ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1430 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى سەھەردە، ياۋروپا ئىتىپاق لوڭقىسىنىڭ بىر مەيدان قىزىق نۇقتا بولغان مۇسابىقىسى ئىسپانىيىدىكى ئىككى كۇلۇب-سېۋېللا بىلەن بېللارېئال كۇماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى، مۇسابىقە باشلىنىپ 13.21 سېكونت بولغاندا ۋېتىئو بىر تو كىرگۈزدى. بۇنىڭ بىلەن ياۋروپا ئىتىپاق لوڭقىسى تارىخىدىكى ئەڭ تىز كىرگەن توپ رېكورتى بارلىققا كەلدى.
تۈۋەندە ياۋروپا ئىتىپاق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ تېز كىرگەن بىر نەچچە توپنى كۆرۈپ باقايلى :
1. توپ (ۋېتىئو)
بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى سەھەردە ئېلىپ بېرىلغان، 2014-15-يىللىق ياۋروپا ئىتىپاق لوڭقىسىنىڭ ئىككىنچى ئۇچۇرشىشىدا، مۇسابىقە باشلىنىپ 13.21 سېكونتتا بىللارېئال توپچىسى ۋېتىئو ئۇرغان توپ.
2.توپ (ئىسمائىل بىلانكو)
2009-يىلى 11-ئاينىڭ6-كۈنى، گىرىتسىيەنىڭ AEKئاتھىنىس كۇلۇبى بىلەن بىلۇرۇسىيەنىڭ بورېسۇف كۇماندىسى ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدە، ئارگېنتىنالىق ھۇجۇمچى ئىسمائىلنىڭ مۇسابىقە باشلىنىپ 15 سېكونت بولغاندا ئۇرغان بىر توپى، بۇ توپ 6 يىل ساقلىغان رېكورت بۇزۇلدى.
3-توپ ( كېيتا ، لازىئو)
2014-يىلى 2-ئاينىڭ28-كۈنى، لازىئو كۇماندىسى 3:3 نەتىجە بىلەن بوگالىيا كۇماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ، ئىتىپاق لوڭقىسىدا شاللانغان مۇسابىقىنىڭ 18-سېكونىتىدا، 19ياشلىق ياش توپچى كېيتا قىيىنلىق دەرىجىسى تەس بولغان بىر توپنى كىرگۈزدى.
4-توپ ( ماتا ، ۋالۇنسىيە)
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى، ياۋروپا ئىتىپاق لوڭقىسىنىڭ 16كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىدە، ۋالۇنسىيە كۇماندىسى 3؛0 نەتىجە بىلەن پورتو كۇماندىسىنى يەڭدى، مۇسابىقە باشلىنىپ 18سىكونت بولغاندا ماتا چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدىن بىر توپ كىرگۈزدى.
5-توپ (ئاگۇيرو ، مانچېستىر شەھەر)
ياۋروپا ئىتىپاق لوڭقىسى 16كۈچلۈككە كىرىش بىر مەيدان مۇسابىقىسى مانچېستىر شەھىرى بىلەن پورتو كۇماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، مۇسابىقە باشلىنىپ 19سېكونت بولغاندا، ئاگۇيرو چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە، يايا-تورىنىڭ تاشلىغان پېسىنى ئېلىپ ئەپچىللىك بىلەن قاپقىغا ئۇرۇپ كىرگۈزدى.
6-توپ ( تاسېن ،خاركۇف )
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى، سالېزبروگ كۇماندىسى بىلەن خاركۇف كۇماندىسى ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىنىڭ 20.08سېكونت بولغان ۋاقتىدا، بىرازىليىلىك ھۇجۇمچى تاسېن بىر توپ كىرگۈزۈپ، ئەڭ تېز كىرگۈزگەن توپلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. |
|