elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 701|ئىنكاس: 29

پۇتبول مەيدانىدىكى تۇققانلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 17:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arqa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-13 17:33  

پۇتبول مەيدانىدىكى تۇققانلار
1
دۇنيانىڭ پۇتبولچىلىق تارىخىدا نۇرغۇنلىغان ئاتا-بالا ۋە ئاكا-ئېنى پۇتبولچىلار يېشىل چىملىق مەيداندا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ كەلگەن ۋە كىلىۋاتىدۇ.ئاتا-بالا پۇتبۇلچىلارغا نىسبەتەن ئاتىنىڭ ئىزىنى ئوغلى بېسىپ نەتىجىلەرنى ياراتقان بولسا،ئاكا-ئۇكا  پۇتبولچىلار بىر كۇماندىدا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ بىرلىكتە شۇ كۇلۇپنىڭ پارلاق تارىخىنى ياراتقان ۋە يارىتىپ كىلىۋاتىدۇ .بۇنداق ئەزىمەتلەر بىزنىڭ دىيارىمىزدىمۇ بار بولۇپ،گەرچە مۇنتىزىم كۇلۇپلاردا توپ تىپىش پۈرسىتى بولمىغان بولسىمۇ ئاددى مەيدانلاردا ئۆزلىرىنىڭ شۇنداقلا دىيارىمىزنىڭ تەنتەربىيە تارىخىنىڭ بەتلىرىنى تولدۇرۇپ كىلىۋاتىدۇ.تۆۋەندە دىيارىمىزدىن يېتىشىپ چىققان، نامى شۇنداقلا مەلۇم نەتىجىلەر بىلەن ھۆرمىتىمىزگە ئىرىشىپ كىلىۋاتقان بىر تۈركۈم پۇتبول مەيدانىدىكى تۇققانلار يەنە بىر قىتىم تونۇشۇپ چىقىشنى لايىق تاپتۇق.
لېتىپ ئەزىمەت.پەرھات ئەزىمەت(ئاتا-بالا)
شىنجاڭ پۇتبۇل كوماندىسىنىڭ تۇنجى ئەۋلاد پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى لېتىپ ئەزىمەت 1939–يىلى ماناستا تۇغۇلغان، ئوتتۇرا مەكتەپنى ساۋەندا ئوقۇغان. ئۇ 1954–يىلى شىنجاڭ ئىنىستۇتىغا ئوقۇشقا كەلگەندە شىنجاڭ ئىنىستۇتىدا مەرھۇم ھېسامىدىن ھەمدۇللانىڭ رەھبەرلىكىدا پۇتبول ۋە باشقا توپ تۈرلىرى جانلانغان مەزگىل بۇلۇپ،شىنجاڭ ئىنىستۇتۇتى ۋە ئۈرۈمچىدىكى قايناق مۇھىت لېتىپ ئەزىمەتنى تەنتەربىيەقوينىغا تارتقان. شۇنىڭ بىلەن ئۆز كەسپىدىن ۋاز كېچىپ، تەنتەربىيە كەسپىگە ئالمىشىپ چىققان. 1956–يىلى مەكتەپ پۇتبۇل كوماندىسىغا قوبۇل قىلىنغان. شۇ چاغلاردا ئۈرۈمچىدە نۇرغۇن ئىشتىن سىرتقى كوماندىلار بار بولۇپ،مەكتەپ كوماندىسى ھىسامىدىن ھەمىدۇللانىڭ يىتەكچىلىكىدە دائىم«خەلق» مەيدانىدا سوۋىت كونسۇل كوماندىسى ۋە كوچا كوماندىلىرى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ بارغان.بۇ خىل مۇھىت لېتىپ ئەزىمەتنىڭ ئەمەلىي سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشىدە ئىجابىي رول ئوينىغان.
1957–يىلى لېتىپ ئەزىمەت ئۈرۈمچى كوماندىسى تەركىبىدە چىڭخەينىڭ مەركىزى شىنىڭ شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ئۈچ شەھەر مۇسابىقىسى(ئۈرۈمچى، لەنجۇ، شىنىڭ) گە قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىگە ئىرىشكەن. يەنە شۇ يىلى غۇلجىدا ئىلىپ بىرىلغان غۇلجا، چۆچەك، ئۈرۈمچى ئۈچ شەھەر مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. 1958–يىلى شىنجاڭ كوماندىسى قۇرۇلغاندا، ئۇ يۇقىرى تېخنىكىسىغا تايىنىپ، بۇ كوماندىغا قوبۇل قىلىنغان. شۇيىلى ئۈرۈمچىدە ئافغانىستان كوماندىسى بىلەن ئېلىپ بىرىلغان مۇسابىقىدە لېتىپ ئەزىمەت 9– نومۇرلۇق كىيىم بىلەن مۇسابىقىگە قاتناشقان. 1959– يىلى مەملىكەتلىك 1 –نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، تاللاش رايونىدا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 4– بولۇشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان، 1963–يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تەنتەربىيە كومىتىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ياردەمچى تېرنىرلىققا تەيىنلىنپ، «1– ئاۋغۇست» كوماندىسىدىن تەكلىپ قىلىنغان تېرنىرلىققا ياردەملەشكەن. مەدىنىيەت ئىنقىلابى باشلانغاندىن كىيىن، تەنتەربىيە كومىتىتى ھەربىي تارماقلارنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بىرىلگەندە، لېتىپ ئەزىمەت 1– كوماندىغا مەسئۇل بولۇپ، پۇتبۇل 1 –،2– كوماندا،ئەر– ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى، يىنىك ئاتلېتكا كوماندىسى ۋەگىمناستىكا كوماندىسىغا مەسئۇل بولغان. 1970 –يىلى شىنجاڭ 2– سەپ پۇتبۇل كوماندىسىغا تېرنىر بولغان، 1972–يىلى قايتىدىن شىنجاڭ 1– پۇتبۇل كوماندىسىنىڭ تېرىنىرى بولغان. 1976–يىلى شىنجاڭ كوماندىسى مەملىكەتلىك A دەرىجىلىك كوماندىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. لېتىپ ئەزىمەت 1980–يىلى ئاپتونۇم رايونلۇق تەنتەربىيە كومىتىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان، شۇ يىلى يەنە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ باش يىتەكچىسى ۋە باش تېرىنىرى بولغان. 1982–يىلى تەنتەربىيە كومتىتى ئارقا سەپ باشقارمىسىنىڭ باشلىقىغا يۆتكەلگەن ۋە پىشقەدەم كادرلار باشقارمىسنىڭ باشلىقى ھەم ئاپتونۇم رايونلۇق تەنتەربىيە باش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بولغان. 1985–يىلى يەنە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تېرنىرى بولغان، 1993–يىلدىن 2000–يىلغىچە شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ باش رەئىسى ۋە باش كاتىپى بولغان. 2000–يىلدىن كېيىن رەسمىي دەم ئېلىشقا چىققان.
پەرھات ئەزىمەت
دۇنيا پۇتبولچىلىق ھۈنىرىگە نەزەر سالساق مەلۇم بىر دۆلەت ۋە مەلۇم بىر كۇلۇپتا ئوخشاشلا شۆھرەت قازانغان ئاتا– بالا پۇتبۇل ماھىرلىرى ياكى ئاكا–ئۇكا قوش گېزەك چولپانلارنىڭ كۆز چاقناتقانلىقىغا تولىمۇ ھەۋىسىمىز كىلىدۇ. ئەمىليەتتە بۇنداق ماھىرلار بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىمۇ مەۋجۈت بولۇپ، بىز بىلەن بىرگە مۇشۇ جەمئىيەتتە ياشاپ شىنجاڭنىڭ پۇتبولچىلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆز تۆھپىلىرىنى قوشۇپ كىلىۋاتىدۇ. بىرىنچى ئەۋلاد پۇتبول ماھىرى، ئاپتونۇم رايونلۇق پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ سابىق باشلىقى لىتىپ ئەزىمەت ئاكىنىڭ ئىزىدىن بېسىپ يېتىشىپ چىقىپ، 90– يىللاردا شىنجاڭ پۇتبۇلچىلىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپلا قالماي، ئۆز نامىنى پۈتكۈل مەملىكەتتە مەشھۇر قىلغان پەرھات ئەزىمەت شو ماھىرلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. پەرھات ئەزىمەت 1972– يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان بولۇپ ئائىلىسىدىكى قويۇق پوتبۇل مۇھىتى ئۇنىڭ بىر پۇتبۇلچى بولۇپ ئۆسۇپ يىتىلگەن زور ئاساسلارنى سالغان. 1994– يىلى پەرھات ئەزىمەتنىڭ جۇڭگۇ  A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى ھاياتى باشلانغان. شۇ يىلى دالىيەن ۋەندا كوماندىسى كۇلۇپلار بىرلەشمە  مۇسابىقىنڭ چىمپيۇى بۇلغان.1996– يىلىدىكى ئاتىلانتادا ئۆتكۈزلىدىغان ئۇلمپىك تەنتەربىيە يىغنىڭ ئاسيا رايۇندىكى ئالدىن تاللاش موسابىقا تەييالىق قىلشى ئۈچۈن پەرھات ئەزىمەتنى دۆلەتىلىك ئۇلمپىك كوماندىسنى يىغىپ مەشقەندوروش تىزملىكە كىرگۈزۈلگەن. 2000– يىلى شىيامىن يۇەنخۇا كوماندىسىدىن ئايرىلىپ شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەن، ئۇ قىسقىغىنە 6 يىل جەريانىدا جۇڭگۇنىڭ A B دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىدەياخشى نەتىجىلەرنى قالدۇرغان. پەرھات ئەزىمەتنىڭ ئەڭ ئۆكىنىدىغىنى شىنجاڭنىڭ پۇتبۇلچىلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆز ھەسسىسىنى قوشالمىغانلىقى بولۇپ، چۈنكى بۇ مەزگىلدە شىنجاڭ پۇتبۇل كوماندىسى تارقىتىۋىتىلىپ، مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە پەقەت ئۆسمۈرلەر ۋە ياشلار كوماندىلىرى قاتناشقان، شۇ سەۋەپتىن پەرھاتقا شىنجاڭ كوماندىسى ئۈچۈن توپ تېپىش پۈرسىتى بولمىغان. 2002–يىلىدىن باشلاپ ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تەنتەربىيە كومىتىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 10– نۆۋەتلىك مەملىكەت يىغىنىنىڭ پۇتبۇل تۈرىگە تەييارلىق قىلىۋاتقان ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ياشلار كوماندىسىنىڭ تېرنىرلار گۇرۇپپىسىغا قوبۇل قىلىنغان. 2005– يىلى شىنجاڭ ياشلار كوماندىسى ئاخىرى مەملىكەتلىك 10– نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ پۇتبۇل تۈرىدە مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىرىشكەن.2008-يىلى شىنجاڭ لاتارىيە كۇماندىسىغا مەشقاۋۇل بولۇپ مەملىكەتلىك  ب دەرىجىلىكلەر پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان.2013-يىلى ئۇ ئىككىنچى قىتىم شىىجاڭ كۇماندىسىنى يىتەكلەپ مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنى پۇتبول تۈرىدە 4-چىقىشدەك ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن. پەرھات ئەزىمەت باش مەشقاۋۇللۇق سالاھىيىتى بىلەن بۇ قىتىملىق تارىخى خارەكتىرلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ئۆزىنىڭ كىيىنكى مەشقاۋۇللۇق ھاياتى ئۈچۈن يىڭى ئاساسلىرىنى سالدى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىدى. بىز بۇنىڭدىن كىيىن بۇ ياش مەشقاۋۇلنىڭ شىنجاڭ پۇتبۇلچىلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆز ھەسسىسىنى كۆپلەپ قوشۇشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.
زۇنۇن مامۇت ،مىرەخمەتجان مۇزەپپەر(بوۋا-نەۋرە)
زۇنۇن مامۇت ئەپەندى قەشقەردە تۇغۇلغان بولۇپ،1964-يىلى قەشقەر پىداگۇگىكا مەكتىۋىنىڭ تەنتەربىيە سىنىپىنى پۈتتۈرۈپ قەشقەر ۋىلايەتلىك تولۇق ئوتتۇرا(ھازىرقى قەشقەر 6-ئوتتۇرا) مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى بولغان.1973-يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك  تەنتەربىيە كومتىتىنىڭ ئىشتىن سىرىتقى پۇتبول كۇماندىسىغا تىرنىر بولۇپ كىلىدۇ.بۇ مەزگىللەردە ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن قەشقەردە كوچا كۇماندىلىرى كۆپلەپ قۇرۇلۇپ باغچا ئالدى پۇتبول مەيدانىدا مەشىق ۋە مۇسابىقە ئېلىپ بېرىپ قەشقەرنىڭ پۇتبولچىلىق مۇھىتىنى يىڭىچە تۈسكە كىرگۈزىدۇ. بىر قاتار مۇسابىقىلەردە تاللانغان ۋە تەربىيلەنگەن بالىلار ئۇنىڭ يىتەكچىلىكىدە1975-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە ئۆسمۈرلەرنىڭ ئا گۈرۈپپىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولۇپ، شۇ يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزغا ۋاكالىتەن غەربى-شىمال ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى بولىدۇ.1975-يىلى قەشقەر ئىشتىن سىرىتقى تەنتەربىيە مەكتىۋىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ، قەشقەردە پۇتبولنىڭ تىخىمۇ ئومۇملىشىشى،ياش پۇتبولچىلار ۋە ياش رىپىرلارنىڭ تەربىيلىنىش ئۈچۈن تىخىمۇ ئۆز ھەسسىنى قوشىدۇ. 1975-يىلىدىن باشلاپ ئۇ يىتەكلىگەن قەشقەر كۇماندىسى ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە سەككىز قىتىم چىمپىيۇن بولىدۇ. ئۇ  كۈرس ئىچىپ تەربىيلىگەن تىرنىلار 100دىن ئېشىپ پۈتۈن قەشقەرنىڭ پۇتبولچىلىقىدا ئۇنىڭ  بىر كىشلىك تۆھبىسى پۈتۈلىدۇ.ئۇ تەربىيلىگەن پوتبولچىلار ئالى مەكتەپ پۇتبول كۇماندىلىرى ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز پۇتبول كۇماندىلىرىدا ئاساسلىق ئەزا بولۇپ،ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز پۇتبولچلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا بىر كىشلىك تۆھبە قوشىدۇ.بىر قىسىم مەلۇماتلارغا قارىغاندا 1985-يىلىغىچە ئۇ تەربىيلىگەن 22نەپەر پۇتبولچى ئاپتۇنۇم رايۇن پۇتبول كۇماندىسىغا قۇبۇل قىلىنىدۇ.ئۇندىن تاشقىرى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى چوڭ مۇسابىقلەردە رىپىرلىق ۋەزىرپىسىنمۇ ئۆتەپ كىلىدۇ. زۇنۇن ئەپەندىنىڭ يەنە بىر مۇھىم تۆھبىسى1999-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان ئەمىن پۇتبول سىنىپىدىكى ئۈسمۈرلەرنىڭ دەسلەپكى پۇتبول تەربىيلىنىشىدە مۇھىم روللارنى ئوينايدۇ.بۇ ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا ئۈزۈپ چىققانلاردىن ئۆز نەۋرىسى مىرەخمەتجانمۇ بار بولۇپ،مىرىخمەتجان ھازىر شەندوڭ لۇنىڭ كۇلۇبى ۋە دۆلەت 22ياشلىقلار كۇماندىسىنىڭ ئەزاسى.زۇنۇن ئەپەندى2010-يىلى7-ئايدا قەشقەردە كىسەل سەۋەبى ئالەمدىن ئۆتىدۇ.ئۇنىڭ قەشقەر،جۈملىدىن ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ پۇتبولچىلقىدا تىرنىر تەربىيلەش،پۇتبولچى تەربىيلەشتىكى قۇشقان تۆھبىسى ئۇنتۇلمايدۇ.
مىرەخمەتجان1991-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان مىرەخمەتجاننىڭ دادىسى مۇزەپپەر ئاكا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى شىنجاڭ پۇتبول كۇماندىسىدا توپ تەپكەن.مىرەخمەتجاننىڭ چوڭ دادىسى زۇنۇن ئەپەندىم بولسا قەشقەر تەۋەسىدىلا ئەمەس ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىمۇ بەلگىلىك نام قازانغان تەنھەركەتچى بولۇپ،ئائىلىۋى مۇھىتنىڭ تەسىرى ۋە زۇنۇن ئەپەندىمنىڭ بىر قوللۇق تەربىيلىشى بىلەن مىرەخمەتجان دەسلەپكى تەربىيەنى ئەمىن پۇتبول مەكتىۋىدە زۇنۇن ئەپەندىمدىن ئىلىپ يېتىلگەن.2003-يىلى شەندوڭ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋىنىڭ تاللىشى بىلەن بەش نەپەر ئۆسمۇر بىلەن بىرلىكتە لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋىدە تەبىيلەنگەن.ئۇ شەندۇڭ لۇنىڭ پۇتپۇل مەكتىۋى كۇماندىسى تەركىۋىدە مەملىكەتلىك 15-17-ياشلىقلار مۇسابىقىسىدە چىمپىيۇن چىققان.2008-يىلى شىنجاڭ لاتارىيە كۇماندىسىدا بىر يىل توپ ئۇينىغان.2009-يىلى شىنجاڭ كۇماندىسى تەركىۋىدە مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ پۇتبۇل ئالدىن تاللاش  تۈرىگە قاتناشقان.بۇ پۇتپۇل ماھىرنىڭ ئۇسۇپ يىتىلىشى نۇرغۇن تالاش- تارتىش،ئىسسىق -سۇغاقلارنى باشتىن كەچۇرگەن بولوپ،ئۇنىڭ مەملىكەت ئىچىدە باش كۇتۇرۇپ بىر پۇتپۇل چۇلپىنىغا ئايلىنىشى2009-يىلدىن كىيىن ھەقىقى باشلانغان.
2011-يىلى مىرەخمەتجان كۇلۇپ تەركىۋىدە كۈمۈش مىدالغا ئىرىشىدو.بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ جەمئى سەككىز توپ ئۇرىدو.ئۇنىڭ بىرى ئاسىيا كۇلۇپلار لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە،يەتتىسى ئىككىنچى سەپ كۇماندىسىنىڭ مۇسابىقىسدە  ئۇرۇلدى. ياردەمچى پاس25بولۇپ،ئۇنىڭ بىرى دۆلەت ئولىمپىك كۇماندىسىدا،قالغىنى ئىككىنچى سەپ كۇماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىدە چىقىرىدو.بۇ مۇسابىقە پەسلىدە شەندوڭ لۇنىڭ ئىككىنچى سەپ كۇماندىسى ئۇرغان توپلارنىڭ كۆپى مىرەخمەتجان بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ،ئۇ ھەققى مەنىدىكى شەندوڭ لۇنىڭ كۇلۇبى ئىككىنچى سەپ كۇماندىسىنىڭ ،شۇنداقلا بۇ مۇسابىقە پەسلىدە پۈتۈن ئىككىنچى سەپلەر ئارا ياردەمچى پاس شاھى بولۇپ قالىدو.2012-يىلى مىرەخمەتجان كۇلۇپ بىلەن ئىسپانىيەگە چىقىپ بىر قاتار قىشلىق مەشىق مۇسابىقلىرىگە قاتنىشىپ قايتىپ كىلىدۇ.ئەمما كۇلۇپتا بىرىنچى سەپ كۇماندىسىدا توپ ئويناش پۈرسىتى 2011-يىلغا قارىغاندا ئازلاپ،يەنىلا كۇلۇپنىڭ ئىككىنچى سەپ كۇماندىسى بىلەن مۇسابىقلەرگە قاتنىشىدۇ.
2012-يىلى مىرەخمەتجان ئىككىنچى سەپ كۇماندىسىدا جەمئى ئالتە توپ ئۇرۇپ،يىگىرمىدىن ئارتۇق ياردەمچى توپ ياساپ،كۇماندىنى يىتەكلەپ يەنە ئىككىنچى سەپ بىرلەشمىسىدە چىمپىيۇن چىقىدۇ.2013-يىلى ئۇ يەنە ئىكىنچى سەپ بىرلەشمىسىدە سەككىز توپ ئۇرۇپ يىگىرمىدىن ئارتۇق ياردەمچى پاس چىقىرىپ ئۇدا ئۈچ يىل ئىككىنچى سەپ بىرلەشمىسىدە چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپلا قالماي يەنە ئۇدا ئۈچ يىل ۋە ئەڭ كۆپ پاس چىقارغۇچى بولۇپ قالىدۇ. ئۇ ھازىر خىنەن قۇرۇلۇش كۇلۇبىدا توپ ئوينايدۇ.
يەھيائابلىكىم،مەردان ئابلىكىم(ئاكا-ئۇكا)
      يەھيا 1988-يىلى10-ئاينىڭ 10-كۇنى قەشقەردە ئوقوتقوچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغا.دادىسى ئابكىم ئەپەندى قەشقەردىكى ئەڭ ئالى بىلىم يۇرتى قەشقەر پىداگۇگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تەنتەربىيەئوقوتقۇچىسى بولوپ، تەبئىيلا يەھيادا دادىسى ئابلىكىم ئەپەندىنىڭ تەنتەربىيەنى قىزغىن سۆيۆشدەك روھى مۇجەسسەملەنگەن. 2003 -يىلى شىنجاڭ سۇڭ چىڭلىڭ پۇتپۇل مەكتىۋى قۇرۇلغاندىن كىيىن پۇتۇن جەمىيەتتىن ئوقوغوچى قۇبۇل قىلىش ئۇختۇرىشى چىقىرىلغاندىن كىيىن ئابلىكىم ئاكا ئۆز ئوغلىنىڭ تىخىمۇ كەسىپلەشكەن مەكتەپتە تەرەققى قىلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ،ئۇنى2003-يىلى سۇڭ چىڭلىڭ پۇتپۇل مەكتىۋىگە ئاپىرىپ  بەردى. يەھيا 2004-ۋە2005-يىللىرى مەكتەپنىڭ 15ۋە 17ياشلىقلار كۇماندىسىدا مەملىكەتلىك  ئادىداس ۋە نىك لۇڭقىسىنى تالىشىش پۇتپۇل مەكتەپلىرى مۇسابىقىسگە قاتنىشىپ ئۆزىنىڭ پىشىپ يىتىلىشىگە ئاساس سالدى. يەھيا دۆلەت ياشلار كۇماندىسىنىڭ يىغىپ مەشىقلەندۇرۇش مەشىقلەندۇرۇش تىزىملىكىگە كىرگۇزۇلۇپ2006-يىلى خەيگىڭ مەشىق بازىسىدا مەشىققە قاتناشتى بۇ قىتىمقى مەشىق ئارقىلىق يەھيا مەملىكەت ئىچىدىكى قۇرداش پۇتپۇلچىلار بىلەن ئۆزى ئارىسىدىكى پەرىقىنى تىپىپ چىقىپ كىيىنىكى تەرەققىياتى ئۇچۇن تەجىربە توپلىدى. 2007-يىلى مەملىكەتلىك ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقە پەسلىدە يەھيا ئاساسلىق ئەزا بولوپ مەيدانغا چىقىپ مەملكەتلىك ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە يەھيا جەمئى تۇت توپ ئۇردى . 2008-يىلى يەھيا شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ تەنتەربىيە ئىنىستىتۇتىغا قۇبۇل قىلىنىپ ئالى مەكتەپ ھاياتىنى باشلىدى. 2010 -يىلى يەھيا لىياۋنىڭ شەرقى شىمال كۇماندىسى بىلەن قىسقا مۇددەتلىك تۇختام ئىمزالىدى.
يەھيا شىنجىن كۇلۇبىغا كەلگەندىن كىيىن تىزلا بىرىنچى سەپ كۇماندىسىدا پۇت تىرەپ توپ ئويناشقا باشلىدى .2012-يىلى يەھيا كۇماندا تەركىۋىدە جوڭگۇ «ئا» دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنى ئويناشقا باشلىدى2014-يىلى شىنجاڭ قار يىلپىزى كۇماندىسىغا قوشۇلۇپ بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئا بىرلەشمىسىنى ئويناۋاتىدۇ،
مەردان ئابلىكىمنىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتى ئاكىسى يەھيا بىلەن زىچ باغلىنىپ كەتكەن بولۇپ، قەشقەردە بىللە مەشىق قىلىش.سوڭچىڭلىڭ پۇتبول مەكتىۋىدە بىللە تەربىيلىنىش، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىغا قۇبۇل قىلىنىش. 2010-يىلى مەملىكەتلىك ئالى مەكتەپلەر «لې نىڭ لوڭقىسى»دا ئالتۇن مىدالنى بىللە ئېسىشقا مۈيەسسەر بولۇش، بۇ ئاكا -ئىنى پۇتبولچىلارنىڭ شەرەپ چوقىسىغا چىقىشىغا تۇنجى قەدەم بولۇپ قالدى.مەردان كىيىن شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۈنۋىرسىتىنى يىتەكلەپ مەملىكەتلىك مۇسابىقلەرگە قاتنىشىپ كىلىۋاتىدۇ.2012-يىلى مەردان شىنجاڭ تاشئالما كۇماندىسى تەركىبىدە مەملىكەتلىك «ب»دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ مەملىكەتلىك  كەسپى بىرلەشمىنىڭ بوسۇغىسىدىن بىر پۇتنى ئىلىشقا مۈيەسسەر بولدى. بەلكىم ئۇزاققا قالماي مەردان ئاكىسى يەھيانىڭ ئارقىسىدىن تىخىمۇ چوڭ بىرلەشمىلەرگە قاراپ يول ئالغۇسى.
پەرھات ئەبەيدۇللا.شۆھرەت ئەبەيدۇللا(ئاكا-ئۇكا)
پەرھات 1986-يىلى ئاتۇشدىكى قەدىمى يۈرت ئارغۇدا تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئاتۇش شەھرىدە ئوقۇغان.1990-يىللىرى ئاتۇشتا پۇتبولچلىق تەرەققى قىلىپ،چوڭلار ئارا مۇسابىقلەر ئېلىپ بېرىلىپلا قالماي يەنە ئۆسمۈرلەر ئارا «بىخ»،«بۈركۈت » لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقلىرى ئىلىپ بىرىلغان چاغلار بولۇپ، پەرھات مۇشۇ مۇسابىقلەردە يىتىلىپ چىققان.1998-يىلى پەرھات ئاتۇش شەھەرلىك بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرىپ بارىجان مۇئەللىمنىڭ قولىدا تەربىيلىنىشكە باشلايدۇ.1999-يىلى قاراجىم 500مىڭ يۈەن مەبلەخ چىقىرىپ قىزىلسۇ پىداگۇگىكا مەكتىۋىدە پۇتبول سىنىپى ئىچىپ ئاتۇشتىكى پۇتبولدا تالانتى بار بالىلارنى يىغىپ تەربىيلەشكە باشلايدۇ.پەرھات بۇ مەكتەپكە كېلىپ مۇنتىزىم پۇتبول تەربىسىنى ئىلىشقا باشلايدۇ. 2003-يىلىغىچە مۇشۇ مەكتەپتە تەربىيلىنىدۇ. 2004-يىلى شىنجاڭ پىداگبگىكا ئۈنۋىرسىتى ئۇنى مەكتەپ كۇماندىسىغا تاللاپ قوبۇل قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن پەرھاتنىڭ ئالى مەكتەپ پۇتبولچىلق ھاياتى باشلىنىدۇ.
2005-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ۋە پۇتبولچىلار جەمىيىتى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ پۇتبول تاللاش تۈرىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئالى مەكتەپ،ئىدارە ئورگان ۋە سوڭچىڭلىڭ پۇتبول مەكتىۋىدىكى بىر قىسىم ياخشى ماھىرلارنى تەشكىللەپ پەرھات ئەزىمەتنىڭ يىتەكلىشىدە مەملىكەتلىك مۇسابىقىگە يۈرۈش قىلىدۇ.پەرھاتمۇ كۇماندىغا قوبۇل قىلىنىپ مەملىكتلىك مۇسابىقلەردە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇدۇ.2006-2007-يىللىرى شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيەسى كۇماندىسىدا توپ تىپىدۇ.
2008-يىلى پەرھات ئاساسلىقى مەكتەپ كۇماندىسىدا توپ ئويناشقا باشلىدى
2010-يىلى پەرھاتنىڭ مەكتەپ كۇماندىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى يىلى بولۇپ، ئۇنىڭ يىتەكلىشىدە شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىت كۇماندىسى تۇنجى قىتىم مەملىكەت ئالى مەكتەپلەر پۇتبۇل بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە چىمپىيۇنلۇقنى ئىلىپ شىنجاڭ پۇتبۇلچىلىق ئىشلىرى ئۇچۇن چۇڭ شەرەپلەرنى ئىلىپ كەلدى. بۇ  نۆۋەتلىك مۇسابىقدە   شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋىرسىتىتىدىكى 24- نۇمۇرپەرھات ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبۇلچى مۇكاپاتىغا ئىرىشىتى.
شۆھرەت ئەبەيدۇللا پەرھات ئەبەيدۇللانىڭ ئىنىسى بولۇپ، بۇ ئىككىسىنىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتى ئاتۇش كۇماندىسى ۋە شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۈنۋىرسىتى بىلەن زىچ باغلىنىپ كەتكەن، شۆھرەت1987-يىلى3- ئايدا ئاتۇشتا تۇغۇلغان.ھەمدە قىزىلسۇبىرىنچى باشلانغۇچتا ئوقىغان. ئۇنىڭ توپقا بولغان قىزىقىش ئاكىسى پەرھات ئارقىلىق بولۇپ، ئۇنىڭ دىيىشىچە ئۇ دەسلەپتە پۇتبولغا قىزىقمايدىكەن. پەقەت ئاكىسى توپ ئوينىسا توپ كۆرۈدىكەن. كىيىن  مەھەللە ئارائادەم يىتىشمىگەن مۇسابىقلەردە پەرھاتنىڭ دەۋىتى بىلەن مەيدانغا چىقىپ بارا بارا ئېچىلىپ كەتكەن.2002-يىلى شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا. پۇتبول كۇماندىسىغاكۇماندىغا كىرگەن.2004-يىلى ئاتۇش كۇماندىسى تەركىبىدە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر مۇسابىقىسىدە چىمپىيۇن بولغان.ھەمدە2005-يىلى شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىغا قۇبۇل قىلىنغان.2010-يىلىغىچە مەكتەپ كۇماندىسى تەركىبىدە ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە چىمپىيۇن. 2008-يىلى مەملىكەتلىك ئالى مەكتەپلەر شىمالى رايۇندا ئۈچىنچى.2010-يىلى مەملىكەتلىك ئالى مەكتەپلەر «لې نىڭ »لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە چىمپىيۇن چىققان.2010-يىلى مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ پۇتبول مەيدانىدىن ئايرىلماي ئاپتۇنۇم رايۇن ئىچىدىكى مۇسابىقىلەردە ئاكىسى پەرھات بىلەن سەبداش بولۇپ توپ ئويناپ كىلىۋاتىدۇ.

مەنبە."دىيارىمىز پۇتبولچىلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى"

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 5مۇنبەر پۇلى +250 يىغىش سەۋەبى
januzay + 50 قالتىس!
@Messi + 50 قالتىس!
بوۋاي + 50 قالتىس!
رىپىر + 50 قوللاش!
nayil + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 17:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كارامەت ئېسىل تېما بوپتۇ . دىيارىمىز ئەزىمەتلىرى توغرۇلۇق يېڭى بىلىمگە ئىگە بولدۇم !!~ رەھنەت سىزگە !!~

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
بوۋاي + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 17:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داڭلىق ئەزالار ئاستا-ئاستا كۈرلۈشكە باشلىدى مانا!ياشلىرىمىزغا ئۇتۇق ، ئامامەت يار بولغاي.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 17:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما بوپتۇ ماۋۇ كەچكىچە ئاتام تونىمايدىغان كىشىلەرنى داڭلاپ يېزىۋەرمەي ئۆزىمىزنىڭكىنىمۇ يېزىپ باقىلى  .
خەقلەرنىڭ توردا بار ئىزدىسەكلا چىقىدۇ  . بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭكىنى يېزىپ خەق ئاختۇرسىلا توردىن چىقىدىغان قىلىپ باقىلى . . .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 17:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت تىما ئىگىسى ،مەنمۇ دىيارىمىز پۇتبولچىلىقىدن ئازراقمۇ بولسا بىلىمگە ئىگە بولۋالدىم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 17:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارىف يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 17:52
داڭلىق ئەزالار ئاستا-ئاستا كۈرلۈشكە باشلىدى مانا!ياشل ...

يانا ئىككى كۈن تىللىسام بولامدۇ نىمە شۇنىڭغا قارىغاندا ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 17:57 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما تېما ھەققىي مەندىكى شىنجاڭ پۇتبول تارېخى تونۇشتۇرۇلغان مۇنبىرېمىزدىكى ئ‍ەڭ نادېر تىما بوپتۇ سوز جومۇلىلەرنىڭ باغلېنشى ۋە ئ‍ىشلىتىلشى ناھايىتى ياخشى بوپتۇ بۇ تىمنى بىر ئ‍اي چوققېلاپ قويسىمۇ ئ‍ەرزىيدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 18:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nayil يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 17:39
كارامەت ئېسىل تېما بوپتۇ . دىيارىمىز ئەزىمەتلىرى توغرۇ ...

تېمىنى باھالىدىم دەپ سىلنى باھالاپ يۈرۈپتىمە .  ئەكە 50 كويامنى   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 18:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا مۇشۇنداق بىرىنىڭ ئىزىنى بىرى بېسىپ ماڭىدىغانلار كۆپەيسە  كىيىنكىلەرگە يېڭى داغدام يوللار ئېچىلىدۇ ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 18:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇرتىمىزنىڭ مۇنداق ئىسىل خەۋەرلىرىنى ئاڭىلىسا ئادەمنى ھاياجانغا سالماي قالمايدىكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 18:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن سائەت 5 يېرىمدا  خېنەن قۇرۇلۇش - بېيجىڭ ئامانلىق مۇسابىقسى بار، ئەزىمەتلىرىمىزگە ھۇررا توۋلاپ قويايلى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 18:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداقلا ماڭسا دىيارىمىز پۇتبولچىلىقى 10 يىل ئ‍ىچىدە دۇنياغا تونۇلغۇسى ! ! !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-15 13:48

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش