ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2744 |
تۆھپىسى: سەر |
|
تۈنۈگۈن كەچ سائەت 11 دە ئېلىپ بېرىلغان ئېيبار كوماندىسى بىلەن بارسىلونا ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بىرلەشمە مۇسابىقىسى بارسىلونا ئۈچۈن بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاشلا بولۇپ قالماي ، بارسىلونا چوڭ مىڭىسى شاۋېغا نىسبەتەن ئالاھىدە بىر مەيدان مۇسابىقە بولدى . مۇسابىقە باشلىنىپ 62 مىنۇت بولغاندا شاۋې راكتېچنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ مەيدانغا چىقىپ ، ئۆزىنىڭ بارسىلونادىكى 750-مەيدان مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالدى ۋە غەلبىلىك تاماملىدى .
شاۋې بولسا بارسىلونا ياشلار مەشىق بازىسى لاماسسىيانىڭ ئەلاچى ئوقۇغۇچىسى . ئۇ 1998-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى مالوكا كوماندىسى بىلەن بولغان ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقسى تالىشىش مۇسابىقىسى بىرىنچى ئۇچرىشىشىدا بارسىلونادىكى تۇنجى قەدىمىنى بېسىپلا قالماي ، يەنە شۇ مەيدان مۇسابىقىدە بارسىلونادىكى بىرىنچى توپىنى ئۇرۇپ كىرگۈزگەن .
شاۋېنىڭ بۇ 750 مەيدان مۇسابىقىسىنىڭ 494 مەيدان مۇسابىقىسىنى ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە تاماملىغان . ئۇندىن باشقا يەنە 152 مەيدان ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى ، 13 مەيدان ئۇيۇشما لوڭقىسى مۇسابىقىسى ، 169 مەيدان شاھلىق لوڭقىسى مۇسابىقىسى ، 14 مەيدان ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى مۇسابىقىسى ، 3 مەيدان ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى مۇسابىقىسى ۋە 5 مەيدان دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى تالىشىش مۇسابىقىسى قاتارلىقلار . شاۋې بارسىلوناغا ۋەكالىتەن قاتناشقان بۇ 750 مەيدان مۇسابىقىدە جەمئىي 84 توپ ئۇرۇپ كىرگۈزگەن .
17 يىل ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كەتتى . ھازىر شاۋې ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدىكى ئىپادىسىدە بولمىسىمۇ ، يەنىلا بارسىلونانىڭ ئوتتۇرا مەيداندىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ماتورى ھېسابلىنىدۇ . بۇ 17 يىلدا شاۋې بارسىلونا كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە 22 لوڭقا كۆتۈرۈپ ، بارسىلونا كوماندا تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ چىمپىيونلۇق لوڭقىسى ساھىبى بولۇپ قالدى . ( 7 قېتىم ئىسپانىيە بىرلەشمە چىمپىيونى ، 3 قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق چىمپىيونى ، ئىككى قېتىم شاھلىق لوڭقىسى چىمپىيونى ، 6 قېتىم ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چىمپىيونى ، 2 قېتىم دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى چىمپىيونى ) !!!~ |
|