ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 4382 |
تۆھپىسى: سەر |
|
يۇۋىنتىس ھۇجۇمچىسى مۇراتا تۈنۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان پالېرمو كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە زاپاس ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىققان، ئەمما بۇ ئىسپانىيەلىك ھۇجۇمچى مەيدانغا چىقىپلا ئۇزاق ئۆتمەي ھەل قىلغۇچ توپتىن بىرنى ئۇرۇپ يۇۋىنتىس كوماندىسىنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرگەن. مۇراتا مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئۈزۈنىڭ يۇۋىنتىس كوماندىسىدىن ئىنتايىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى ھەم تاغىل ئات قوشۇننىڭ ئۈزۈگە ئىشەنگەنلىكىگە رەھمەت ئىيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تاغىل ئات قوشۇنى مۇراتانىڭ ھەل قىلغۇچ بىر تۇپى بىلەن قىممەتلىك ئۈچ نومۇرنى قولغا كەلتۈرگەندىن كىيىن ،بىر مەيدان مۇسابىقىنى ئارتۇق ئوينىغان ئەھۋال ئاستىدا ،ئىككىنچى ئۇرۇندىكى رىم كوماندىسىدىن 12 نومۇر ئېشىپ كەتتى.
مۇراتا يەنە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىنىڭ 1-ئۇچۇرشىشىدا گېرمانىيە سېرىق ھەرە كوماندىسىغا ھەل قىلغۇچ توپتىن بىرنى ئۇرۇپ ،كوماندىنىڭ 2-1 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلىشىغا كۈچ قۇشقان.ئۇ ھازىر 2-ئۇچۇرشۇشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە!
يۇۋىنتىس كوماندىسىغا نىسبەتەن بۇ قېتىمقى بىرلەشمە مۇسابىقىدىكى پالېرمو كوماندىسى بىلەن بولغان جەڭ ئىنتايىن مۇھىم ھىساپلىناتتى، پالېرمو كوماندىسىدىن 3نومۇرنى ئېلىش ئۇنچىۋالا ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى، چۈنكى كوماندىدا پېرلودىن ئىبارەت ئەڭ مۇھىم پېرسوناژ يوق ، يەنە كېلىپ بۇ ھەپتە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىنىڭ 2-ئۇچۇرشىشى ئوينىلىدۇ،مۇشۇنداق جىددىيى پەيتلەردە مۇراتا تاغىل ئات قوشۇننىڭ مەخپىي قۇرالى بولۇپ كوماندا ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.
مۇراتا ئىتالىيە ‹‹ئاسمان تەنتەربىيەسى ›› نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا:مەن يۇۋىنتىس كوماندىسىنىڭ ماڭا ئىشىنىپ پۇرسەت بەرگەنلىكىگە چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن،بۇ شەھەردىكى كىشلەرمۇ ماڭا ئىشەنچ ئاتا قىلدى ، بۇ ماڭا نىسبەتەن بەك مۇھىم دېگەن.
مۇراتا 20مىليون ياۋرولۇق باھا بىلەن خانلىق مادرىد كوماندىسىدىن يۇۋىنتىس كوماندىسىغا يۆتكىلىپ كەلگەن ، بۇ پەسىل بۇ ئىسپانىيەلىك ،تاغىل ئات قۇشۇنغا ھەمدەمدە بولۇپ ھەرتۈلۈك مۇسابىقىلەردە جەمئىي 10 توپ ئۇردى.
23ياشلىق توپچىغا نىسبەتەن ،چولپانلار كۆپ توپلاشقان زەردار كوماندىلاردا پۇت تىرەپ تۇرۇشنىڭ ئۆزى قالتىس نەتىجە ھېسابلىنىدۇ،مۇراتا خانلىق مادرىد كوماندىسىدا بېنزىمانىڭ زاپىسى بولۇپ ،مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئانچە بەك ئىرشەلمەي، ئاخىرى خانلىق مادرىد كوماندىسىدىن ئايرىلىش قارارىنى چىقىرىپ ئۈزۈنى ئىسپاتلاش مەقسىتىدە يۇۋىنتىس كوماندىسىغا قوشۇلغان ، خانلىق مادرىد كوماندىسىدا 21-نومۇرلۇق جەڭ كىيىمىنى كىيگەن ، مانا ئەمدى كىچىك تۇرۇپلا 9-نومۇرلۇق جەڭ ساۋۇتىغا ئېرىشتى، مۇراتا ئۈزۈنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى چىقارغان قارارىنىڭ ئىنتايىن توغرا بولغانلىقىدىن قاتتىق سۈينىدۇ. |
|