ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 71 |
تۆھپىسى: سەر |
|
تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن جوڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى ۋە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىدە بىر ئايلانما مۇسابىقە تاماملاندى. بىز تۆۋەندە بۇ ئىككى دەرىجىلىك كەسپىي بىرلەشمىدە توپ تېپىدىغان 16 ئارسلانىمىزنىڭ ئەھۋالىغا بىر قاراپ باقايلى.
دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىدە مىرئەخمەتجان، ۋەلى، بارىدىن ئىبارەت ئۈچ توپچىمىز بار. 2-ئايلانمىدا خېنەن جيەنيې مېھمان مەيدان بېيجىڭ گوئەن بىلەن تۇتۇشقان مۇسابىقىدە ۋەلى 18 كىشىلىك تىزىملىككە كىردى، لېكىن مەيدانغا چۈشمىدى، مىرئەخمەت 18 كىشىلىك تىزىملىككە كىرمىدى.
جياڭسۇ شۈنتيەنگە قايتىپ بارغان بارىمۇ 18 كىشىلىك تىزىملىككە كىرمىدى. شۇنداق بولغاندا بۇ ئايلانمىدا جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە دىيارىمىز توپچىلىرىنىڭ مەيدانغا چۈشكەن ۋاقتى نۆل مىنۇت.
ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىدە 13 توپچىمىز بار. شىنجاڭ تەڭرىتاغ قاپلىنى ئۆزىدىلا توققۇز يىگىتىمىز بار، بۇنىڭ بەشى تەييارلىق كوماندىدىن يېڭى بىرىنچى كوماندىغا ئېلىپ چىقىلغان.
ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە تۇنجى ئايلانمىسىدا شىنجاڭ تەڭرىتاغ قاپلىنى مېھمان مەيداندا داليەن ئاربىنغا 4:0 ئۇتتۇردى. ئەراپات ئاساسىي سەپتە چۈشۈپ 80 مىنۇت ئوينىدى، شەۋكەت زاپاس چۈشۈپ 25 مىنۇت، يەھيا زاپاس چۈشۈپ 12 مىنۇت ئوينىدى، مۇستاپا 18 كىشىلىك تىزىملىككە كىرگەن بولسىمۇ مەيدانغا چۈشمىدى.
بۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان تەييارلىق كوماندا مۇسابىقىسىدە بولسا يەھيا، مۇستاپا، شەۋكەت، ماخمۇت، سابىت، ئەخمەتلەر ئاساسىي سەپتە مەيدانغا چۈشتى،ئەخمەت بىر توپ كىرگۈزدى، شىنجاڭ تەڭرىتاغ قاپلىنى تەييارلىق كوماندىسى 2:1نەتىجە بىلەن مەغلۇب بولدى.
گۇيجۇ جىچىڭ مېھمان مەيداندا 1:1 شىنجىن بىلەن تەڭلەشكەن مۇسابىقىدە،گۇيجۇنىڭ يادروسى ئىلھام ئاساسىي سەپتە مەيدانغا چۈشۈپ 90 مىنۇت تولۇ
ق ئوينىدى، ئۇ بۇ ھەپتىدە 90 مىنۇت تولۇق ئوينىغان بىردىنبىر يىگىتىمىز.
چىڭداۋ جوڭنىڭغا يېڭى قوشۇلغان دىلمۇرات 18 كىشىلىك تىزىملىككە كىرگەن بولسىمۇ مۇسابىقىگە چۈشۈش پۇرسىتى بولمىدى، بۈگۈن ئەتىگەن ئېلىپ بېرىلغان تەييارلىق كوماندا مۇسابىقىسىدە ئاساسىي سەپتە چۈشۈپ ئوينىدى.
خېبىي خۇاشيادىكى ئۆتكۈر زۇكام بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن 18 كىشىلىك تىزىملىككە كىرمىدى.
يەنبيەن چاڭبەيشەندىكى ئەخمەتجان بولسا مەشىقتە پۇتىنى قايرىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئىككى ھەپتە مۇسابىقىدىن توختىدى.
شۇنداق بولغاندا تۇنجى ئايلانمىدا ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىدىكى 13 يىگىتىمىزدىن تۆتى مۇسابىقىگە چۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتى، ئومۇمىي مەيداندىكى ۋاقتى 207مىنۇت. |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|