akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 745|ئىنكاس: 21

‹كىچىك دۇنيا لوڭقىسى›نى ئەسلەپ ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەربىدار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-15 18:19  

无标题.bmp
ئەسسىلام  ئەلەيكۇم !
قايسى كۈنى ‹مىلەن تاققا -تۇققىلىرى›دېگەن تېمامنى مۇنبەرداشلارغا كۆرۈشۈش سوۋغىتى سۈپىتىدە تۇتاي دەپ ئەمدى باشلاپ تۇرسام ۋەزىپە چىقىپ قېلىپ (ئورگىنال ساقلاش )دېگەننى باسسام يوللىنىپ كېتىپ قاپتۇ ، كۆپچىلىككە چۈشەنچە بېرىشكىمۇ ئۈلگىرەلمىدىم ، سىلەردىن سەمىمى كەچۈرۈم سورايمەن ! ئاشۇ چولتا ،سۈپەتسىز يوللىنىپ كەتكەن تېمامدىمۇ ئۆزىنىڭ سەمىمى تىلەكلىرى، سالاملىرىنى يوللىغان مۇنبەرداشلارغا چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن !
تېما ماۋزۇسى بەك يوغان بولۇپ قالدى ، شۇنداق بولسىمۇ ئۆزۈمنىڭ چۈشەنچەم بويىچە ،ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقىمنى ئاددى تىللار بىلەن ئىپادىلەپ ئۆتمەكچى .
ھازىر ئىتالىيە بىرلەشمىسى تىلغا ئېلىنسا مۇسابىقىدىكى چۆلدەرەپ قالغان كۆرۈش سۇپىسى كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ ،بىراق  مىلەن خاندانلىقى ،ئۈچ جەڭ ھارۋىسى ،تاشقى پىلانىت ئادىمى رونالدو ،يادىرو ئوق بېشى ئاندىرى شوفچىنكۋ ،جەڭ ئىلاھى بادىستۇتا ،چىملىقتىكى سېھىرگەر زىدانى ،غەمكىن شاھزادە روبىرىت باگگىئو قاتارلىق يەنە نۇرغۇن ئىسمى ئاتالمىغان گىگانىت چولپانلار قىقاس چىقىرىپ ،ياۋروپا سەھنىسىدە ئىتالىيە كۇلۇبلىرىنى كۆرسە دىر -دىر تىتىرەيدىغان ھالغا كەلگەن ئاشۇ شانلىق دەۋىرلەر خۇددى شېرىن چۈشتىن ئويغىنىپ كېتىپمۇ نەچچە ۋاقىتقىچە شۇ چۈشنىڭ لەززىتىدىن تامشىپ يۈرگەندەك ھېلىھەم چوڭقۇر يۈرەك قېتىمدا !
80-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىتالىيە بىرلەشمىسى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىپ، شۇ دەۋىردىكى ئالدىنقى قاتاردىكى پۇتبول چولپانلىرى ئارقا -ئارقىدىن ئىتالىيە بىرلەشمىسىگە كېلىپ ،ئىتالىيە بىرلەشمىسى دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى بىرلەشمە ، شۇنداقلا ‹كىچىك دۇنيا لوڭقىسى›دېگەن چىرايلىق نامغا ئېرىشكەن ،ئىتالىيە بىرلەشمىسى ئۆزىنىڭ ئىلغار بولغان پۇتبول نەزىريەسى ۋە تاكتىكىسى ،بولۇپمۇ مۇكەممەل بولغان مۇداپىيە سېپى بىلەن تېخىمۇ نەپىس تۈسكە كىرگەن .ئېنگىلاد ھەم ئىسپانىيەدىكى زەردار كۇلۇبلار ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى نامى چىققان چولپانلارنى پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي بەس-بەستە سېتىۋىلىشى شۇنى بىلدۈرىدىكى ،ئىتالىيە بىرلەشمىسىدەك مۇداپىيەنى ئاساس قىلىپ ئوينايدىغان بىرلەشمىدە ئۆزىنى ئىسپاتلىيالىغان ئىكەن ئۇ چوقۇم باشقا بىرلەشمىلەردە تېخىمۇ ئەركىن ئازادە ماھارىتىنى نامايەن قىلىپ كوماندىسىغا كۈچ بېرەلەيدۇ !ئىتالىيەدىن چىققان توپچىلار ئاساسى جەھەتتىن باشقا دۆلەتتىكى بىرلەشمىگە بېرىشنى تاللىماي ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە توپ تېپىدۇ ،بۇنىڭ سەۋەبى مەيلى قايسى تېرىنىر ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىنى قولىغا ئالسۇن ،كوماندا ئەزالىرىنى ئاساسى جەھەتتىن ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە توپ تېپىۋاتقان تەنەركەتچىلەردىن تاللايدۇ ،بۇ ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ ‹كىچىك دۇنيا لوڭقىسى›دېگەن نامغا ئېرىشىشىدىكى يەنە بىر سەۋەپ بولسا كېرەك .ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە تونۇلماق ئۇنچە ئاسان ئەمەس ، لېكىن ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە ياش تۇرۇپ ئۇتۇق قازانغانلار ئاساسەن ھەممىسى كېيىن گىگانىت چولپانلاردىن بولۇپ قالغان ،مەسىلەن روبىرىت باگگىئو ، پېرلو ،توتتى قاتارلىقلار ....
گەرچە ئىتالىيە بىرلەشمىسى ھازىر دۆلەتتىكى ئىقدىزاتى كىرىزىس سەۋەبىدىن پاسسىپ ھالەتكە كېلىپ قالغان بولسىمۇ ،ئىشىنىمەنكى يېقىن كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق تەختىگە قايتىپ كەلگۈسى !ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن جىق توختىلالمىدىم ،لېكىن مۇنبەردىلا بولىدىكەنمەن مەيلى جىق بولسۇن ياكى ئاز بولسۇن مۇنبەرنىڭ ئاۋاتلىقى ئۈچۈن بىر كىشلىك تۆھپە قوشۇشقا تىرىشىمەن .
‹تاپقىنى گۈل كەلتۈرەر ،تاپمىغىنى بىر باش پىياز›
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-15 21:31:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   XATKAR886 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-15 21:49  

بۇرۇن كىچىك ۋاقتىمىزدا  مىلان، ئىنتىرمىلان، دەپ مادىرد  ئەمەس ، پارما ، لومادەپ چوڭ بولغان ئىدۇق، ئاشۇ ۋاقىتلاردا ئىتالىيەكۇلۇپلىرنىڭ شۆھىرتى قەلبىمىزگە ئورناپ كەتكەن ئىدى، ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئەھۋال ئۆزگەردى. بۇنداق بۇلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ، ئىتالىينىڭ ياۋرۇ رايۇنىدا ئاجىز ئىقسادىي گەۋدە ھالىتىگە چۈشۈپ قالغانلىقى سەۋەپ بولدى ، ھازىرقى ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئىتالىيە كۇلۇپلىرتنىڭ كۆپلەپ چەتئەل مەبىلىقنى قولغا كەلتۈرشىدە ئاساسلىق ئىپادىلىنىدۇ.   باشقا سەۋەپلىرى قۇشۇمچە .........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-15 20:30:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىك ۋاقىتلىرىمدا ئوقۇتقۇچىمنىڭ ياتىقىدا مىلەن گېربى ۋە  مىلەن توپچىلىرىنىڭ رەسىمى ئېسىقلىق ئىدى،مەن كۇلۇپقا نىسپەتەن مىلەنگە ئەڭ بۇرۇن تۇنۇشقان بولساممۇ ئەمما ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ شان شەرەپلىك دەۋىرلىرى توغۇرسىدا جېق بىرنەرسە بىلمەيدىكەنمەن.بۇ تىما ئاز بولسىمۇ 80 يىللىرىدىكى ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ شانۇ شەۋكەتلىك دەۋرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-15 20:37:50 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇنقى ئىتالىيە بىرلەشمىسى بىلەن ھازىرقى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە پەرىق چوڭ ،  ھازىر بىرلەشمىنىڭ چېمپىيونى يۇۋېنتۇس دەيدىغانلا بوپ كەتتۇق .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-15 20:38:07 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇف قايتىپ كەلمەس ياشلىق ،  كونا ئىشلار ئىسىمگە كىلىپ كونا ئادەملەرنى ئەسلەپ قېلىۋاتىمەنيا ماۋۇ تېمىدا،   .   .   .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-15 20:40:21 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پەقەت بىزنىڭ ئۆتكۈنچى دەۋىر قايسى بىر كۇلۇپ ئۆتكۈنچى دەۋىرنى باشتىن كەچۈرمىگەن.  توختاجى باشلىقنىڭ گىپى بويىچە ئون يىل ساقلىدۇق يەنە ئون يىل ساقلاشقا تاقىتىمىز بار تېخى ئەلۋەتتە ئاللا ئۆمرىمىزنى بەرسە  .  .  .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-15 20:51:50 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىيىنچە  يەنە  ئەسلىگە  كىلىشىگە  ئىشىنىمە   كىچىك  دۇيا  لوڭقىسىنىڭ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-15 20:52:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىك ۋاقتىمىز دا بىز كۆرىدىغان مۇسابىقە مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ 1-يۈرۈش قانىلىدا بىرىلىدىغان ئىتالىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئىدى ،شۇ ۋاقتىدا ھېلىقى قېرى خەڭسۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلاپ مۇسابىقە كۆراتتۇق،لوما،ئەيسى مىلەن،گوجى مىلەن ...........دەپ توۋلاپ كىتىشلىرى  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-15 21:25:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئەڭ بۇرۇن بىلگەن كوماندا ئاسى مىلەن  ئىدى تىلۋىزورلاردا مۇسابىقىسىنى بەرسە مۇشۇ ئاسى مىلەن بىلەن گوجى مىلەن دەپ ئككىسىنى يەنە ئىنگىلاتنى بىر كوماندا دەپلا بىلتىم بىرلەشمە ئكەنلىكىنى بىلمەيتىم . كىيىنچە چوڭ بولغاندا ئاندىن چۇشۇنۇپ قالدۇققۇ ئۇزىچە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-15 21:31:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنى پۇتبول كۆرۈشكە سۆرەپ كىرگەن بىرلەشمە ..... شۇ ۋاقىتلاردىكى رىم كوماندىسىنى سېغىنىمەن...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-15 21:33:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ھەقىقەتەن بىرچاغلاردا ئىتالىيە بىرلەشمىسى داڭلىق چولپانلارنىڭ 1- تاللىشى ئىدى ئەپسۇس ھېلىمۇ بىر يۇۋىنتۇس بۇپ قاپتىكەن پات پات ئۇزغۇنلۇق 8 كۈچلۈك قاتارىدىن ئۇرۇن ئېلىپ ئېتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ يەر شارىدا تېخىچە مەۋجۈت ئىكەنلىكىنى ھەر ۋاقىت ئەسلىتىپ تۇرماقتا .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-3-15 23:04:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ مىلان ، ئىنتىر ، پارما ، ئەيىنخوۋىن دىگەنلەرنى خەۋەردە پات ـ.پات ئىسمىنى ئاڭلاپ قالاتتىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-24 20:01

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش