ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2628 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئۇستاز دىگەن يەنىلا ئۇستازدە ، نەق گەپنى قىپتۇ .
بۇلتۇر بۇ كوماندا خۇبىينىڭ ئىدى ، بىزنىڭكىدىن ئاران ئۈچنى سالدۇق دىدۇق ، لىكىن تەييارلىق كوماندىدىكى ئاساسەن بىزنىڭ باللاردىن بولغان كوماندىنىڭ تەييارلىق بىرلەشمىسىدىكى نەتىجىسىمۇ ۋاي دەپ كەتكۈدەك بولمىدى . يوقرى نۇمۇر پەرىقى بىلەن ئۇتتۇرغان مۇسابىقىلرىمۇ بار . شۇنىڭدا بىزنىڭ باللىدىن توققۇزى چىققان .
يەھياغا قاراپ بىقىڭلار ؟ بۇلتۇرقى كوماندىدا بىشىدا ئانچە مۇھىم ئەزالار قاتارىدا ئەمەس ، لىكىن تىرىشىپ تىرمىشىپ بارغانچە كوماندىنىڭ پىرلوسىغا ئايلىنىۋىدى ، پەسىل يىرىملاشقاندىن باشلاپ ئاساسلىق ئەزا ئورنىنى تىپىۋالدى ، ھەتتا مەيدانغا چىقىش نىسبىتى ئاۋۋالقى مۇستاپا بىلەن بارىنى كەينىدە قالدۇردى ... بۇ يىلقى ئاساسلىق ئەزا قاتارىدىن قالمايدىغان شىنجاڭلىق يەھيا دەپ قارايمەن .
قالغانلارمۇ مۇشۇ بالىدەك تىرىشىشى كىرەك . ئويلاپ بىقىڭلار ، ھازىر كوماندىدا ئۈچ چەتئەللىك بار ، ۋارتار شىنجاڭلىق ئەمەس ، دىمەك قالغان يەتتە ئورۇننى بىزنىڭ باللار تالىشىدۇ ، بىزنىڭ باللار تىرىشسىلا ئۇ ئورۇننى ئالالمىغۇدەك ھىچقانداق سەۋەپ تىپىپ بىرەلمەيدۇ تىرىنىرمۇ ، ئۇستاز ئىيتقاندەك مەستانلەر ئارقىلىق ئۆز ۋاقتىدا لودىڭرىننى ئىسقىرتىپ چۈشۈرۋەتكەندەك چۈشۈرۋەتكىلى بولىدۇ .
چۈنكى بۇ كوماندا ھازىر خۇبىينىڭ ئەمەس ، شىنجاڭنىڭ قولىغا ئاساسەن ئۆتۈپ كەتتى ... |
|