ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1430 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
پۇتبول چولپانلىرى يېشىل چىملىقتا جان تىكىپ كۈرەش قىلىدىغان ھارماس تۇلپارلار، ئۇلار ئۆيگە قايىتقاندىمۇ ئۆيدىكى ئاياللارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك، چۈنكى ئاياللار ئۆيدىكى يېشىل چىراق، ئۇلار ئەرلە ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز يۈرەك قېنىنى سەرب قىلىدىغانلار، ‹‹ھەربىر ئۇتۇق قازانغان ئەرنىڭ كەينىدە، ئۇنى ئۈن-تىنسىز قوللاپ تۇرىدىغان بىر ئايال بولىدۇ›› دەيدىغان بىر گەپ بار، پۇتبول چولپانلىرىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.
كىرىستىيانو.رونالدونىڭ قىز دوستى ئېلىنا
ئېلىنا رونالدو بىلەن بەش يىل ئارلاشقان، ئۇنىڭ خاراكتىرى، ئۆز كەسپىگە بولغان قىزغىنلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئۇ رونالدونىڭ ئاپىسى بىلەن چىقىشالمىغانلىقتىن ئايرىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئېلىنا ھەمرا بولغان چاغدىكى رونالدونىڭ كەسپى ھاياتى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان، ئىككىسى ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىنكى رونالدو 8 مەيدان مۇسابىقىنىڭ 4 مەيدانىدا قاپقىغا قارىتىپ بىر توپمۇ تېپەلمىگەن.
كىرىستىيانو.رونالدونىڭ ئاپىسى
رونالدونىڭ ئاپىسى دولورېس ئىنتايىن قەيسەر ئايال، ئۇنىڭ شۇنداق مىجەز خاراكتىرى رونالدونىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان، رونالدونىڭ ھازىرغىچە ئائېلە قورماسلىقىمۇ ئاپىسى بىلەن مۇناسۋەتلىك، ئۇ ئوغلىنىڭ لايىقى چۇقۇم بىر مۇكەممەل ئايال بولىشى كېرەك دەپ قارايدۇ، شۇڭا دەرىجىدىن تاشقىرى گۈزەل مودىل ئېلىنامۇ ئۇنىڭ بۇ تەلىپىنى قاندۇرالمىغان.
مېسسىنىڭ قىز دوستى ئانتونېللا
ئانتونېللا گەرچە دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول چولپىنىنىڭ قىز دوستى بولسىمۇ، ئادەتتە ئۇ بىر ئاددى-ساددا ئايال، ئىكراندا ناھايىتى ئاز پەيدا بولىدۇ، بۇ ئىككىسىنىڭ تىياگو ئىسىملىك بىر بالىسى بار، ئىككىنچىسىگىمۇ قورساق كۆتۈردى، ئۇلارنىڭ مېھرى ناھايىتى چوڭقۇر، رومانتىك بىر جۈپلەردىن. مېسسىنىڭ مۇشۇنداق بەخىتلىك ئائېلىسى، ئامراق ئايالى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ توپ مەيدانىدا جۇشقۇن كەيپىياتتا توپ تېپەلەيدۇ.
كاكانىڭ ئايالى كارولېنا
ئىلگىرى كاكا بىلەن كارولېنا بىر مەزگىل ئايرىلىپ كەتكەن ئىدى، لېكىن بۇ بىر جۈپ ئامراق ئاشىق مەشۇقلار قايتىدىن يارىشىۋالدى، ئۇلار توپ مەستانىلىرىنى يەنە بىر قېتىم مۇھابەتكە ئىشەندۈردى، كارولېنا كاكانىڭ قەلبىدە گۈزەل ھەم نوقسانسىز ئايال، كارولېنا ئېلىنا بىلەن رونالدودەك كەسپى ئۈچۈن نىكاھىدىن ۋاز كەچكەن، لېكىن ناھايىتى تېزلا ئائېلىسىنى تېپىۋالدى، بۇندىن كېيىن ئائىلە ئىشلىرىنىڭ ياخشى بولىشىدا گەپ يۇق، كاكامۇ خاتىرجەم ھالدا ئامېركىدىكى مۇسابقىسىنى ئوينايدىغان بولدى.
بېكخامنىڭ ئايالى ۋېكتورىيە
ۋېكتورىيە بولمىغان بولسا بېكخام بەلكىم پەقەت كېلىشكەن ئەر ۋە توپ چولپىنىلا بولغان بولاتتى، ۋېكتورىيەنىڭ كۈچلۈك قوللىشى ئارقىسىدا بېكخام بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ئۇتۇق قازىنىپ، مىليۇنلىغان مەستانىلەرگە ئېگە ئەنگېلىيە ۋە دۇنيا خەلقى ئېتىراپ قىلىدىغان داڭلىق چولپان بولۇپ يېتىشىپ چىقتى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ئاللىقاچان چېكىنگەن بولسىمۇ، پۇتبول ساھەسىدە ئۇ تەسىرى ھېلىمۇ ئىنتايىن چوڭ شەخس، ئۇ مودا ئېقىمىنىڭ ۋەكىلى، ئېلان دونياسىنىڭ سەركىسىگە ئايلاندى، ۋېكتۇرىيە بولمىغان بولسا، بېكخامنىڭ بۇنداق ئۇتۇقلارنى قازىنىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايىتتى.
فېگونىڭ ئايالى ئەيلۇن
پورتۇگالىيەلىك توپ چولپىنى فېگونىڭ كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىشى ئۇنى ئۆزلۈكسىز قوللاپ كېلىۋاتقان ئايالى ئەيلۇننىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، ئەيلۇن ياۋروپادىكى داڭلىق مودېل ئىدى، فېگو بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن، بارلىقىنى ئائېلىگە قاراتتى، كەسىپتە ئۇ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىيەلمىگەن بولسىمۇ، فېگو بىلەن بەخىتلىك ئائېلە قورغانلىقىدىن رازى ئىدى، ئەگەر فېگو پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولالىسا، ئۇنداقتا ئەيلۇنمۇ پۇتبول ساھەسىدىكى بىرىنچى خانىم بولغان بولاتتى.
لوفنىڭ ئايالى دەنىئېلا
لوف 2014-يىللىق بىرازىلىيە پۇتبول لوڭقىسىنىڭ غالبىيەتچىسى، گەرچە ئۇ پۇتبول ساھەسىدىكى ئەڭ كېلىشكەن تېرىنىر بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كۆڭلىنى ئىككىنچى بىر ئايالغا بۆلمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ يېنىدا 17 يېشىدا تۇنۇشقان سادىق ئايالى دەنىئېلا بار ئىدى. لوف ئائېلىنىڭ گېپى چىققاندا مۇنداق دەيدۇ :‹‹ ئائېلە قوملۇقتىكى ياپيېشىل بۇستانلىققا ئوخشايدۇ، ئۇ ئادەمنى خاتىرجەملىككە ئېگە قىلىدۇ، مەن ئۆيدە مەيلى بىر پارچە كىتاپ ئوقۇي، كىرىسلودا ئولتۇرۇپ ئىتالىيە چۆپى يەي ۋە ياكى بىر رومكا قىزىل ھاراق ئىچەي ھېچقانداق يېقىمسىزلىق ھېس قىلمايمەن››، مانا بۇ دەنىئېلانىڭ لوفقا تەغدىم قىلغان ئازادە مۇھىت، بەخىتلىك ئائېلىسى.
|
|