ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 384 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئىنگىلاند زەردارلىردىن چىلسى بىلەن مانچىستىر شەھىرى بۇ يىللىق يازلىق يۇتكۇلۇش بازىرىدا بىلنى يۇقىرى باھادا سىتىۋالماقچى بۇلۋىتىپتۇ. يىقىنىياقى چىملىقتىكى ئۇچقۇر ئادەم دەپ ئاتالغان. گارىس بىلنىڭ مادىردىكى كۇنلىرى تازا ياخشى ئۇتمەيۋاتىدۇ. ئۇ يىڭى يىل كىرگەندىن تاكى ھازىرغىچە مەيلى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە بۇلسۇن ۋە ياكى چىمپىيۇنلۇق لۇڭقىسى مۇسابىقىسىدە بۇلسۇن بىرمۇ تۇپ كىرگۇزەلمەيلا قالماستىن ئىپادىسى ئىزچىل تۇراقسىز ھالاتتە مۇسابىقە ئۇينىماقتا. ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى مادىردقا يىڭى قۇشۇلغان چاغدىكىگە سىلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. بىلنىڭ ھازىر ئۇيلايدىغىنى داۋاملىق مادىردا قىلىپ سامان يۇلى جەڭ كىمىسى ئۇچۇن ئۇزىنىڭ بىر كىشلىك تۇھپىسىنى جارى قىلدۇرۇپ،ئۇزىنى قايتىدىن ئىسپاتلاش بۇلسىمۇ لىكىن ۋەزىيەت ئۇنى مادىرد كۇماندىسىدىن ئايرىلىشقا قىستاپ قۇيماقتا. ئىلگىرى ئىنگىلاند زەردارى مانچىستىر بىرلەشمىسى بىلنى سىتىۋىلىش ئۇچۇن خىلى كۇچىگەن بۇلسىمۇ، ئۇنى سىتىۋىلىش مەخسىتىگە يىتەلمىگەن. لىكىن ھازىر بىلغا قىزىقۋاتقان ھەم سىتىۋالماقچى بۇلغان كۇلۇپ قىزىللار بۇلماستىن، بەلكى چىلسى بىلەن مانچىستىر شەھىرى ئىكەن.بۇ ئىككىلا كۇلۇپ بىلنى يۇقىرى باھادا سىتىۋىلىشنى ئۇمۇد قىلماقتا.ھازىرقى ئەمىلىي ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۇلار بىلنى سىتىۋالماقچى بۇلسا غايەت زۇر يۇتكۇلۇش باھاسى بىلەن سىتىۋىلىشى كىرەك. بۇلمىسا رىئال مادىرد كۇلۇبى گارىس بىلنى ئاسانلىقچە قۇيۇپ بەرمەسلىكى مۇمكىن. ئۇنىڭ بازار باھاسى 100مىليۇن ئەتراپىدا بۇلۇپ ئۇنى سىتىۋالماقچى بۇلغان چىلسى بىلەن شەھىرى مانچىستر چۇقۇم ئۇنىڭدىن يۇقىرى باھا قۇيۇپ سىتىۋىلىشى كىرەك ئىكەن. شۇنىڭدىلا مادىرد بىلنى قۇيۇپ بىردىغانلىقىنى بىلدۇرگەن. كۇك قۇشۇن چىلسى يەنە قاتىل ھۇجۇمچى كاۋانىنىمۇ قۇشۇۋىلىش تىزىملىكىگە كىرگۇزگەن بۇلۇپ،كاۋانى ئۇلارنىڭ ئىكىكنجى نىشانى ئىكەن. ئەگەردە بىل سۇدىسى پۇتمۇگۇدەكلا بۇلۇپ قالسا كۇك ئارمىيە دەرھاللا كاۋانىنى يۇتكەش ئىشلىرىنى باشلايدىكەن.0 |
|