elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1003|ئىنكاس: 35

مادرىد رەئىسىنىڭ باياناتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەبرار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-13 07:31  

Satellite.jpg
ئىسپانىيە ۋاقتى پەيشەنبە كۈنىدە ، مادرىد رەئىسى فىلورىنتىنو پىرىز مادرىد تىرېنېرى ئەنچىلوتىنى قوللاش يۈزسىدىن مەخسۇس مۇخبىرلار كۈتۈۋېلىش يېغىنى ئېچىپ بايانات ئېلان قىلدى .
پىرىز يېغىننىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىنى ، كەڭ مادرىد مەستانىلىرىغا قاراتقان بولۇپ ، كۆز ئالدىكى بۇ مەغلۇبىيەتتىن ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇپ ، ئۆتكەن يىلدىكى تۇت لوڭقا ساھىبلىرىغا ، داۋاملىق ئىشىنىشىنى ئۇلار ھازىر كەڭ مەستانىلەرنىڭ قوللىشىغا موھتاج ئىكەنلىكى توغرىسىغا يىغىنچاقلىدى  
رەئىس پىرىز سۆزىنىڭ بېشىدىلا كەڭ ئاخپاراتچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى : بۇ يېغىننىڭ ئېچىلىش مەقسىتى ئەنچىلوتىنى قوللاش ، سىلەرنىڭ يېقىندا تارتقان ، ئەگەر مادرىد بارسېلونا جېڭىدە مەغلۇپ بولسا ، ئۇ ھالدا ئەنچىلوتى ئىشتىن چۈشىدۇ دېگەن يالغان ياۋداق سۆزلىرىگە زەربە بېرىش ئۇچۇندۇر ، ئەنچىلوتى مادرىد كوماندىسىنى ناھايىتى ياخشى يېتەكلەۋاتىدۇ ، بىز ئۇنىڭ خىزمىتىدىن ناھايىتى رازى دېدى .
ئۇ قوشۇمچە قىلىپ مۇنداق دېدى : مادرىد توپچىلىرى بولسا ، دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىرلاردۇر ، ئۇلار ئۆتكەن يىلىلا ئونىنچى قېتىملىق لوڭقا ساھىبى ۋە ئۇنىڭغا يانداش قىلىپ ئۇچ لوڭقىغا ئېرىشتى ، بىز بۈگۈنكى كۈندىكى ھادىسىلەرگە ئۇلارنى قوللاش ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك . تەنقىد قىلىش چەكتىن ئېشىپ كەتسە ياكى بەك مۇبالىغە بولۇپ كەتسە ، ئۇ ھالدا ئىشلار كەينىگە دەسسەپ كېتىدۇ  
ئىسپانىيە ئاخباراتچىلىرىگە قارىتا مۇنداق دېدى : ئەسلى ماركا گېزىتى ئاۋۋال مېنى زىيارەت قىلىپ ، ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىپ ئاندىن بىر نەرسىلەرنى يازسا بولاتتى ، لېكىن ئۇلار ئۇنداق قىلمىدى ، مەن نەچچە قېتىملاپ ئۇلارنىڭ بىز توغرىسىدا يالغان ياۋداق نەرسىلەرنى يازماسلىقىنى تەكرار-تەكرار ئاگاھلاندۇرغان ، مەسىلەن ئۇلار ئۆتكەن يىلى تارقاتقان بىلنىڭ بەل ئومۇرتقىسى پۇلتىيىپ چىقىش كېسىلى توغرىسىدا ، بىلنىڭ كېسىلى خىلىلا ئېغىر نەچچە ۋاقىت مەيدانغا چىقسا بولمايدىكەن دېگەندەك خەۋەرلەرنى تارقاتقان ، لېكىن بىل شاھلىق ۋە ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچتا ئۇلارغا ياخشى جاۋابلارنى بەردى .
ئىسپانىيە ئاس گېزىتى بولسا : دائىم شەخسىلەرگىلا ھۇجۇم قىلىدۇ ، ھەر دائىم بىر ئېغىرچىلىق يۈز بەرسىلا ھەممە سەۋەبنى ماڭىلا دۆڭگەپ قويىدۇ مەن بۇ ئىككىسىگە شۇنداق دەيمەنكى : سىلەر بۇ يالغانچىلىقىڭلار ئۇچۇن خىجىل بولمامسىلەر ؟ بۇ شەرەپسىزلىكلەرنى قاچانغىچە داۋاملاشتۇرماقچى ؟
مادرىد توپچىلىرىغا قارىتا مۇنداق دېدى : مادرىد توپچىلىرى ئۈستىگە توقۇلغان نۇرغۇن يالغانچىلىقلارمۇ ئاز ئەمەس ، بىلنى كېسەل دېدى ، رونالدونى مادرىتتىن ئايرىلىدۇ ئۇنىڭ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كەتتى دېدى ، لېكىن رونالدو ئىككى ئاينىڭ ئالدىدىلا دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى باھالانغان ماھىر ، بۇ سىلەرگە يەتمەمدۇ ؟
كاسىياسنى ھەر نېمە دەپ باقتىڭلار ، بىلىپ قىلىڭلار كاسىياس بولسا مادرىتنىڭ سىموۋۇلى ، ئەگەر ئۇ خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قالسا ، ئۇنىڭدىن ھېچكىمنىڭ ئاغرىنىش ھەققى يوق ، ئۇنى قوللاپ بېرىش بىلەن كۇپايىلەنسەڭلار بولىدۇ .
مادرىد كوماندىسىنىڭ ھازىرقى سەۋىيەسى ھەققىدە مۇنداق دېدى : ئۆتكەن يىلى تۇت لوڭقا ساھىبى بولدۇق ، لېكىن بۇ يىل كىرگەندىن باشلاپ نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىدۇق ، بۇنىڭ سەۋەبى بولسا كوماندىدىكى ئاساسلىق ماھىرلارنىڭ يارىلىنىپ قىلىش سەۋەبىدىن بولدى .
پىرىز يەنە قوشۇمچە قىلىپ مۇنداق دېدى : بەزى ماھىرلار مادرىد كوماندسىدىن ئايرىلىپ يېڭى ماكان تاپتى ، لېكىن مادرىتتىن ئايرىلىپلا ، مادرىد توغرىسىدا بەزى مۇۋاپىق بولمىغان سۆزلەرنى قىلغىنى خەۋەر قىلىپ بېسىلدى ، لېكىن مەن بۇ ئويۇنلارنى پەقەت گېزىتچىلەرنىڭ پۇل تېپىش ئويۇنى دەپ قارايمەن ، لېكىن گېزىتچىلەرمۇ پۇل تاپمىسا بولمايدۇ ، شۇڭا مەن بۇنىڭغا قارىشى ئەمەس ، ئەمما بەك مۇبالىغە قىلغان ۋاقتىدا ئاستا توختاپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
كوماندىنىڭ ئەمدىكى مۇسابىقىلىرى توغرىسىدا مۇنداق دېدى : مادرىد ھەرقانداق كوماندىنى مەغلۇپ قىلالايدۇ ، بىز بولساق چېمپىيون ، يەنە چېمپىيون بولۇشقا قۇۋۋىتىمىز يېتىپ ئاشىدۇ .
ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى توغرىسىدا : مادرىد تېخىچە ئۆزىنىڭ مەيدانىنى باشقىلارغا ئىجارە بېرىپ تۇرۇش توغرىسىدىكى قارارىنى چىقارغىلى يوق ، بۇنى ھەل قىلغۇچ ئوينايدىغان ئىككى تەرەپ تاللايدۇ ، ئەگەر بىزنى تاللاپ قالسا ، بىز بۇ توغرىسىدا بىر نەرسە دەيمىز .


مەنبە : مادرىد ئورگان تورى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
9مۇرادىل + 50

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
laqin1 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 07:50
بۇيىل مادرىت ھوسۇلسىزقالدىغاندەك بىلىۋاتىدۇماڭا.

سىلەرگە ئۇنداق بىلىنمىدى ، بەلكى شۇنداق بولۇشنى ئۈمىد قىلىۋاتىسلەر ، لېكىن ئىش بىز ئۈمىد قىلغاندەك چىقماي قالىدۇ ئۆتكەن يىلدەك .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇيىل مادرىت ھوسۇلسىزقالدىغاندەك بىلىۋاتىدۇماڭا.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە شۇ ئاخبارات ۋاستىلىرى ، يوق بىر گەپنى تېپىپ ئۇنى چوڭايتىپ ، ...... ياخشى گەپ قىپتۇ ، فۇ رەئىس
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەچەپ  رەسۋا  قىپتىغۇ رەسۋا  يالغانچىلارنى   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئاخپارات ۋاستىلىرىنىڭ قىلىدىغان ئىشى يوق نەدىكى جىڭغا ئولتامايدىغان نەرسىلەرنى يىزىپ ئۆز كۆڭلىنى ئۆزى خوش قىلىدىغان نىمىلىكىن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ خەۋەلەر تونۇش دۈشمەنلەرگە بولاپ بىرىدىغان گەپكىن ، ئۆزىنىڭ پەرىزىگە ئاساسەنلام خەۋەر يازىدىغان ئاخپارات ۋاستىلىرىنى تاقىۋەتسە ، ئاشۇ خەۋەرنى يازغان تاسمىنىڭ قولىغا خىنە قوياپ چوڭ كوچىدا بەشنى ئايلاندۇرسا، كۆرگەن يولۇچىلار يۈزىگە بىردىن تۈكۈرۈپ ماڭسا 2- لەپ يازمايتى ئاشتا خەۋەرلەرنى.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فەيرۇز يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 12:49
مۇشۇ ئاخپارات ۋاستىلىرىنىڭ قىلىدىغان ئىشى يوق نەدىكى  ...

ئۇلارنىمۇ  تىللىماڭ بولدى  ئۇلارمۇ پات  پات  يالغاب  خەۋەر  يېزىپ تۇرمىسا  مۇنبەرمۇ  قىزىمايدۇ  .رونالدونى  ساتىدىكەن  .ئەنچىلوتىغا ئاخىرقى  ئولتىماتۇمنى  تاپشۇردى  دىگەن  تىمىلار    قىزىق  نوقتۇلۇق  تىمىلار  بولدى  مۇنبەردە  .....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەئىس بولغانكەن ئەڭ ئاۋال مەشقاۋۇلنى قوللاش كېرەك  . ئالدىنقى پەسىل رەتسىز ، جىدەل قۇرىماي كەتكەن مادىردنى يىتەكلەپ 4 شاھ بولغان يەردە بۇ يىلمۇ نەتىجە قازانمايدۇ دىگۈلى بولمايدۇ .  بۇلتۇرقى مادىرىد بىلەن بۇ يىلىقى مادىردنى سېلىشتۇرغاندا بۇ يىلقى مادىرد شەكسىز كۈچلۈك دەپ قارىدىم .
‹‹ شەخسى قاراش ››
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەۋەرنىڭ مەنبەسى ھېچ يەردە كۆرۈنمەيدۇ،فېلورېنتونىڭ بۇ گەپلىرىنىمۇ ئاخبارات ۋاستىلىرى ئويدۇرۇپ چىقارغانمۇ تېخى بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولاپ قالدى ،،، wurra دىگەن مونبەردىشىمىزنى چەكلەۋىتىپسىلەر ،،،،، بىر ياردىم قىلىڭلار باشقۇرغۇچىلار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناداننى مەڭگۈ يېڭىپ بولالمايسەن ، بولدى ۋاقتىڭنى ئىسراپ قىلما !

ئەبرار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ خەۋەر راسمىدۇ  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنى قويۇپ بىرىپتۇ ، ئەسلەپكە رەخمەت ۋە مىنى بىلىپ بىلمەي چەكلەپ قويۇپ ،قويۇپ بەرگەن گۇندىپايغىمۇ رەخمەت ، قەلبىمدە جاراھەت قالدى-دە ،ئۇۋال بولدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە ئ‍ىككى مەيدان ئۇتتۇرۇپ قويسا ياكى ئ‍ۇزغۇنلۇقتا تۆتكە كىرەلمىسە ئ‍اندىن يا خوش -خوش يا بەي-بەي دەيدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 17:43

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش