ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 4272 |
تۆھپىسى: سەر |
|
تۈنۈگۈن خانلىق مادرىد كۇلۇب رەئىسى ، مەيلى قانداق ئىشلار يۈز بېرىشتىن قەتئىينەزەر ،كۇلۇب باش تېرنىرى ئەنچىلودى ،قەتئىي كوماندىدىن ئايرىلمايدۇ دېگەن،لېكىن رەئىسىنىڭ بۇ سۆزى ئىشەنچلىك ئەمەس.چۈنكى 2يىلنىڭ ئالدىدا بۇ رەئىس يۇقىرىقى گەپلەرنى ئوخشاشلا مۇرىنھوغىمۇ ھەدىيە قىلغان. بۇ پەسىل خانلىق مادرىد تۈرلۈك لوڭقىلاردىن قۇرۇق قالسا ئەنچىلودىنىڭ خانلىق مادرىد ھاياتى ئاخىرلىشىدۇ.‹‹ماكا گېزىتى ››نىڭ خەۋەر قىلشىچە قوشماق مانچېستىرلار ئەنچىلودىنى يۆتكەپ كەلمەكچى بولۇپ رىقابەتنى باشلىغان.
مانچېستىر شەھىرى كوماندىسىنىڭ باش تېرنىرى پىلەنگىرى نىڭ ھازىرقى ئورنى خەتەر ئىچىدە قالدى، مانچېستىر شەھىرى كوماندىسى ئىنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە چېلسىدىن 5نومۇر كەينىدە قالدى، ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە بولسا 1-ئۇچرىشىشتا بارسېلونا كوماندىسىغا 2-1 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى،8كۈچلۈككە كىرىش ئېھتىمالى ئانچە چوڭ ئەمەس،پىلەنگىرى مانچېستىر شەھىرى كوماندىسىنى قولغا ئالغاندىن باشلاپ بىرلەشمىدىكى ئىپادىسى خېلى ياخشى بولغان بولسىمۇ ئەمما ئۈزلۈكسىز نام -شۆھرىتىنى ئاشۇرۇشقا موھتاج بولغان مانچېستىر شەھىرى كوماندىسىنىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىلىردىكى كۈچ ئېلىشىش ئاكتىپچانلىقىنى يۇقىرى كۈتۈرەلمىدى.
ياۋروپا جەڭلىرىگە قاتنىشىشىتىن مەھرۇم بولغان مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىغا نىسبەتەن ۋانجال كوماندىسىنى دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىدە مىڭ تەسلىكتە 4-ئورۇنغا ئېلىپ چىقتى.بىراق 5-ئۇرۇندىكى لىۋىرپول كوماندىسى بىلەن بولغان پەرق پەقەتلا 2نومۇر. ۋانجالنىڭ پەلسەپىلىرى ھازىرقى مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىنى قالايمىقان بىر كوماندىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. ۋانجال تاكتىكىدا ئۈچ مۇداپىئەچى ۋە تۆت مۇداپىئەچى دىن تەركىب تاپقان سەپ شەكلىنى سىناپ باقتى،ھازىرغىچە دىمارىيا نىڭ قايسى ئورۇنغا ئەڭ ماس كىلدىغانلىقىنى تېپىپ بۇلالمىدى،ئاقىۋەتتە ئادەم ئىشلىتىشتە قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقتى.
قوشماق مانچېستىرلار ئەنچىلودىنى يۆتكەشنىڭ پېيىغا چۈشتى،خانلىق مادرىد بولسا ئىزچىل دىھىيانى يۆتكەپ كېلىشنىڭ پېيىدا،بۇلتۇر يىل ئاخىردا مانچېستىر بىرلەشمىسى دىھىيا ئۈچۈن مۇددىتى 6يىللىق يېڭى توختام تەييارلىغان.لېكىن دىھىيا خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ قىززىقتۇرشى ئاستىدا ھازىرغىچە مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىنىڭ بۇ توختامىنى قوبۇل قىلمىدى، بىرقانچە ئاي ئۆتۈپ كەتتى خانلىق مادرىد دىھىيا ئىشىدا يەنىلا بىر ئىش قىلالمىدى، دىھىيامۇ ئەمدى خانلىق مادرىد كوماندىسىغا ساقلاپ تۇرۇشنى خالىمىغان.
‹‹مەخپىيەتلىك گېزىتى››نىڭ ئاشكارىلىشىچە دىھىيا ،ۋاستىچىسى مندىنىس ئارقىلىق خانلىق مادرىد كۇلۇب يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرگە گەپ ئەۋەتكەن.يەنى مەن خانلىق مادرىد كوماندىسىغا كېرەك بولسام دەرھال باھا قۇيسۇن بولمىسا مەن مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسى بىلەن يېڭىدىن توختام ئىمزالايمەن دېگەن.
خانلىق مادرىد تەرەپ بولسا دىھىياغا 4-ئايغىچە سەۋر قىلىپ كۈتۈپ تۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن. بىراق دىھىيانىڭ سەۋرى قاچىسى ئاللىقاچان توشۇپ قالغان. |
|