elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 720|ئىنكاس: 18

يۇۋىنتۇسنىڭ يازلىق بازاردىكى نىشانى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 14:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !!

               
   ھازىرقى ئەھۋالدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىتالىيە يۇۋېنتىس كوماندىسىنىڭ ئالدى مەيداندىكى ھۇجۇم لىنىيەسىنىڭ ئىپادىسى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك بولمايۋاتىدۇ، شۇڭا كۇلۇب يازلىق يۆتكىلىش بازىرىدىن پايدىلىنىپ، بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشنى ئۆمۈت قىلىۋاتىدۇ، ئۇلار يازلىق بازازدا يۆتكەپ كەلمەكچى بولۇپ تەييارلانغان، فالكاۋ قاتارلىق بىر نەچچە  توپچىنى تىزىملىككە كىرگۈزدى، بۇ توپچىلار تۆۋەندىكىچە :

1. فالكاۋ. (مانچېستىر بىرلەشمىسى)

        
1.jpg

فالكاۋنىڭ ھازىرقى ئىپادىسى ھەممىگە ئايان، ئۇ مانچېستىر بىرلەشمىسىگە قوشۇلغاندىن بۇيان ئىزچىل ئىپادىسى ياخشى بولماي كېلىۋاتىدۇ، بۇ ھال مەستانىلەرنى قاتتىق ئۆمۇتسىزلەندۈردى، ئۆزىمۇ مانچېستىر بىرلەشمىسىنى تاللىغانلىقىغا پۇشايمان قىلىپ قالدى،  ئۇ بىر داڭلىق چولپان ئىدى،  ھازىر ھەتتا مانچېستىر تەييارلىق كۇماندىسىدا توپ تېپىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى،  ئۇنىڭ يازلىق بازاردا كۇماندىدىن ئايرىلىش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر چوڭ، شۇڭا يۇۋېنتىس بۇ پۇرسەتتە فالكاۋنى يۆتكەپ كەلمەكچى بولۇۋاتىدۇ، لېكىن فالكاۋنىڭ ھازىرقى بازار باھاسى 45 مىليون ياۋرو بولۇپ، يۇۋېنتىسقا نىسبەتەن بۇ باھا سەل يۇقىرى توختايدۇ، يۇۋېنتىس  تۈۋەنرەك باھا بىلەن قوشىۋېلىشنى ئارزۇ قىلماقتا.


2. يۇۋېدىچ (مانچېستىر شەھىرى) .

           
2.jpg

قارا تاغلىق مېسسى دەپ نام ئالغان يۇۋېدىچ مانچېستىر شەھىرىگە كەلگەندىن بۇيان ئۆز ئىپادىسىنى تاپالماي قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مانچېستىر شەھىرى بۇ يىل قىشلىق بازاردا كۇتىدېۋۇرلۇق ھۇجۇمچى بونىنى يۆتكەپ كەلگەندىن بۇيان، ئۇنىڭ ئورنى خىرىس ئىچىدە قالدى. يۇۋېدىچنىڭ بازار باھاسى 17 مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ باھا يۇۋېنتىس ئۈچۈن  ناھايىتى مۇۋاپىق باھا ھېسابلىنىدۇ، لېكىن يۇۋېدىچ يۆتكىلىش بازىرىدا تالاشتا قالدى، ئىنتىر مىلەن، رىم، مادرىد رىقابەت ۋە لېۋىرپول كۇماندىلىرى قوشىۋېلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئوبېكىتقا ئايلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىنتىر مىلەن بىر قەدەر ئاكتىپ ئورۇندا بولۇپ، ئاللىقاچان يۇۋېدىچ بىلەن بولغان سۆھبەتنى باشلىۋەتكەن، يۇۋېنتىس بۇ سودىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن دەيدىكەن دەرھال ھەرىكەتكە كېلىشى كېرەك.

3 دېبالا ( پالېرمۇ)

         
3.jpg


  ئارگېنىتىنالىق يېڭى يۇلتۇز دېبالا ئاللىقاچان كۆپلىگەن زەردار كۇلۇبلارنىڭ ئۇۋ نىشانى بولۇپ قالدى،  ئۇ 1993-يىلى تۇغۇلغان، پالېرمۇغا ۋاكالىتەن 25 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 12 توپ ئۇرۇپ، 8 قېتىم پاس بېرىشتەك قالتىس ئىپادىسى بىلەن تۇرماقتا ، ئۇ پالېرمۇ كوماندىسى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئەزاغا ئايلاندى، يۇۋېنتىسنىڭ بۇ توپچىنى قىوشۇۋېلىشى ناھايىتى قىيىنغا توختىشى مۇمكىن.

   
4 روبېئوت (پارىژ سانت ژېرمان)

         
4.jpg


يۇۋېنتىسنىڭ بۇ يىل يازدىكى يەنە بىر نېشانى بولسا، پارىژ سانت ژېرمان كۇماندىسىدىكى فىرانسىيەلىك ئۈمۈتلۈك ياش روبېئوت،  ئو 1995-يىلى تۇغۇلغان، ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى. ئۇنىڭ پارىژدىكى مەيدانغا چىقىش پۇرسىرى بەك ئاز، شۇڭا يازلىق بازاردا كۇلۇب ئالمىشىشى مۇمكىن، بازار باھاسى 5 مىليون ياۋرو ئەتراپىدا بولۇپ، يۇۋېنتىس بۇنداق يۇقىرى باھا بىلەن بۇ ياش توپچىنى سېتىۋېلشنىڭ خەتىرى بار دەپ قارىماقتا، لېكىن ئېنگىلانددىكى توتىنھام رېس كۇلۇبىمۇ بۇ توپچىغا كۆز تىكىۋاتقان بولۇپ، 5 مىليون ياۋرو باھانى مۇۋاپىق دەپ قارايدىكەن.

   
5.جېسسى مورى ( پارما )

         
5.jpg

يۇۋېنتىس روبېئوتدىن باشقا يەنە پارما كۇلۇبىنىڭ 1996-يىلى تۇغۇلغان، ياش ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى جېسسىنىمۇ قوشۇۋالماقچى بولۇۋاتىدۇ، بۇ توپچىنىڭ بازار باھاسى 4 مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، نۇرغۇنلىغان زەردار كۇلۇبلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلمەكتە.  ئىقتىسادى كىرزىز پاتقىقىغا پېتىپ قالغان پارما كۇلۇبى بۇ توپچىنى تۇتۇپ قىلىشقا ئامالسىز، شۇڭا يۇۋېنتىس پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ھەرىكەت قېلىشى كېرەك.  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 14:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فالكاۋ يوۋىنتۇسقا كىتىپ بىر ئىچىلىپ كەتسۇنا ..............
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 14:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فاركاۋنىڭ ئۈستىدىن تىۋىزنى قوشۇپ بېرىدىغاننىڭ گېپى بارغۇ. ياكى مەن خاتا كۆرۈپ قالدىممۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 14:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوۋىنتوس ئارسىنالنىڭ ئورنىنى تالاشماقچىمىدۇ ھى ھى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 14:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۆدىۋىچنىڭ باھاسى بەك مۇۋاپىق ئىكەن، بونى دىگەن ئاداش كەلگەنگە چۇشلۇق ھىچ توپ ئۇرمايدىغۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 14:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىل يازلىق بازاردىن ئوت چىقىدىغاندەك.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 14:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇۋىنتىس پۇل چىقىم قىلىشتىن بەك قۇرقىدىغان كۇلۇپ تۇرسا،بەلكىم يولۋاسنى چىداپ سېتىۋېلىشى مۇمكىن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 15:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فالكاۋنىڭ ئەمدى بۇرۇنقى ئەسلىگە كېلىشى تەسكە توختايدۇ . مانچىستېردىكى ئىپادىسىدىنلا مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ . فالكاۋنى سېتىۋالغان كۇلۇب ئوبدانراق ئويلاشمىسا بولمايدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 15:29 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېشى  ئىشىپ  قالغان  رەيىستىن  بىرسى  كوستانى  ئەكەتسىمۇ  بوپتىكەن  پۇلغا  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 15:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇۋىنتىس بەك چوڭ پىلان تۈزۈپ كىتىپتۇ، مىنىڭچە بۇتوپچىلارنىڭ ھەممىسى يۇۋىنتىسقا كىلىش نىسپتى بەك تۆۋەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 15:36 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىشانلىغان  ئ‍ادەملىرى  ھەجەپ  جىخكىنا    پارىژلىق   بالىنىڭ  باھاسى   ئ‍ەزانكەنغۇ    ئ‍اران   5  مىلىيۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 15:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارىف يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 14:43
يۇۋىنتىس پۇل چىقىم قىلىشتىن بەك قۇرقىدىغان كۇلۇپ تۇرس ...

ئۇنداق ئەمەس  تىخى تىلفۇن ۋەقەسىنىڭ ئالدىدا بازاردا خان مادرىد بىلەن ئادەم تالىشاتتى موجى ئىشتىن چۇشۇپ ئاجىزلاپ كەتكەن تۇرۋاتىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-15 10:56

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش