elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 725|ئىنكاس: 30

مەكتەپ پۇتبول دەرسلىكىدە كۆرۈلۋاتقان مەسللەر ۋە ھەل قىلىش يوللىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ  پۇتبول دەرسلىكىدە كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئۇلارنى ھەل قىلىش يوللىرى
ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى تەنتەربىيە ئوقۇتۇشى ئىچىدە پۇتبول ئوقۇتۇشى پۈتكۈل تەنتەربىيە دەرىسىنىڭ ئاساسلىق سالمىقىنى ئىگىلەيدۇ،دۆلەتنىڭ بەدەن ساغلاملىق ئۆلچىمىنىڭ تەلىپىنى ئورۇنلاشتىمۇ مۇھىم ئورۇندا تورىدۇ.شۇڭا  پۇتبول ئوقۇتۇشىنى چىڭ تۇتۇپ،ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە مەكتەپ پۇتبول ئوقۇتۇشى ۋە تەنتەربىيە پائالىيىتى جەريانىدا بەزى-بىر ھادىسە ۋەقەلەر ھەم پۇتبول ئوقۇتۇشىغا مۇخالىپ بولغان خاتالىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز لازىم.بۇ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ تەنتەربىيە دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە. ھازىرقى يېزا قىشلاقلاردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى تەنتەربىيە دەرىسىنىڭ ئۆتۈلۈشى ۋە ئۇنىڭغا بولغان كۆز قاراش،مەكتەپلەرنىڭ پۇتبول ئوقۇتۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشى قاتارلىق جەھەتلەردە تۆۋەندىكى مەسىلىلەر ساقلىنىۋاتىدۇ.
1. ھازىر باشلانغۇچ مەكتەپنى تىلغا ئالماي تۇرايلى،ئاددىيسى پۈتۈنيۈزلۈك كەسىپلەشكەن  تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەلەردە بولسا 3-4 يىل ئوقۇش جەريانىدا خوش ياقسا ئىككى سائەتلىك تەنتەربىيە دەرىسىگە قاتنىشىدىغان،بولمىسا قاتناشمايدىغان،تەنتەربىيە ۋە تەنتەربىيە دەرسى دېگەنلەردىن قىلچە خەۋىرى بولمىغان،پۇتبول كەسپى بويىچە مەخسۇس تەربىيەلەنمىگەن ئوقۇتقۇچىلارنى مەخسۇس پۇتبول دەرسى ئۆتۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇش،بەزى جايلاردا بولسا ئادەتتىكى پەنلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان ئوقۇتقۇچىلارنى تەنتەربىيە دەرسى بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋاللىرى ساقلانماقتا.شۇنىڭ بىلەن بۇ مەكتەپلەردە تەنتەربىيە دەرىسىنىڭ ئىلمىيلىكى،تەلىپى،مەقسىتى،ئوقۇتۇش پىروگراممىسى،تەنھەرىكەت ئۆلچىمى،تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ شەرتى قاتارلىقلارغا نىسبەتەن خاتا چۈشەنچىلەر پەيدا بولغان.ئاخىرىدا پۇتبول كۇرسى دەرسى ئوقۇغۇچىلارغا توپ تاشلاپ بەرسە بولىدىغان دەرس،مەكتەپتە ئەمگەك بولسا تەنتەربىيە دەرسى ۋاقتىدا قىلىۋىتىدىغان دەرسكە ئايلىنىپ قالغان.شۇنىڭ بىلەن ياش ئۆسمۈرلەرگە قارىتا جخسمانى ۋە ساغلاملىق جەھەتلەردىكى تەربىيەلەش تاشلىنىپ قالغان ياكى ئىزىدا توختاپ قالغان.بۇنداق ئەھۋاللاردا مەكتەپ چوقۇم تەنتەربىيە دەرسى كەمچىل بولغان ھالەتتىمۇ،ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە تەنتەربىيە دەرىسىگە،تەنتەربىيە پائالىيىتىگە،تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسىغا بولغان ئەقەللى شەرتلەرنى تۆۋەنلىتىۋىتىشكە بولمايدۇ. پۇتبول كۇرسى دەرسىنى چوقۇم مۇنتىزىم بىر پۇتبول ئۇقۇتقۇچسى ئۆتۈش كېرەك.
2.بەزى مەكتەپلەردىكى تەنتەربىيە دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە مەخسۇس پۇتبول كەسپى بويىچە ئوقۇمىغان تەنتەربىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى دەرس ئۆتۈشتىن ئىلگىرىكى تەييارلىق ھەرىكەتلىرى،بەدەن قىزىتىش،تەرتىپكە سېلىش ھەرىكەتلىرىنى ئىشلەتمەيلا دەرسنى باشلىۋىتىدىغان،بالىلارغا تەنتەربىيە ئايىقى كىيىشنى ئورۇنلاشتۇرماي ھەر خىل ئېگىز پەس،قاتتىق مەيدانلاردا قىش-شېغىل ياتقۇزۇلغان مەيدانلاردا ئوقۇغۇچىلارنى يالاڭ ئاياق يۈگەرتىدىغان ياكى باشقا ھەرىكەتلەرگە سالىدىغان،ئوقۇغۇىلارغا بۇ جەھەتتە تەكىتلەش ئېلىپ بارماي ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلمايدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت.بۇ خىل قىلمىش تەنتەربىيە كەسپى بويىچە تەربىيەلەنگەن ئوقۇتقۇچىغا خاس خىسلەت ئەمەس،بۇ خىل ھالەت شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ خىزمەت پوزىتسىيەسى ۋە تېخنىكا سەۋىيەسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.ھەر قانداق فىزىلوگىيەلىك ئۆزگىرىش مۇئەييەن تەييارلىق ھەرىكەتتىن كېلىدۇ،تۈپ تەييارلىق ھەرىكەتلەر بولمىسا بەزى ئۇشتۇمتۇت ۋەقەلەر كېلىپ چىقىدۇ.تەييارلىقسىز،بەەن قىزىتىش ھەرىكىتى بولمىغان شارائىتتا تەنتەربىيە دەرسىنى باشلاشقا بولمايدۇ.شۇڭا ھەر قانداق تەنتەربىيە دەرسى بېرىدىغان ئوقۇتقۇچى چوقۇم تەنتەربىيە كېيىمىنى كېيىشى،ئوقۇغۇچىلارغىمۇ شۇنداق تەلەپ قويۇشى،بۇنىڭ پايدىلىق ۋە زىيانلىق تەرەپلىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا تولۇق چۈشەندۈرۈپ قويۇشى،تەييارلىقسىز دەرس باشلاشتىن قەتئىي ساقلىنىشى لازىم.
3. تەنتەربىيە دەرىسىنىڭ ۋە پۇتبول ئوقۇتۇش پىروگراممىسىنىڭ ئاساسى ماھىيىتىنى تولۇق بىلمەي ۋە ئېگەللىمەي دەرس ۋە مەشىق جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنى چارچىتىۋىتىدىغان،ئۆزى ئۆتكەن دەرستىن زېرىكتۈرۈپ قويىدىغان ئەھۋاللار ساقلانماقتا،تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى چوقۇم ھىسسىياتقا بېرىلمەي ئوقۇتۇش قانۇنىيىتى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى، پۇتبولغا بولغان مەيداندىكى ئالاھىدىلىكى،ھەرىكەت قاتلىمىنىڭ تەدرىجىلىكى،خىلمۇ-خىللىقى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بېرىپ ھەر قايسى يىللىقلارنىڭ تەنتەربىيە دەرىسىنىڭ تەلەپ مەقسىتىگە ئاساسەن پىلان تۈزۈشى،ئىش كۆرۈشى كېرەك. پۇتبول مەشىق قىلدۇرغاندا مەزمۇنى كۆپ،تەكرارلاش قېتىم سانى ھەددىدىن زىيادە ئارتۇق بولۇپ كەتمەسلىكى،ئوقۇغۇچىلارنى جىسمانىي قۇۋۋىتى ئاساس قىلىنىشى لازىم.ھەددىدىن ئارتۇق چارچاش ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە سالامەتلىكىگە تىز تەسىر يەتكۈزىدۇ.
4.ھەر قايسى يىللىقلاردىكى ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ھەرىكەت مىقدارىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرماسلىق ۋە تەدرىجىي ئىلگىرىلەش پىرىنسىپىغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك،دىققەت قىلماشلىق ئەھۋاللىرى ساقلانغان. بىر قىسىم تەنتەربىيە دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىدا ئەمەلىيەتكە قارىماي، پۇتبولنىڭ سۇبيېكتىپ خاھىشى بويىچە ھەرىكەت مىقدارىنى ئۆزى خالىغانچە كۆپەيتىۋەتكەن ۋە ئىشلەتكەن،بۇنىڭغا قارىتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيە سەرپىياتى يېتىشمەي،بىر ئىككى ھەپتىگىچە پۇتىنى ئالالماي، پۇت قوللىرى ئاغرىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرگەن.بۇنىڭ بىلەن بالىلار تەنتەربىيە دەرىسىدىن قاچىدىغان بولۇپمۇ پۇتبولغا قىزىقمايدىغان ،قىزىقارلىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارسىمۇ قاتناشمايدىغان ھەتتا چىقمايدىغان ئەھۋاللار بولۇپ قالغان.ئەسلىدە كىشىنى قىزىقتۇرىدىغان تەنتەربىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش مىتودىنىڭ ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن ئوقۇغۇچىلار قاچىدىغان،ئۆزىگە بېسىم ھېساپلايدىغان دەرسكە ئايلىنىپ قالغان.
5.ئىلمىي ئۇسۇلدا چېنىقتۇرۇش ، ئوقۇتۇش شۇنداقلا ئىلىمىي بولغان پۇتبولدا تەربىيەلەش
ئېلىپ بارماسلىق ئەھۋاللىرى ساقلانغان.بىر قىسىم تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى ئوتتۇرا تېخنىكوم بىلىم سەۋىيەسىگە ئىگە بولۇپ،ئادەتتىكى تەنتەربىيە جۈملىدىن پۇتبولغا يۈزلىنىشى بويىچە دەرسكە تەييارلىق قىلىدىغان ۋە مەشىقلەندۈرىدىغان ئىلمىي ئوقۇتۇش جەھەتلەردىن يېتەرلىك بىلىمگە ئىگە بولماي،ھازىرقى پۇتبول تەرەققىياتىنى ئېگەللىمەي قارىغۇلارچە كېتىپ بېرىۋاتىدۇ.شۇڭا ئۇلار ئىلگىرىكى ئاز-تولا ئاڭلىغان ۋە ئىگىلىگەن بىلىملىرىگە تايىنىپ ھازىرغا قەدەر تەنتەربىيە شۇنداقلا پۇتبول ئوقۇتۇشىغا خىلاپ ھالدا تەنتەربىيە ئوقۇتۇشى ۋە پۇتبول تەربىيەلشى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ.دۆلىتىمىز يېڭىدىن يولغا قويغان ساغلاملىق ئوقۇتۇش پىروگراممىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار بەدەن ساغلاملىق ئۆلچىمىنىڭ تۈپ ماھىيىتىنى ئېگەللىمەيدىغان  پۇتبولدىكى ئۇششاق نۇقتىلارىغا دىققەت قىلماي  قانداق قىلغاندا مۇشۇ ئۆلچەمنى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ دېگەننى ئويلىمايدىغان ئەھۋاللار ئېغىر.
6. ئەتراپلىق چېنىقىشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىكمۇ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ تەنتەربىيە دەرسىدە بولۇپمۇ پۇتبول كۇرسىدا ساقلىنىۋاتقان بىر مەسىلە. بىر قىسىم تەنتەربىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى تەنتەربىيە دەرس ئوقۇتۇش پىروگراممىسىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقماي،دەرس ئورۇنلاشتۇرغاندا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان تەنتەربىيە تۈرلىرىنى دەرس مەزمۇنى قىلىپ ئورۇنلاشتۇرىدىغان،ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان تۈرلەرنى ئاز ئورۇنلاشتۇرىدىغان ياكى دەرس مەزمۇنىدىن قالدۇرىۋېتىدىغان،بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق،سىستېمىلىق چېنىقىشىغا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت بولۇپمۇ پۇتبول كۇرۇس سائەتلىرىدە كۆپ كۆرۈلىدۇ.
مەسىلەن: ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان توپ ياكى باشقا تۈرلەرنى دەرس ۋە مەسىققە كۆپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۇتبول تۈرنى تاشلاپ قويىدىغان ئەھۋاللار بار.بۇخىل ئەھۋاللار ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن سۈپەت ئامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ،شۇ سەۋەبتىن ئوقۇغۇچىلار ئەتراپلىق يېتىلمەيدۇ.ئوقۇغۇچىلار ئاسانلا تەنتەربىيە دەرىسىدىن زېرىكىدۇ شۇنىڭ بىلەن پۇتبولغا نىسبەتەن قىززىقىش سوۋۇپ كېتىدۇ.
7.بىخەتەرلىك تەنتەربىيە ساۋاتلىرىنى ۋە پۇتبول مەشىقلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك ئەھۋاللىرىمۇ ساقلانماقتا. بەزى تەنتەربىيە دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى دەرستىن ئاۋۋال تەنتەربىيە سايمانلىرىنى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىيىم كېچەكلىرىنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈرمەيدۇ.قىز ئوغوللارنى پەرىقلەندۈرمەي شارائىتى ناچار مەيدانلاردا مەشىق ۋە پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ.نەتىجىدە قىزلارنىڭ بوينىغا ئېسىۋالغان بۇيۇملىرى ئۆز بەدىنىگە سانجىلىپ كېتىدىغان،ئوغوللارنىڭ ئاچقۇچ قاتارلىق بۇيۇملىرى ئۆزىنىڭ بەدىنىگە زەخىم يەتكۈزىدىغان،پۇت قوللىرى قايرىلىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.ھەتتا بىر قىسىم تەنتەربىيە سايمانلىرىنى توغرا ئورۇنلاشتۇرماسلىق،پايدىلىنالماشلىق سەۋەبىدىن ئوقۇغۇچىلار زەخمىلىنىدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت. تەنتەربىيە دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى بۇنداق ئەھۋاللاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارغا بىخەتەرلىك تەربىيە ساۋاتلىرىنى ئېرىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك بولۇپمۇ پۇتبولدەك ئاسان خەتەر يۈز بىردىغان تەنھەرىكەت تۈرىدە تېخىمۇ ھۇشىيار بولمىسا بولمايىدۇ. قىسقىسى، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ تەنتەربىيە دەرىسلىرىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر بولۇپمۇ پۇتبول دەرىسدە ئاز ئەمەس.بۇلارنىڭ ھەممىسى بېرىپ ئۆزىمىزنىڭ پەرزەنتلىرى،ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ۋە كەلگۈسى پۇتبول تەرەققىياتىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟
1) ھەر دەرىجىلىك مەكتەپ رەھبەرلىكى تەنتەربىيە دەرىسىنىڭ بولۇپمۇ پۇتبول تۈرنىڭ بۈيۈك ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشىنى توغرىلىشى،تەنتەربىيە دەرسىنى بولۇپمۇ پۇتبول كۇرسىنىڭ مەكتەپتە بولسىمو بولىدىغان،بولمىسىمۇ بولىدىغان دەرس دەپ قارايدىغانلا خاتا قاراشلارغا خاتىمە بېرىپ،ئەخلاقىي،ئەقلى،جىسمانىي جەھەتلەردىن تەربىيەلەشنىڭ بىر تارمىقى بولغان پۇتبول ۋە جسمانى   يېتىلىش ئىشلىرىغا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك.تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنى سەپلەش،ئالماشتۇرۇش،يېڭىلاش،بىلىم ئاشۇرۇش جەھەتلەردە ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ،تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسپى بولۇپمۇ پۇتبول نەزەرىيە ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى،مەكتەپ رەھبەرلىكى تەنتەربىيە پۇتبول ئىشلىرىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. چۈنكى مەكتەپ تەنتەربىيە پۇتبول ئىشلىرىنىڭ قانداق بولۇشى مەكتەپ ئومۇمىي مەدەنىيەت ھاۋاسىنىڭ قانداقلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەينەك.
2) پۇتبول ئىشلىرىنى بىر تۇتاش تەشكىللەش،ئەتراپلىق ئەھمىيەت بېرىش،مەكتەپ،يېزا،جامائەت تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە باشقۇرۇش-ھازىرقى تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات نىشانىنى كۆرسىتىپ بەردى.لېكىن ئامممىۋى تەنتەربىيە تەشكىلاتلىرى بىلەن مەكتەپ پۇتبول دەرىسلىرى ئوتتۇرىدسىدا ئاز تولا پەرق بولسىمۇ پەقەت يۇقىرىقى نىشاندىن ئايرىپ كېتەلمەيدۇ.شۇڭا مەكتەپ تەنتەربىيەسىنى بولۇپمۇ پۇتبول دەرسلىكى تەرەققىياتىنى ھۆكۈمەت خەلق بىرلىكتە باشقۇرۇشى كېرەك.
3) پۇتبول ئوقۇتۇش سايمانلىرىنى ۋە پۇتبول مەيدانلىرىنى ئەمەلىي ئەھۋال،تەلەپ ۋە ئۆلچەم بويىچە تەدرىجىي تولۇقلاش كېرەك. بىر قىسىم پۇتبول سايمانلىرىنى يۆتكەپ،تەڭشەپ ئىشلىتىش ئارقىلىق بەزى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلسىمۇ بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەلەپ ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى،سالامەتلىكى قاتارلىق تەرەپلەرنى كۆزدە تۇتۇپ ئۆلچەمنى ھەددىدىن زىيادە تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىكى لازىم.
4) پۇتبول كۇرسى دەرىسىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى قاتتىق ئىگىلەش كېرەك.  تەنتەربىيە پۇتبول ئوقۇتۇش پىروگراممىسىغا ئاساسەن دەرس ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە دەرس مەزمۇنىغا بولغان يېتەكچىلىك،باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساس قىلىش كېرەك.
5) قەرەللىك ھالدا مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى بىلەن تەنتەربىيە ئورگانلىرى ۋە كەسپى پۇتبول بىرلەشمىلىرى بىرلىشىپ ئۆلچەم ۋە سۈپەتنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن دەرس ئۆتكۈزۈش،ئۈلگە كۆرسىتىش،سېلىشتۇرۇپ باھالاش،سىناق ئېلىش قاتارلىق ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى ئېلىپ بېرىپ، پۇتبول كۇرسى دەرىسىنىڭ سۈپىتىنى ۋە ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش لازىم.يۇقىرىقىدەك تەدبىرلەرنى قوللانغاندا مەكتەپلەردىكى تەنتەربىيە دەرىسىنىڭ پۇتبول كۇرسىنىڭ ئۈنۈمىنى،سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇھەم كەلگۈسى پۇتبول تەرەققىياتىغا ئاساس سالغىلى بولىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم ئۆزۈمچە.
بۇ ماتېرىيالىنى يوللاشتىكى مەقسەت مۇنبەردىكى بولسۇن ياكى مۇنبەرگە سىرتتىن قاتنىشۋاتىقان تەنتەربىيە ئۇقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئازتۇلا پايدىلنىشى ئۈچۈن يوللىدىم ئۆزۈمچە.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +150 تۆھپە +5 يىغىش سەۋەبى
januzay + 50 قالتىس!
ankar528 + 100 + 5 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمما ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىگە يوللىغىدەكلا گەپلەركەن، مەن باشلانغۇچنى پۈتتۈرگىلى 14يىل بۇلاپتۇ 6يىللىق ئۇقۇش ھاياتىمنى قوشسام 20يىل دىگەنگەپ تا ھازىرغىچە بىر تەنتەربىيە ئۇقۇتقۇچىسى يوق شۇ ئانا باشلانغۇچ مەكتىۋىمدە...........
تۇلۇقسىزدا ئۈچ يىل تەنتەربىيە دەرسى بەرگەن بىر مۇئەللىمىز بارتى كاساپەت تەنتەربىيە ئايىغى كەيمەي چىققانلىكى باللىنى ئايىغىنى پايپاقلىردىن سالدۇرۇپ يالاڭ ئاياق يۈگۈرتەتتى
دەرسىگە قاتناشمىسا يوقلىملارنى ئاختۇرۇپ شۇ كۈنكى دەرىسنىڭ ھەممىسدە بولمىسا كارى يوق شۇ سائەت دەرىستە بولماي قالسا 400مىتىرلىق مەيداننى بەشنى ئايلاندۇرۇپ ئۆدەكچىلاپ شۇ مەيداننى بىرنى ئايلاندۇراتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا چىكىپسىز قوللىرىڭىزغا دەت بەمىسۇن . تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمسىمۇ ھازىر  تەنتەربىيە ئوقۇتچىللىرىنىڭ باللىنى مەيدەنغا ئىچىقىپ قويۇپ  ئىككىنى ئايلاندۇرۇپلا توپ تاشلاپ بىرىپ تىلغۇن .ئويناپ ئولتۇردىغان ئىشلىرى بەك جىقكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قالتىس خۇشال. مەن پايدىلانغۇدەك تېما ئىكەن...
  مەن چۈشكەن گۇما ناھىيەسىنىڭ موجى بازىرىدىكى كەنتتە ئۆسمۈرلەرگە پۇتبول ئۆگىتىش، ئۇلارنىڭ تەنتەربىيە ئارزۇسىنى ئاز تولا بولسىمۇ قاناتلاندۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەپ بولدۇق. ئەمدى شۇ مۇناسىۋەتلىك كىتاب - نەزەرىيەلەر قالدى...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ تەتنتەربىيە بۇرادار قايتىپ كىلىپ ياخشى بوپتۇ...مىلەنچىلەردىن..ئىنزاگى بىلەن تەنتەربىتە (يوشۇرۇن باساچى ) ھى ھى ھى  نادىر تىماڭلارنى بەك سىغىندۇق...مۇنبەردىكى ھەقىقىي نادىرچى سىلەرتىڭلار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   پايدىلىنىش قىممىتى ھەقىقەتەن يۇقىرى تىما بوپتۇ. قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن تىما كۆتۈرلۈپ، يۇرۇتۇلدى!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھەركۇنى چۇش ۋە كەچ دەرىستىن سىرىتقى ۋاقىتلاردا ئوقوغۇچىللىرىمنى پۇتبولدىن تەربىلەۋاتىمەن لىكىن مەن ئۆزۇمتەنتەربىيە ئوقۇتقۇىسى بولمىغاچقا قانداق تەربىلەشنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن ،بۇرۇن تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىللىرىمدىن ئۇگەنگەنلىرىم بويۇنچە توپ تىىپكىلۋاتىمىز،توپ مەشىقىنىڭ ئاددى ئۇسۇللىرى بولسا مۇنبەر يۇزىدە كۆرسەمكەن دەيمەن،مۇشۇنداق بىر تىما كەمىلكەن مۇنبىرمىزدە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەلىيەت دەل شۇنداق،  كۆپ سانلىق باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە بېرىپ كۆرگىنىم مۇشۇ تېمىدىكى ئەھۋاللارغا ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ، قايسى بىر باشلانغۇچقا بارسام  تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى يىرتىلىپ كەتكەن پۇتبولنى تاشلاپ بېرىپ يىراقتىن قاراپ -قاراپ قويىدىكەن ، بالىلار ھەرخىل كىيىنىپ ئۆزلىرىنىڭ خىيالىدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئويناپ يۈرگەن. مەكتەپ بويىچە پەقەتلا شۇ بىر پۇتبول،شۇ بىر تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى، پۇتبول ھۈجەيرىسى يوق بىر مەكتەپ مۇدىرى،
تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ يىنىدىكى تامغا ئۈچ داڭلىق چولپاننىڭ ئىسمىنى قىڭغىر-مايماق قىلىپ يېزىپ قويۇپتۇ(يېڭى يېزىقتا): ئوتتۇرىدا مېسسى،ئوڭ تەرەپتە س.رونالدو، سول تەرەپكە نىيمار دەپ

ھەي دېسەك گەپ تولا............
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەنتەربىيەمۇ  قۇرۇق قول كەلمەپتۇ مانا ،قارشى ئالىمىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
88 - 94 يىلغىچە مەن باشلانغۇچتا ئوقۇغاندا بىر تەنتەربىيە ئانبىرى بارئىدى ئىچىدە ھەممە ئۈكۈنىلەر تۇلۇق ئىدى لېكىن تەنتەربىيە دەرستە قۇرۇق گىمنەستىكا ئوينايمىزياكى ئوڭ - سولغا مېڭىشنى مەشىق قىلاتتۇق . ئەمما شۇچاغدا مەن تەنتەربىيە دەرسنى يوق قىلۋەتسە بوپتىكەن دەيتىم . ماڭا 96 - يىلى ھېلىقى كوللاگىنلىق پىتئىتقا چىقىپ ئارغامچا سەكرىگەن ئەخمەتجان مۇئەللىم يۇرتىمىزغا كېلىپ تەنتەربىيەدەرسنى ھەقىقىي تەنتەربىيە قىلدى . بىزگە پۇتبول تېپىش ، ۋاسكىتبول ئويناش دىگەننى ھەقىقىي ئۆگەتكەن .  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلەتجان يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 16:25
مەن قالتىس خۇشال. مەن پايدىلانغۇدەك تېما ئىكەن...
  مەن  ...

قانداقراق ئابلەتچان ئەپەندىم، خىزمەتلەر ياخشىدۇ؟ چۈشكەن كەنتىڭىزدە ئېنتىرنىت كەڭ-تاشادۇ ھە؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 17:38

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش