elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1380|ئىنكاس: 43

بارسېلونا خەۋەرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 14:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

بارسىېلونا رەئىسى رەسمىي تۈردە ئەيىپلەندى.
image.jpg
پۇتبول تاراتقۇسى بولغان «توپ كىرىش »  تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بارسېلونانىڭ ھازىرقى رەئىسى بولغان بارتومىئو سوتچى پاۋلۇ لوسىتنىڭ (تەرجىمە خاتا بولۇشى مۇمكىن) يەنە ئەيىبلىشىگە ئۇچرىشى مۇمكىن. سەۋەبى بولسا يەنىلا شۇ نىيمارنىڭ يۆتكىلىش ئىشىدىكى  باجدىن قىچىش قىلمىشى ئىكەن .
«ئا س  »  گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە بارتىمىئو ئەپەندىم ئەينى چاغدا بارسېلونادا ھىشقانداق مەسىلىنىڭ يوقلىقىنى  جاكارلىغان . ھەم ئەينى چاغدىكى ئىشلاردىكى مەسئۇلىيەتنى ئالدىنقى رەئىس  روسسىل   غا  ئىتتىرىپ  قويغان . نىيمارنى سېتىۋالغان ۋاقىتتا بارتىمىئو نىڭ پەقەت كۇلۇب مۇئاۋىن رەئىسلىكىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلى ئىكەنلىكىنى ، نىيمارنىڭ يۆتكىلىش ئىشىنى ئەينى چاغدىكى رەئىسنىڭ بىر قوللۇق پۈتتۈرگەنلىكىنى ھەم ئۆزىنىڭ بۇ ئىشلارغا ئارلاشمىغان ئېيتىپ ئۆتكەن .
نىيمار بىلەن توختام تۈزىگەن ۋاقىتتا بارسېلونا جامائەتچىلىككە  يۆتكىلىش ھەققىنىڭ 57 مىليون 100 مىڭ ياۋرو بولغانلىقىنى جاكارلىغان .ئەمما ئىسپانىيە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە ئەمەلىي يۆتكىلىش  سوممىسى 86 مىليون ياۋرو ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان .نىيمار سودىسى بارسېلونا تارىخىدىكى ئەڭ تالاش-تارتىش قوزغىغان سودا بوپ قالغان بولۇپ ، شۇ سودا ئالدىنقى رەئىس روسسىل نىڭ تەختتىن چۈشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ھازىرقى رەئىسمۇ بۇ سودىنىڭ چاتما جاۋابكارلىق بېرىش ئۈچۈن سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان.

ئىنرىك : مىسسى بىك تۇرسىمۇ ، يەنىلا مۇنەۋۋەر
image.jpg
بارسېلونانىڭ  ھازىرقى ئىپادىسى ياخشى كېتىپ  بارغان بولۇپ ، ئۈچ سەپتە تەڭ ماڭماقتا. بۇ ۋاقىتتا خۇشال بولىدىغىنى ئەلۋەتتە مەستانىلەر ، توپچىلارلا  بولۇپ  قالماي ھەم شۇ نەتىجىلەرنىڭ پىلانلىغۇچىسى مەشقاۋۇلمۇ بار .
ئىنرىك مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا كوماندىنىڭ ھازىرقى ئىپادىسىدىن ھەم كوماندا ئەزالىرىدىن ئىنتايىن رازى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى . ھەم ھازىرقى ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولۇۋاتقان مىسسىنى :« مىسسى بولسا كۆپ قىرلىق پۇتبۇلچى . ئۇ ھەتتا مۇداپىئە ئورنىدا ئوينىسىمۇ مۇنەۋۋەر ماھىر بولالايدۇ .» دەپ چاقچاق ئارىلاش ماختاپ  قويدى .
ئۇ ھەم ھازىر قى يۆتكىلىش خەۋىرى يامغۇردەك يىغىۋاتقان كوماندا مۇداپىيەسىدە كەم بولسا بولمايدىغان بىرازىلىيەلىك ئالۋىس توغرىلىق :
«سىز مەندىن ئالۋىس نىڭ كوماندىدا بىلەن توختام ئۇزارتىشىنى ئۈمىد قىلامسىز دەپ سوراۋاتىسىز
،سىز مەن ئىشلىتىۋاتقان ئاساسلىق سەپ شەكلىگە قارىسىڭىز لا ، بۇنىڭ جاۋابىنى تاپالايسىز . ئالۋىس مەن ئۈچۈن ئىلىپ ئېيتقاندا ناھايىتى بىر  مۇنەۋۋەر توپچى  ، ئەمما ئۇنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن  كۇلۇب يۇقىرى قاتلىمى بىلەن ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىنى ئاساس قىلىشى كېرەك .»  دېدى.
شاۋى 750-مەيداننى كۈتىۋالماقچى
image.jpg
بۈگۈن سەھەردە بارسېلونا بىرلەشمىدە ئەيۋار كۇلۇبى بىلەن مۇسابىقىلىشىدىغان بولۇپ ،بۇ مەيدان شاۋى مەيدانغا چىقسىلا بۇ مۇسابىقە شاۋىنىڭ بارسېلونا ئۈچۈن قاتناشقان 750-مەيدان مۇسابىقىسى بولۇپ قالىدۇ.
ئىنرىك شاۋى توغرىلىق :« شاۋى بارسېلونا ئۈچۈن ئۆزىنىڭ 750-مەيدان مۇسابىقىسىنى ئويناش ئالدىدا تۇرماقتا. بىر پۇتبۇلچىغا نىسبەتەن بۇ ئادەتتىكى نەتىجە ئەمەس ،مەن شاۋىنىڭ بارسېلونا ئۈچۈن يەنە بىر قانچە يىل توپ تىپىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . شاۋى ھەرقاچان بارسېلونانىڭ روھىي تۈۋرۈكى .»  دېدى.

بىراۋۇ : «نىشانىمىز 3 شاھ بولۇش»
image.jpg
بارسېلونا نىڭ بۇيىل خانلىق جەمئىيەتتىن سېتىۋالغان چىخلىق ۋاراتارى بىراۋۇنىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى بولماقتا .بىرلەشمىدە 27 ئايلانمىدا 16 توپ كەتكۈزۈش بۇنىڭ دەلىلى بولالايدۇ .
بىر كۈن ئىلگىرى بىراۋۇ مۇخپىرلاش كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى:
بىراۋۇ :« بارسېلونانىڭ ھازىرقى نىشانى قايتىدىن 3 شاھ لىق ئورنىغا چىقىش .»
بارسېلونا ھازىر  ئىسپانىيە A دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدە 1- ئورۇندا كېتىپ بارماقتا. دۆلەت دىربىيسىدا غەلىبە قىلسىلا ، ھەم كېيىنكى ئايلانما مۇسابىقىلەردە ئېھتىيات قىلسا چېمپىيون بولۇش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى . شاھلىقتا ھەل قىلغۇچقا كىرگەن بولۇپ ، ئاخىرقى بىر مەيداننى تىرىشچانلىق بىلەن ئوينىسىلا ئۇنىڭدىمۇ ئۈمىد بار .ئۇزغۇنلۇقتا بولسا ، ئىنگلاند بىرلەشمىسىدىكى  مانجىستىر شەھىرىنىڭ مەيدانىدا  مېھمان مەيدان ئىككى توپ ئۇرۇپ بولغان بولۇپ ، بۇنىڭدىمۇ 8 كۈچلۈككە كىرىشىدە ئۈمىد بار .
بارسېلونا 2008/2009- يىلى پەسىلىدە «3 شاھ » بولغان بولۇپ ، بىراۋۇ بۇ پەسىلمۇ «3 شاھ» بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
بىراۋۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ : 3 شاھ بولۇشتەك ياخشى نەتىجىنى بۇرۇن بارسېلونا قولغا كەلتۈرگەن ،ئەگەر بۇ پەسىلمۇ ئىرىشسەك تېخىمۇ ياخشى بولاتتى . لېكىن بىزبۇ ۋەزپىنى  بىرمەيدان -بىرمەيداندىن ئورۇنلىشمىز  كېرەك .
image.jpg
ئۇ يەنە : بارسېلونانىڭ ئەشەددىي رەقىبى خانلىق مادرىد نىڭ قانچىلىق ئاۋارىچىلىكلەرنى كەلتۈرىشىدىن قەتئىي نەزەر  بۇ پەسىل زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ  چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ قالدىغانلىقىنى ئېيتتى .
ئۇ يەنە :  ئۆزىلىرىنىڭ پەسىل ئوتتۇرلىقىدا بەزىبىر ئاۋارىچىلىكلەرگە يولۇققانلىقىنى . خانلىق مادرىد نىڭ ھازىر دەل شۇنداق پىشكەللىكلەرگە يولۇققانلىقىنى ، ئامما ئۆزىلىرىنىڭ شۇ مەسىلىلەرنى يېڭىش ئۈچۈن ياخشى بولغان يۆلىنىش تېپىپ چىققانلىقىنى . ئېتىپ ئۆتتى .

ئاخىرىدا بارسېلونانىڭ  تارىختا 2-قېتىم «3شاھ» بولغان بىردىن بىر كوماندا بولۇپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن !

تەرجىمىدە پۇتبول كۇلۇبىدىن :  ھەمراھ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: تۈنۈگۈن 15:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ  ھەممە يەرگە شۇنچە ياخشى  قارىغان ئىدىم ئاخىرقى پۇتبۇل دىگەن سۆز  خاتا بولۇپ  قاپتۇ !
تەھرىرلەي دىسەم تىلىفۇندا بىر ئوبدان چىققان تىمام بۇزۇلۇپ كەتمىسۇن دەپ تەگمىدىم . بولسا بىرەر  باشقۇرغۇچىنىڭ ئاخىرقى 2 پارچە رەسىم بىلەن شۇ خەتنى ئوڭشىۋىتىشىنى   ئۈمۈد  قىلىمەن!

ۋاقتى: تۈنۈگۈن 15:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يا ئاللا ھەجەپ جىق ئاۋارچىلىق ئېلىپ كەلدى ئاۋۇ تۈك باش  بىرسىنى تۈرمىگە سولاپ بەردى يەنە بىرسىنىمۇ يولغا سېلىش ئالدىدىكەن  .  يا شۇنچە كۆپ بەدەل تۆلىگەنگە چۇشلۇق مىسسىنى زاپاس قىلىۋېتەلىمىدى . سانچىسمۇ شۇنچلىك ئوينايتى   دەردىمۇ يوقتى ، پوقىمۇ يوقتى . .  .

تەرجىمىدە پۇتبۇپ كۇلۇبىدىن :  ھەمراھ
ھەمرا قارى  پۇتبۇت دىگەن ئەمدى   ئۆزگەرتسىلە گاچچدە . . .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: تۈنۈگۈن 15:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوۋاي يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 15:04
يا ئاللا ھەجەپ جىق ئاۋارچىلىق ئېلىپ كەلدى ئاۋۇ تۈك باش  ...

يا ئاللاھ  ئوڭشاي دىگەن قايسى بىر چاغدا  بىر  تىمىنى قىقاس  قىلىپ  يىزىپ  2  گەپنى ئوڭشاي  دەپ  تەھرىرلەپ  بۇزۇپلا ۋالغان  ئىدىم . شۇڭا....
بۇۋايكا  بىر ئىغىزلا گەپ قىپ  قويمىسۇن دەپ  بىرقانچە خەۋەرنى بىرلا قىلىپ  تىرجىمە قىلسام ھۆپۆپ  نىڭكىدىن باشقىسىغا  گەپلىرى  يوقما؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 15:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ نىيمارنىڭ ئىشى ھەجەپ بىر ھەل بولمايدىغان ئىش ئىكەن دىسە.ئالدىنقى رەئىس روسسىل نىيمارنىڭ پۇقىغا تېينىپ كەتمىگەن بولسا بارسېلونا بۇ چاققىچە روسسىل نىڭ رەھبەرلىگىدە ۋەششى كۈچلۈنۈپ كىتەتتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 15:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداق  بۇلا   3شاھ  بۇلۇشۇڭلا    قىنە    سەتھىجايغان  چىراي  ئىپادىسى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 15:15 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەچچە  يىل  بولغان  سودا  بۇ، نىمانداق  تۈگۈمەيدىغان  ۋارىي   تاڭ-تاڭ   بۇ  ئەمدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 15:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ تۈگمىدى ما جودا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 15:18 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىل  يەنە  بىر  قىتىم   3 شاھ  بولاپ  كەتسە   تازىمۇ   پەيزى   ئىش  بولىتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 15:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارسلونامۇ نىم قىلدۇ دەيمەن ماندا جاپا تارتىپ ئۇچۇق ئاشكارا سېتۋالماي ،لىكىن نېيمار ھەقىيقەتەن ئەرزىگۇدەك بىر سودا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 15:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالايمىقانچىلىق تۈگىمىدىغۇ زادى !!!~ بارسىلوناغا قەست قىلىۋاتقانلار بالدۇرراق ئاشكارلانسا بولاتتى . نېيمار سودىسى يەنە قانداق قالايمىقانچىلىقلارنى ئېلىپ كېلە ؟؟!! بۇمۇ پوققا سۈركىشىپ قالغان بولسا ، لاپورتا قايتىپ كەلسىمۇ بولاتتى ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-15 13:18

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش