elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1097|ئىنكاس: 45

پۇتبول چولپىنى- نىيمار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
                                                               0.jpg
                                                                         پۇتبول چولپىنى -نىيمار
            تولۇق ئىسمى نىيمار داشىرۋا، 1992-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى بىرازىلىيە سانپاۋلو ئوبلاستىدا توغۇلغان، بىرازىلىيە پۇتبول تەنھەركەتچىسى، بىرازىلىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى، ئالدى ھوجۇمچىسى. بوي ئىگىزلىكى1.75 مىتىر، بەدەن ئېغىرلىقى64 كىلوگىرام.
تېخنىكا ئالاھىدىلىكى: بىرازىلىيەنىڭ كىلاسسىك بولغان سامبا پۇتبول ئۇسلۇبىغا ئىگە، تېخنىكىلىق ھەركەتلىرى چاققان، چىرايلىق. باشقىلارنى قايىل قىلىدىغان ماھارەتلىرى بولسا ئۇنىڭ قالتىس بولغان پۇت ئاستى تېخنىكىسى، ئۇستىلىق بىلەن تىپىلىدىغان ئىختىيارى توپلىرى ھەمدە يېشىغا ماس كەلمەيدىغان چوڭ ئومۇمىيلىق قارىشى. ئوتتۇرا مەيداننى تەشكىللەش ھەمدە ئالدى ھوجۇمچىلىق ۋەزىپىللىرىنىڭ ھۆددىسىدىن ياخشى چىقىدۇ، ئوڭ ھەم سول پۇتلىرى ئوخشاش دىگۈدەك سەۋىيىدە، تېخنىكىسى ئەتراپلىق.  
          نىيمار بىرازىلىيە سانپاۋلو ئوبلاستىدا توغۇلغان بولۇپ، دادىسى چوڭ داشىرۋانىڭ نىيمار دىگەن ئىسمىغا ۋارىسلىق قىلغان،  ئۇنىڭ دادىسىمۇ بىر پۇتبول تەنھەركەتچىسى بولۇپ، نىيمارنىڭ بىرىنچى مەشقاۋۇلى بولۇپ، نىيمارنىڭ پۇتبول تالانتىنى تىزلىكتە نامايەن قىلىشىغا تۈرتكە بولغان.
ئاز بولمىغان بىرازىلىيەلىك توپچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كەچۈرمىشىگە ئوخشاش، نىيمارمۇ كوچا پۇتبولىدىن زال ئىچى پۇتبولىغا، ئاندىن كەسپى پۇتبول ساھەسىگە كىرگەن. ئالتە ياش ۋاقتىدا مەشقاۋۇل بېينال تەرىپىدىن بايقىلىپ، بەش كىشىلىك پۇتبولنى مەشىق قىلىشقا كىرىشكەن، نىيمار زىرەك، سەزگۈر بولغاچقا، تىزلىكتە ئالداپ ئۆتۈش، توپ ئۇرۇش قاتارلىق تېخنىكىلارنى ياخشى ئۆگىنىپ، كىيىنكى شانلىق پۇتبول ھاياتىغا دەسلەپكى قەدەمدە پۇختا ئاساس سالغان.
                                                                         1.jpg
        2003-يىلى ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە سانتوسقا كۆچۈپ كىلىپ، سانتوس ئۆسمۈرلەر كوماندىسىغا كىرىپ، ئۆزىنىڭ بۇ يەردىكى پۇتبول ھاياتىنى باشلىغان، سانتوس كوماندىسى بولسا داڭلىق توپ چولپىنى پىلى(贝利) ۋە لوبىنىينىڭ(罗比尼奥)پۇتبول ھاياتىنى باشلىغان جايى ئىدى. 2005-يىلى 1-ئايدا 13ياشلىق نىيمار خان جەمەتى مادرىت كوماندىسىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن بولسىمۇ يەنىلا سانتوس كوماندىسىدا قېلىشنى تاللىغان.
          2009-يىلى 17ياش ۋاقتىدا كەسپى توختام ئىمزالاپ، سانتوس 1-سەپ كوماندىسىغا كىردى، 3-ئاينىڭ 7-كۈنى سانپاۋلو ئوبلاستلىق ئا دەرىجىلىك پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئوسىت كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىسى ئاخىرلىشىدىغانغا يەنە 13مىنۇت قالغاندا سەپلىمە ئەزا بولۇپ  تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىققان،  ئۈچىنجى مەيدان كەسپى مۇسابىقىسىدە ئۆزىنىڭ تۇنجى توپىنى كىرگۈزگەن، 1- مۇسابىقە پەسلىدە 48مەيدان مۇسابىقە ئويناپ، 14 توپ كىرگۈزۈپ، 2009-يىللىق ئوبلاست بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر يىڭى ماھىر بولۇپ تاللانغان.
                                                                         2.jpg
           2010-يىلى ئۆز تالانتىنى داۋاملىق نامايەن قىلىپ، 4-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېلىپ بېرىلغان بىر مەيدان مۇسابىقىدە 5 توپ ئۇرغان، 2010-يىلى جەمئى 60 قېتىم مەيدانغا چىقىپ، 42 توپ كىرگۈزۈپ، كوماندىسىنىڭ قوش چىمپىيون بولىشىغا زور تۆھپە قوشقان ھەمدە 2010-يىللىق بىرازىلىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋە ر ئالدى ھۇجۇمچى بولۇپ باھالانغان.
          2011-يىلى 52-نۆۋەتلىك جەنۇبى ئامىركا ئازاتلىق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 13 قېتىم مەيدانغا چىقىپ، 6 توپ كىرگۈزۈپ، كوماندىسىنىڭ 48 يىلدىن كىيىن يەنە بىر قېتىم مۇشۇ مۇسابىقىنىڭ چىمپىيونى بولىشىغا تۆھپە قوشقان، ھەمدە ئەڭ مۇنەۋەر توپچى بولۇپ باھالانغان، 2011-يىللىق پىسكا مۇكاپاتى، بىرازىلىيە ئالتۇن توپ مۇكاپاتى ۋە پۇتبول ئەپەندىسى دىگەن مۇكاپاتلارغا ئىرىشكەن، 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى 2011-يىللىق جەنۇبى ئامىركا پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ،19 ياشقا كىرگەن بۇ تالانت ئىگىسى پۇتبول ساھەسىدە  تېخىمۇ چاقنىغان.
        2012-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى 20 ياشقا كىرگەن توغۇلغان كۈنىدە بىرلەشمە مۇسابىقىدە ئۆزىنىڭ 100-توپىنى كىرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ توغۇلغان كۈنىگە كاتتا سوۋغات ئەكەلگەن، شۇ پەسىللىك مۇسابىقىدە 16 مەيدان مۇسابىقىدە 20 توپ كىرگۈزۈپ، ئوبلاست بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر مەرگەن بولۇپ باھالانغان، شۇنداقلا ئەمدىلا 100يىللىق خاتىرە كۈنىنى ئۆتكۈزگەن سانتوس پۇتبول كۇلىبىنىڭ ئۇدا ئۈچ يىل بىرلەشمە مۇسابىقە چىمپىيونى بولىشغا زور تۆھپە قوشقان.  بۇ يىلدا يەنە داڭلىق پۇتبول چولپىنى پىلى 42 يىل مۇقەددەم ئىرىشكەن «hors concours» كاتتا  مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن. بۇ مۇكاپات بىرازىلىيە پۇتبولىغا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان پۇتبولچىلارغىلا بىرىلىدىغان بولۇپ، ھەر يىلى تارقىتىلمايدۇ. ھازىرغا قەدەر پۇتبول چولپىنى پىلى ۋە نىيمارلا بۇ شەرەپكە نائىل بولغان. شۇ يىلى يەنە 2012-يىللىق جەنۇبى ئامىركا پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ باھالىنىپ كەسپى ھاياتىدىكى يىڭى پەللىنى ياراتقان.
                                                                     3.jpg
         2013-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى بارىسلونا ئورگان تور بېتىدە پارىتلاش خاراكتىرىلىك سودىنى جاكارلىغان بولۇپ، 57 مىليۇن ياۋرۇ چىقىرىپ نىيمار بىلەن5 يىللىق توختام ئىمزالاشقان. ئۇنىڭ يىللىق مۇئاشى 8 مىليۇن 800 مىڭ ياۋرۇ بولۇپ، يەنە تېخى بارلىق سۈرەت ھوقۇقى(肖像权) دىن بەھرىمان بولىدۇ. 6-ئاينىڭ 4- كۈنى  ئەتتىگەندە نىيمار تۇنجى قېتىم نۇكامپۇ پۇتبول مەيدانىدا توپ مەستانىللىرى بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. 8-ئاينىڭ 22-كۈنى ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى 1-ئۇچىرشىشىدا بارىسلونا ئۈچۈن نەتىجىنى تەڭلەشتۈرىدىغان توپتىن بىرنى ئۇرغان، بۇ ئۇنىڭ بارىسلونا كاماندىسى ئۈچۈن كىرگۈزگەن تۇنجى توپى ئىدى. ئۇنىڭ مىھمان مەيداندا كىرگۈزگەن مۇشۇ بىر توپ ئارقىلىق بارىسلونا كوماندىسى ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىغا ئىرىشكەن. 10-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېلىپ بېرىلغان ئىسپانىيە دىرىبىسىدا بارىسلونا كوماندىسى ساھىپخان مەيداندا 2-1 نەتىجىدە خان جەمەتى مادرىت كوماندىسىنى يەڭگەن، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە نىيمار بىرتوپ كىرگۈزۈپ، بىر ياردەمچى پاس چىقىرىپ، خان جەمەتى مادرىت كوماندىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان يېقىنقى بەش مەيدان مۇسابىقىدە ئۇدا مەغلۇپ بولۇش تارىخىغا خاتىمە بەرگەن، 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېلىپ بېرىلغان2013-2014-مۇسابىقە پەسلى ياۋرۇپا چىمپىيۇنلىقى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە بارىسلونا كوماندىسى 6-1 نەتىجىدە كارىت ئادىمى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، 16 كۈچلۈك ئىچىگە كىرگەن، بۇ مۇسابىقىدە نېيمار 14 مىنۇتتا 3 توپ ئۇرۇپ قالپاق ئويىنى ئوينىغان، بۇ ياۋرۇپا چىمپىيونلىقى مۇسابىقىسى تارىخىدا ئوينالغان 4- قالپاق ئويۇنى ئىدى، نىيمارمۇ پۇتبول تارىخىدا تۇنجى بولۇپ ھەم جەنۇبى ئامىركا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ھەم ياۋرۇپا ئازاتلىق  لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە قالپاق ئويىنى ئوينىغان پۇتبولچى بولۇپ قالدى.
          2014-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى 2013-2014-پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 30-ئايلانما مۇسابىقىسىدە بارىسلونا 3-0 نەتىجىدە سېرتا كوماندىسىنى ئاسانلا يەڭدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مىسسى بىر توپ، نىيمار ئىككى توپ كىرگۈزدى. 2013-2014-مۇسابىقە پەسلىدە نىيمار بارىسلونا كوماندىسى ئۈچۈن جەمئى 41 قېتىم مەيدانغا چۈشۈپ 15 توپ كىرگۈزدى. 2014-2015-مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 3-ئايلانمىسىدا نىيمار 5 مىنۇت ئىچىدە ئىككى توپ ئۇردى، 6-ئايلانما مۇسابىقىسىدە ئۈچ توپ ئۇرۇپ، قالپاق ئويىنى ئوينىدى، 8-ئايلانما مۇسابىقىسىدە بىر توپ كىرگۈزدى، ھەمدە ياردەمچى پاستىن بىرنى چىقاردى.  پۇتبول ھاياتىدىكى 333-مەيدان رەسمىي مۇسابىقىدە  22 ياشلىق بۇ توپ چولپىنى 200-توپىنى كىرگۈزدى، 100-ياردەمچى پاسنى چىقاردى، شۇ يىلى يىل ئاخىرىدا نىيمار  بىرازىلىيەنىڭ يىللىق چەتئەلدە توپ تىپىدىغان ئەڭ مۇنەۋەر توپچىسى بولۇپ باھالىنىپ «ئالتۇن سامبا مۇكاپاتى» غا ئىرىشتى.
                                                                     4.jpg
          2014-يىللىق  بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە نىيمار 4 توپ ۋە بىر ياردەمچى پاس چىقىرىپ مۇشۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ «مىسكەش مۇكاپاتى»(铜靴奖)غا ئىرىشتى. 10-ئاينىڭ 14-كۈنى ياپونىيە دۆلەت كوماندىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىدە 4 توپ كىرگۈزۈپ، 4-0 نەتىجە بىلەن ياپونىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن كىرگۈزگەن توپ سانى 40 قا يەتتى.
          2015-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 2014-2015-مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ 2-ئۇچرىشىشىدامىھمان مەيداندا  3-1 نەتىجىدە بىلىيار (比利亚雷亚尔)كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى، بۇ مۇسابىقىدە نىيمار 2 توپ كىرگۈزدى. ئومۇمى نەتىجىدە 6-2 بولۇپ ئوڭۇشلۇق ھالدا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.

(تەرجىمە قىلىش داۋامىدا بىر قىسىم يەر ناملىرى ھەم كوماندىلارنىڭ ئىسىملىكى ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە ئېلىندى، خاتا كەتكەن جايلىرى بولسا دوسىتلار كۆرسىتىپ بەرسە  )
مەنبە: بەيدۇ تورى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ توپچىنىڭ كەلگۈسى پارلاق،كەلگۈسىدىكى مىسسى 4يىللىق مونۇپۇل ئالتۇن توپىنى بۇزغۇچى نامزاتى...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەلگۇسىدىكى ئالتۇن توپ ساھىبى بۇپ قالغۇسى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
贝利: پېلى
罗比尼奥: روبىنىخو
比利亚雷亚尔: ۋېللاررېئال

توغىرلاپ يېزىپ خەنچە خەتنى ئۆچۈرۋەتسىڭىز بولىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يىزىپسىز..  نىيمار تىخمۇ تىرىشقىن !!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېرنابۇ يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 21:58
贝利: پېلى
罗比尼奥: روبىنىخو
比利亚雷亚尔: ۋېللاررېئال

روبىنىئو، مۇرىنىئو، رونالدىنىئو، مارسېلىنىئو...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلەتجان يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 22:00
روبىنىئو، مۇرىنىئو، رونالدىنىئو، مارسېلىنىئو...

مەن روبىنخو، رونالدىخو دەپ ئاتاپ كۆنۈپ قاپتىمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىستىقبالى  بار    توپچى  بۇ،  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت پىلى ئالغان مۇكاپاتنى ئالغان بولسا نوچىكەن . 23 ياش تۇرۇپ كاماندا باشلىقى .  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

RE: پۇتبول چولپىنى- نىيمار

بېرنابۇ يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 22:02
مەن روبىنخو، رونالدىخو دەپ ئاتاپ كۆنۈپ قاپتىمەن.

تاماشىبىن دەرىجىسىدە بولغاچقا(يىڭى كەلدىئاخۇن) قەيەرنى بېسىپ تەھرىرلەشنى بىلەلمىدىم، باشقۇرغۇچىلار خاپا بولماي توغۇرلاپ قويساڭلار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلەتجان يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 18:00
روبىنىئو، مۇرىنىئو، رونالدىنىئو، مارسېلىنىئو...

بۇلارمۇ پورتۇگال تىلىدا سۆزلەيدىكەن شۇڭا شۇنداق ئىسىملارنى قۇيىدىكەن 、 تىل ئۇقۇۋاتقىنىمدا سىنىپىمدا 2 پورتۇگال ۋە 3 بىرازىلىيان بار ئىدى  قىززىق يىرى پورتۇگالىيىلىك قىزچاق بىلەن بىرازىلىيان قۇمچاقنىڭ ئىسمى ئوخشاش تەلەپپۇز قىلىناتتى  بىرىنىڭ رومىنىيو بىرسىنىڭ رومىنىئو
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر  قانچە  يىلغا  قالماي  ئالتۇن توپنى  مۇشۇ مونۇپۇل  قىلدۇ  مېنىڭچە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچك  تۇرۇپ ئ‍الغان   نەتىجىسى  بىلەن  كىرگۈزگەن  توپلىرىمۇ  ئ‍از  ئ‍ەمەسكە   بۇ  ئ‍اۋاقنىڭ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 16:12

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش