەيلە قىلدى.
مانچېستىر بىرلەشمىسى 3-0 توتىنھام رېس
يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسى ساھىبخان بۇلۇپ ئۆزمەيدانىدا توتىنھام رېس كوماندىسىنى كۈتىۋالدى.مۇسابىقە باشلىنىپلا مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسى ئەزالىرى ئۆز رولىنى ياخشى جارى قىلدۇردى. مۇسابىقىنىڭ 9-مىنۇتىدا فېلەينى بىر توپ ئۇرۇپ مانچېستىر بىرلەشمىسى ئۈستۈنلىكنى ئىگەللىدى.
مۇسابىقىنىڭ 19-مىنۇتىدا ماتا باشلىغان بۇلۇڭ توپنى فېلەينى ۋارتارغا قارىتىپ ئۈستى،قارشى تەرەپ ۋارتارى تۇسۇپ قالغان توپ ،ناھايىتى چىرايلىق پاسقا چىقتى، بۇ توپنى كارىك بېشى بىلەن ئۈسۈپ كىرگۈزۈپ نۇمۇر پەرقىنى ئاشۇردى.بۇ توپ كارىكنىڭ 13ئاي ئىچىدە كىرگۈزگەن تۇنجى تۇپى.2توپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتكەن مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسى مۇسابىقىنى پۈتۈنلەي ياخشى كونتىرول قىلىپ ئوينىدى. فېلەينى بىلەن ماتادىن تەشكىل تاپقان ئوتتورا مەيدان ئۈنۈمىنى كۆرسەتتى.مۇسابىقىنىڭ 39-مىنۇتىدا توتىنھام رېس مۇداپىيەچىسى خاتالىق سادىر قىلىپ توپنى رونىيغا تاتقۇزۇپ قويدى، رونىي توپنى ئېلىپ ،چاققانلىق بىلەن ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 3-0 گە ئۆزگەرتتى.بۇ بىر توپ بىلەن رونىي نىڭ بۇ پەسىل كىرگۈزگەن تۇپى 13كە يەتتى.كىيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككىلا تەرەپ توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتىگە ئىرشەلمىدى، مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا دىھىيا خەتەرلىك توپتىن بىرنى غەلىتە بىر ئۇسسۇلدا تۇسۇپ قالدى. شۇنداق قىلىپ مانچېستىر بىرلەشمىسى 3-0 نەتىجە بىلەن توتىنھام رېس كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ 3نۇمۇرنى قولغا كەلتۈردى .يولۋاس فالكاۋ زاپاس ئەزا بۇلۇپ 8مىنۇت شامالداپ نەخمەيداندا مۇسابىقە كۆردى.بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ۋانجال ،1-3-2-4 سەپ شەكلىنى قوللاندى. قىزىل ئالۋاستىلار بۇ مەيدان غەلبىسى بىلەن بىرلەشمىدە 4-ئۇرۇندا مەزمۇت ئولتۇردى.
|
|