ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 278 |
تۆھپىسى: سەر |
|

يېقىندا پۇتبول شاھى دەپ نام ئالغان رىۋايەتلىك شەخس قىرى قاغا پىلى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ زىيارەتتە ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مىسسى ئالدىنقى بىرقانچە يىللاردا پۇتبول دۇنياسىدا ئۆزىنىڭ تالانتى ۋە قالتىس ماھارىتى بىلەن بىر مەزگىل دەۋر سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھازىرقى ئىپادىسىنىڭ ئالدىنقى ئىككى نۇۋەتلىك ئالتۇن تۇپ مۇكاپاتىنى مۇنۇپول قىلىۋالغان مادرىد كۇماندىسىدىكى قاتىل ھۇجۇمچى رۇنالدۇنىڭكىگە يەتمەيدۇ .رۇنالدۇنىڭ مۇشۇ نەچچە يىلقى ئىپادىسى ھەقىقەتەن كىشىنى سۇيۇندۇرىدۇ. رۇنالدۇ تاكى ھازىرغىچە ھەر پەسىل ئەڭ ياخشى ھالەتتە مەيدانغا چىقىپ كىلۋاتىدۇ. ئىپادىسىدە قىلچىلىك چېكىنىش كۇرۇلمىدى.ئۇ نەچچە يىللاردىن بۇيان ئىزچىل مەستانىلەرگە پۇتبۇلنىڭ سېھرى كۈچىنى ھېس قىلدۇرۋاتىدۇ.ئۇ ھازىر پۇتبول دۇنياسىدىكى ئەڭ داڭدار تۇپچى ھېسابلىنىدۇ دېدى. پىلى يەنە ئۆزىنىڭ ۋەتەندىشى نىيمارنى ماختاشنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئۇ نىيمارنىڭ ھازىرقى ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى ئۇ مۇشۇ ياخشى ئىپادىسى بىلەن ماڭسا كەلگۈسىدە رۇنالدۇ،مىسسىلاردىن ئېشىپ كىتەلەيدۇ دېدى. 
پىلى كەسپىي ھاياتىدا دۇنيا لۇڭقىسىغا ئەڭ كۇپ ئېرىشكەن چۇلپان بولۇپ،جەمئىي ئۇچ قېتىم بىرازىلىيە كوماندىسىنى باشلاپ دۇنيا لۇڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئىرىشتۇرگەن.ھەمدە ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى ئۇرغان تۇپى 1000دىن ئېشىپ بۇ تۇرىدىمۇ ئۇستۇنلۇكنى ئىگىلىگەن. |
|