elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1440|ئىنكاس: 43

ئەنچىلوتى قارارىنى ئۆزگەرتمەكچى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

281-150-1_ancelotti-modric_1am4097thumb8-631x403.jpg
ئىسپانىيە ماركا گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، مادرىد تىرېنېرى ئەنچىلوتى ئاخىرى ئۆزىنىڭ قارارىنى ئۆزگەرتىپ ، 4-3-3 سەپ شەكلىدىن ۋاز كېچىپ 4-4-2 سەپ شەكلىنى قوللانماقچى بولغان ، ئەگەر ئەنچىلوتى بۇ قارارنى توغرا كۆرگەن بولسا ئۇ ھالدا ب ب س گۇرۇپپىسىدىن تەركىب تاپقان ، رونالدو ، بىنزىما ، بىل قاتارلىقلارنىڭ بىرسى يۇمشاق ئورۇندۇقتىن ئورۇن ئالىدۇ .
ماركا گېزىتى : ئەنچىلوتى ئالدىمىزدا كېلىدىغان ئسىپانىيە دېرىبىسىدا كوماندىنىڭ تەڭپۇلىقى ئۇچۇن ب ب س گۇرۇپىسىغا تايانمايدۇ ، ئەڭ بولمىغاندا ئوتتۇرا مەيداننى كۈچەيتىپ كۆپرەك توپ كونترول قىلىشى كېرەك دەپ كۆرسەتتى .
بۇنداق بولغاندا ئەنچىلوتى بۇ مۇسابىقىدە تۇت ئوتتۇرا مەيدان توپچىسىنى مەيدانغا چىقىرىدۇ ، 4-4-2 سەپ شەكلى مادرىد كوماندىسىنى ئۆتكەن بىر يىلدا نۇرغۇن غەلبىلەرگە ئېرىشتۇرگەن بولسىمۇ ، لېكىن سەكسەن مىليۇنلۇق بىلنىڭ ئاساسلىق مەيدانغا چىقىشنى كاپالەتلەندۇرۇش ئۇچۇن ، مادرىد زورلاپ 4-3-3 سەپ شەكلىنى قوللانغان ، لېكىن يېقىندىن بۇيانقى ئوتتۇرا مەيداندىكى ئاساسلىق ئەزالاردىن مودرىچ ، ھېدرا ، جامىسلارنىڭ يارىلىنىپ قىلىشى ، كوماندىنىڭ نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسەتكەن ، ئوتتۇرا مەيداننىڭ ئاجىزلىقى بولۇپمۇ ب ب س گۇرۇپپىسىنى كىشىلەرنىڭ ئالدىدا قېيىن قىستاققا قويۇپ قويغان .
بۇنداق ئەھۋالدا ئەنچىلوتى يەنە جاھىللىق قىلىشنى توغرا كۆرمەي 4-4-2 سەپ شەكلىگە قايتىشقا قوشۇلغان ، بۇ سەپ شەكلىدە ئۆتكەن بىر يىلدا مادرىد كوماندىسى گېرمانىيە بايرىن كوماندىسىنى يۇقىرى نومۇر بىلەن شاللاپ ، بارسېلونا كوماندىسىنىڭ قولىدىن شاھلىق لوڭقىسىنى تارتىۋالغان .
ئەگەر راسىتنلا 4-4-2 سەپ شەكلىگە قايتسا ، قايسى ماھىر ئورۇندۇققا مىخلىنىدۇ دېگەن سوئالغا ، بەلكىم بىل بىلەن بىنزىمانىڭ بىرسى ئورۇندۇق ساقلاشقا مەجبۇر بولىدۇ . بىل بىلەن بىنزىمانىڭ ئەھۋالىغا قارىساق ، بىل يېقىنقى توققۇز مەيدان مۇسابىقىدە بىرمۇ توپ كىرگۈزۈپ باقمىدى ، بۇ نەتىجە ئالدىدا بىنزىما بىلدىن سەل يۇقىرى تۇرىدۇ ، يەنە بىر تەرەپتىن بىنزىما بىلەن رونالدونىڭ ماسلىشىچانلىقى ناھايىتى ياخشى ، شۇڭا ئورۇندۇق باقىدىغان ماھىر يەنىلا بىل بولۇپ قىلىشى مۇمكىن .
مەيدانغا چىقىدىغان تۇت ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرى بولسا، بۇنىڭدا تونى كىروس ، مودرىچ ۋە ئسىكونىڭ ئاساسلىق بولۇشى ناھايىتى ئېنىق ، بۇلارنىڭ تۇتىنچىسى بولسا يېڭى قوشۇلغان لوكاس ، سەمى ھىدىرا ۋە ئىيارامىنىدى قاتارلىقلارنىڭ ئارىسىدىن تاللىنىدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلدا سۈرئەتتىن باشقا جىق ئالاھىدىلىك يوق،بارسېلونا بىلەن مادرىد مۇسابىقە ئوينىغاندا كۆپىنچە كىشلەر  بىلنى نېيمارنىڭ رەقىبى قىلىپ سۈپەتلەيدۇ،ئەمەليەتتە بىل نېيمارغا ئەسلا رەقىپ بولالمايدۇ،
نېيمارغا رەقىپ ئىزدىسە چېلىسىدىكى خارزاد رەقىپ بولالايدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر زامانلاردا مۇرىنئونى تىللىدۇق،گودىيالانى تىلىدۇق،بىلانۇۋۇنىغۇ قارغاپ ساراڭ قىلدۇق.ئەنچىلودىنى ياراتمىدۇق ئەمدى،مەن مورىنئو مەستانىسى لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى .تېخى ھازىرقى ۋەزىپىدىكى تېرنىرلاردىن ھېچكىم ياۋرۇپا بىرلەشمە   چىمپىيۇنلىقنى 3قېتىم ئىلىپ باقمىدى.ئەنچىلودىدىن باشقا،22مەيدان ئۇدا ئۇتۇپ ياۋرۇپا جەڭ مەيدانىدا رىكورۇت ياراتقانمۇ ئاشۇ،ئاشۇ ئاتلىتكىنى 4-1ئۇتۇپ 10-لۇڭقىنى ئىلىپ ئاتلىتكىنىڭ 100يىللىق چۈشىنى بەرپات قىلغانمۇ ئاشۇ،ئەنچىلودى سىمونغا 100قېتىم ئۇتتۇرۋەرسىمۇ ،لېكىن سىمونى ئەنچىلودىغا ياۋرۇپانىڭ ئەڭ چوڭ شان شەرپىنى ئۇتتۇرۋەتتى......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى تاللاش بوپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېلنى ئارقىغا تارتىپ ئوتتۇرا مەيدانغا قويۇپ قويسا ياخشى ئوينايدۇ، كىروس بىلەن مۇدىرىچ ئوتتۇرنى ئوينىسا خامىس بىلەن ئىسكو سول تەرەپنى تالاشسا بولىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇرۇندۇق بېقىشتىكى بىرىنجى تاللاش بىل.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىل ، بېنزىما ئىككسىدىن  ،،،شەرىتسىز بېنزىمانى مەيدانغا چىقىرىش كىرەك ،،،بۇنىڭغا يىقىنقى ئىپادىسى ، كىرگۈزگەن توپى دىگەنلەرنى سۈرۈشتۈرۈش ھاجەتسىز ،،،    بېنزىما ئوتتۇرىدىن نۇمۇر ئىلىش ھەم پاس بىرىشتىن ئىبارەت قوش تەھدىت ئىلىپ كىلەلەيدۇ ،،،  ئەگەر رونالدو بولمىسا ئاندىن بېلنى ئويلىشىش كىرەك ،،،   
ئەن پوداق ئەمدى ئەقلىنى تىپىپتۇ ،،، 4-3-3 نى ئىشلىتىۋەردى ،،، كاللىسىدا نىمە ئويلىغان بولغىيتى دەيمەن بۇ ئادەمنى ،،، ئوتتۇرا مەيداننىڭ ھەممىسى ياردار ۋاقىتتا تىخى ،،،،

مۇدىرىچ ساقايدىمۇ زادى ،،،، بەك سىغىندۇردى ئادەمنى ،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىل ئۇرۇندۇق باقسا بۇلىدۇ ، ھېلقى ۋاقىتتى شەخشىيەتچىلىكلىكلىرىنى ئويلىسام ئۇنى تەييارلىق كۇماندىسىغا ئېچىقىۋەتسىمۇ ھەق بوپتۇ دەيمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئورۇندۇققا ئەڭ ماس كىلىدىغىنى بىل، ئەگەر ئۇنى ئورۇندۇق باققۇزمايمەن دىسە، پى پىنىڭ ئورنىغا بىكتا تۇرغۇزسىمۇ بولىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېلنى ئولتۇرغۇزماي ئوتتۇرامەيدان چەتتە ئويناتسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېلنى سەل كەينىگە تارتىپ ئوڭ كىرايغا قويسا تامامەن بولىدۇ،سۇرئىتىگە تايىنىپ چەكلەنگەن رايون ئىچىگە پاس تاشلىسا بولىدۇ،ئەمما بۇنىڭ ئۇچۇن بېل ئازراق بەدەل تۆلىشى كېرەك…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىچارىگىمۇ تەس ، ھېلى ئۇنى چىقىرىسەن ، ھېلى بۇ سەپ شەكلىنى قوللىنىسەن دەپ بېسىمنىڭ ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزمەك ھەقىقەتەن تەس جۇمۇ ؟؟!!~ سەپ شەكلىنى ئۆزگەرتىشمۇ بىر ياخشى تاللاش . لېكىن ئۈنۈم بېرىشى ناتايىن . مېنىڭ قارىشىمچە ، مەسىلە دەل مادرىد توپچىلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى پىسخىكا ئۆزگۈرىشى !!!~ بۇ تۈزەلمىسە ، ھەر قانداق سەپ شەكلى بولسىمۇ ئۈنۈم بېرىشى ناتايىن !!!~~ ( شەخسىي پىكىر !!~ )

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
قورۇل + 50 ئوخشاش پىكىر

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەبرار قېرىندىشىم ياخشىمۇ سىز ئازراق مەسلىھەتلىشىدىغان ئېش باتى بۇچچىنى قوشسىڭىز بوپتىكەن مەن ھازىر توردا بار 1633370721
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 17:10

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش