elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2221|ئىنكاس: 92

ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 27-ئايلانما مۇسابىقە خەۋىرى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئارىف تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-15 04:09  

       730_1457723_481398.jpg

  2015 - يىلى 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى  ، ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 27 - ئايلانما مۇسابىقىسى ئوينالدى ، نەتىجىلەر تۆۋەندىكىچە :


مادىرىد رىقابەت  0   -  0  ئىسپانىيەلىكلەر


مادىرىد رىقابەت كوماندىسى مىھمان بۇلۇپ كورنېللا ئېلپارت پۇتبول مەيدانىدا ئىسپانىيەلىكلەر كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى تەرەپ مۇداپىيەنى ئاساس قىلىپ خېلى كۈچىگەن بولسىمۇ توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتىگە ئىرشەلمىدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە قۇشۇپ بىرىش باسقۇچىدا مادىرىد ئاتلىتكا توپچىسى  مىلاندا قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ قىزىل كارتا جازاسىغا ئۇچىراپ مەيداندىن چۈشۈرۋېتىلدى. كىيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە 10 ئادەملىك مادىرىد ئاتلىتكا كوماندىسى ھۇجۇم ۋە مۇداپىيەگە تەڭلا كۈچىدى، مۇسابىقىنىڭ 76-مىنۇتىدا راھۇل.گارسىيا ۋارتارغا تەپكەن ئىنتايىن خەتەرلىك توپنى ئىسپانىيەلىكلەر كوماندىسىنىڭ ۋارتارى كاسىلىيا تۇسۇپ قېلىپ قەھرىمانغا ئايلاندى، مادىرىد رىقابەت كوماندىسى ئاخىرىغىچە بەرداشلىق بىرىپ ،قاتتىق مۇداپىيە قىلىپ مۇسابىقىنى 0-0 نەتىجە بىلەن ئاياقلاشتۇردى. يېقىندىن بېرى مادىرىد ئاتلىتكا كوماندىسى 10ئادەملىك  سەپ شەكلىگە خېلى كۈنۈپ قالدى.

     

       BbsImg142635901711034_635-309.jpg

بارسېلونا 2-0ئېيبار

يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە بارسېلونا كوماندىسى مېھمان بۇلۇپ ئىپۇرۇئا پۇتبول مەيدانىىدا ئېيبار كوماندىسى بىلەن تۇتۇشتى.بۈگۈنكى باش قەھرىمان يەنىلا مېسسى بولدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 30-مىنۇتتا  مېسسى تەپكەن توپ، چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە قارشى تەرەپ ئەزاسىنىڭ قۇلىغا تىگىپ كىتىپ چىقىپ كەتتى. باش رىپىر دەرھاللا نوقتا توپ ھۆكۈم قىلىدى. مېسسى مەردانىلارچە ئۇرۇپ كىرگۈزدى. شۇنىڭ بىلەن ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە 1-0 نەتىجە بىلەن ئاياقلاشتى.كىيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 57-مىنۇتتا راكتىچ بۇلۇڭ توپ باشلىدى، مېسسى قاراملەرچە بېشى بىلەن ئۈسۈپ كىرگۈزدى.شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن توپ مەستانىلىرى مېسسىنىڭ قالپاق كىيشىنى كۈتۈپ تاقىتى-تاق بولدى، ئەپسۇس 3-توپنى ئۇرۇش مۇمكىن بولمىدى. مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا ئېيبار كوماندىسى بىر قېتىم تۈۋرۈك سوقتى .ئاخىردا بارسېلونا كوماندىسى 2-0 نەتىجە بىلەن ئېيبار كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ 3نۇمۇرنى قولغا كەلتۈردى .بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مېسسىغا ئىنىرىك نىڭ گەپلىرى تەسىر قىلدىمۇ (مۇداپىيەچى بولسىمۇ قالتىس ئوينايدۇ دىگەن سۈزى) ئانچە ئاكتىپ بولمىدى، مۇداپىيەگە ئاساسەن قاتناشمىدى، لېكىن يەنىلا مېسسى قالتىس ماھارەتلىرىنى نامايەن قىلدى. مۇسابىقىنىڭ 72-مىنۇتىدا ھەش-پەش دىگۈچە قارشى تەرەپنىڭ ئۈچ ئادىمىنى ئالداپ ئۈتۈپ كەتتى. قىسقىسى بۈگۈن مېسسىنىڭ بارلىق سان-سىفىرلىرى يەنە ئۆزگەردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە خاۋى زاپاس ئەزا بۇلۇپ مەيدانغا چىقىپ ئۈزۈنىڭ 750-مەيدان مۇسابىقىسىنى كۈتىۋالدى.
شۇنداق قىلىپ بارسېلونا كوماندىسى، خانلىق مادىرىد كوماندىسىدىن بىر مەيدان مۇسابىقىنى ئارتۇق ئوينىغان ئەھۋال ئاستىدا 4نۇمۇر پەرق بىلەن بىرلەشمىنىڭ چۇقىسىدا كىتىپ بارماقتا!

         


باشقا مۇسابىقىلەر:

ۋالۇنسىيە 2-0  لاكۇرىنىيە

بالىكانو 0-1گىرانادا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوغدا يوللىغان ۋاقتى  2015-3-15 12:07
مەن دەيمەن: مىسسى ھەقىقى تالانىت ئىگىسى. بىر ئادەمنىڭ  ...

بىر ئادەمىنىڭ كۈچىنىڭ چەكلىك بۇلدىغانلىقىنى مادىرىد مەستانلىرىمۇ ئىتىراپ قىلدىكەن مانا.  ئەڭ قىسقىسى دەل مادىرىد مەستانلىرى مسسىغا شاۋى بىلەن ئىنستا بولمسا توپ ئۇرالمايىدۇ دەپ جاكارلاپ يۈرگەن ئىدى ، خۇددى س رونالدو پۈتۈن مەيداندا ئۆزى يالغۇز ئويناپ داڭىق چىقارىغاندەك گەپ قىلغان . ئالدىنقى پەسىل خاۋى قىرىپ قىلىش ۋە يارلىنىشتەك سەۋەپلەر بىلەن بىر پەسىل تۈزۈك مۇسابىقە ئوينىمىدى ، بۇ پەسىلدە بولسا خاۋى بىلەن ئىنىستا ئاساسەن زاپاس بۇلۇپ ئورۇندۇققا مىخلاندى  بىراق مسسسى  تۈزۈك ئۇتتۇرا مەيدانچى يوق ھازىرىقى بارسلونادا ئەڭ يۇقىرى بولغان توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى بىلەن مەرگەنلەر قاتارىدا كىتىپ بارىدۇ ،   ئەگەر بارسلونانىڭ ئۇتتۇرا مەيداندا مادىردتىكى كىروس ، جامىس ، مودىرىچ كۈچلۈك ياش ئۇتتۇرا مەيدانچىلار بۇلۇپ كەتكەن بولسا  بۇ كەمگە مسسىنىڭ ئۇرىغان توپ سانى 32 ئەمەس 52 بۇلۇپ بولغان بۇلاتتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
KUZEY` يوللىغان ۋاقتى  2015-3-15 12:42
بۇ پەقەت سىزنىڭ پەرزىڭىز خالاس  ھازىرچە مۇمكىن بۇلماي ...

پىكرىڭىز تۇغىرا . بىراق ماسلىششنى بىلگەن ئادەم بىر كۇماندىدا ئەمەس ھەرقانداق كۇماندىغا بارسا ئۆز رولىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرالايىدۇ ، ماسلاشقاننى تىكى تاكا دەپ ئوينىدى  زىركتۈردى دەپ گەپ تاپقان مادىرىد مەستانلىرىمۇ بولغان ، ئەمدى بولغاندا ماسلاشمىدى دەپ گەپمۇ چىقۋاتىدۇ مانا. بىر گەپ ئىنىق  بولسۇنكى توپ مەستانلىرى قىززىغان مۇسابىقىنى ئۈمىد قىلىدۇ بىراق كۇلۇپ رەئىسى ياكى خۇجايىنى ، تىرنىر ۋە توپچىلار لوڭقا كۈتۈرۈپ شەرەپ قۇچۇشىنى نىشانلايىدۇ ھەم لوڭقا ھەم مۇكاپاتىنى نىشان قىلىدۇ ،  شۇڭا مىڭ داڭلىق چولپاننى يىغۋالغان بىلەن لوڭقا كۈتۈرەلمەي نەتىجە ئالالمسا  ئۇنىداق كۈرمىڭ چولپان شۇ كۇلۇپىنىڭ خۇجايىنى ياكى رەئىسىنىڭ نەزىرىدە بىر ئەخلەت خالاس . قسىقى فىيلورىندىنو نىمە ئۈچۈن ئەنچلودىنى ھازىرىقدەك ۋاقىتتا ھەيدىمەيدۇ! چۈنكى بۇ سىستىرا مادىرىدنى 10 نەچچە يىلدىن بۇيان كىچە كۈندۈز زار زار تەشنا بۇلۋاتقان ئىككى خانلىق لوڭقىغا ئىگە قىلدى ئۆز ئۇسلۇبى بىلەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   @Messi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-15 10:23  

ئاتلىتكا يەنە تەڭلىشپتۇ،
بىرلەشمە لوڭقىسى بارسېلونا بىلەن خانلىق مادرىد ئىككى كوماندىنىڭ بىرسىگە قالدىمۇ نىمە..
ۋالىنسىيە 3-لىك ئورنىغا چىقپتۇ مانا،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاساپەتنىڭ بەش ئادەمنى ئالداپ ئۆتكەن كۈرنىشىنى ئۇزۇن بوپتىكەن كۆرمىگىلى قالتىس بولدى ـ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسسى مۇشۇ تەرەققىيسىدە ماڭسا ئالدىنقى يىللىق توپ كىرگۈزىش رىكورتىنى بۇزغىدەك يەنىمۇ تىرىش -
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېبار  كوماندىسىمۇ  راۋۇرۇس  ئويناپ  قويدى،  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍ەيبار كوماندىسى مۇ خېلى كۈچەپ قويغان، بىزنىڭ مۇداپىئ‍ە ياخشى تۇردى……
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېسسى 90 مىنۇت  ياخشى ئوينىمىسىمۇ  3-4  مىنۇتتا ۋەھشى ئويناپ قويسىلا  مۇسابىقە  نەتىجىسىنى بەلگىلىۋىتىدىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر نۇقتا توپ  بىر  كاللا توپ ،بۇنى نىم دەيتمىز ، س. رونالدو نىڭ  ئۇسلۇبى بويىچە ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىش دەيتمىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالۋېس بىلەن ئالبانىڭ يوقلىقى بارسىلونانىڭ ھۇجۇمىنى بىر بالداق توۋەنلىتىۋېتىدىكەن،ئالبانىڭ يان يولدىن بېسىپ كىرىپ قارشى تەرەپكە خەتەر ئېلىپ كېلەتتى،مىسسىمۇ بۇنىڭ بىلەن بەك ماسلىشاتتى،ئاخشام ئالبا يوق مىسسىنىڭ چەكلەنگەن رايون ئىچىگە ئارتىلدۇرۇپ تاشلىغان پاسلىرىنى ئاساسەن كۆرگىلى بولمىدى…مۇداپىئەمۇ ياخشى بولدى بارتېرامۇ ئىسىل تۇرۋەتتى…مىسسى دىگەن كاساپەت يەنە بىر ئادەمنى ئالداپ ئۇتۇپ ئۇرۋاتقان بولسا بۇ يىلقى ئەڭ ئىسىل چۇشكەن توپ بۇلۇپ قالاتتى دە…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بوپتۇ.دېربى قىززىپ كەتكۈدەك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتلىتكا مادرىت بۇ  يىل    ئىككى سەركە بىلەن   بىرىنچىلىكنى  تالىشىپ  بولالمىغۇدەك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 14:24

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش