ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1059 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تىروي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-15 20:23
ھەپتىنىڭ 2-كۈنى بېرنابودا مانچىستىرىنىڭ سابىق مەشقاۋۇلى فورگىسىن بېرنابونىڭ ئالاھىدە ئەزالىق ئورنىدا تۇرۇپ مادىرىد -شارىك04 جېڭىنى كۆردى،مۇسابىقە تۈگىگەندىن كىيىن بۇ تۆھپىكار بىلەن كىرىستىيان بىرگە كەچلىك تاماق يىدى.خەۋەردە دىيىلىشچە بۇ پەسىل ئاخىرلاشقاندىن كىيىن مانچىستىر رونالدونى قايتا باشتىن كوماندىغا قۇشۋالماقچى بولغان،رونالدو فورگىسىننى ئۆز ئاتىسىدەك ھۆرمەتلەيدىغان بۇلۇپ،بەلكىم رونالدونى مانچىستىرغا قايتۇرۇپ ئەكىلىشكە قايىل قىلىش ئۈچۈن كۈرۈشكەن بۇلىشى مۇمكىن،ئالدىنقى پەسىلدە مانچىستىر 200مىليۇن ياۋرۇ بىلەن رونالدونى كونا تىرانفورىتقا قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولغان،ئەمما مادىرىد يۇقۇرى قاتلىمى رونالدو بىلەن توختام ئۇزارتىپ بولغانلىقىغا توغرا كىلپ قالغانلىق تۈپەيلى يۆتكىلىش ئىشى ئەمەلگە ئاشماي قالغان.مادىرىد رەئىسى فلرونتو رونالدونىڭ ھازىرقى ئىپادىسىدىن ئانچە مەمنۇن ئەمەس بۇلۇپ،باھاسىدا بىردەكلىككە كىلەلىسە مادىرىد رونالدونى قولدىن چىقىرىشى مۇمكىن،ئالدىنقى كۈنى فىلرونتو بايانات ئېلان قىلغاندا بېل توغۇرسىدا كۆپتىن كۆپ ماختاش سۆزلىرىنى قىلغان ھەمدە بېلنى مادىرىدنىڭ كەلگۈسى دەپ تەرىپلىگەن،ئەمما رونالدو توغۇرسىدا كۆپ توختلمىغان.
ئەگەر بۇ سودا ئەمەلگە ئېشىپ قالسا مادىرتنىڭ كىيىنكى نىشانى كىم بۇلىدۇ.؟
مادىرىد يۇقۇرى قاتلىمى 30 مىليۇن ياۋرۇلۇق يۆتكىلىش ھەققى بىلەن پورتو سول مۇداپىيەچىسى دانىلو بىلەن يۆتكىلىش ئىشىدا بىردەكلىككە كىلىپ بولغان،كىيىنكى نىشانى ئالابا بۇلۇپ،بايرىندىكى كۆزگە كۈرۈنگەن ماھىرنىڭ بىرى، ئوڭ سول ،ئوتتۇرا مۇداپىيەنىڭ ھۆددىسىدىن تامامەن چىقالايدىغان تالانىتلىق توپچى ھەمدە مادىرتنىڭ ئىھتىياجىغا تامامەن چۈشىدۇ،ئالابا 2013-12-ئايدا بايرىن بىلەن 5 يىللىق توختام ئىمزالاشقان بۇلۇپ 2018-يىلى7-ئايدا تۇشىدۇ،مادىرىد بۇ سودا ئۈچۈن پۇلاتنىنى ئىشقا سېلىشى مۇمكىن،ئالدىنقى يىلدىكى كىروس سودىسىغا ئوخشاش.
http://news.zhibo8.cc/zuqiu/2015-03-15/550553aa6ecea.htm |
|