ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 897 |
تۆھپىسى: سەر |
|
«پۇتبول يۆتكىلىش تورى»نىڭ تۈركىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئېگەللىگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە زەردارى فەنەرباغچە كۇلۇبى ھازىرقى بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسىنىڭ بىرازىلىيەلىك ئوتتۇرا مۇداپىئەچىسى دانتىغا قىزىقۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇلار يازلىق يۆتكىلىش بازىرى ئېچىلغاندا ئاندىن بىر قىسىم يۆتكىلىش باھاسى دېگەنلەرنى ئېلان قىلماقچى بولغان.
دانتىنىڭ بۇ پەسىلدە بايرىن مىيۇنخىندىكى ئىپادىسىمۇ تازا ياخشى دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. بۇ پەسىل ئۇ كۆپ مۇسابىقىلەردە ئورۇنداق بېقىپ ئولتۇردى. ئالدىنقى ئايلانما مۇسابىقىنىڭ ھانۋىر 96 بىلەن بولغان مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىسىدە لەيۋىندوۋىسكىغا ئالماشتۇۋېتىلدى. بۈگۈنكى كۈندە بۇ 31 ياشلىق ئوتتۇرا مۇداپىئەچىنىڭ يۆتكىلىش توغىرىسىدىكى خەۋەرلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. تۈركىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، فەنەرباغچە كۇلۇبى بۇ سودىغا ئالاھىدا قىزىقىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ مۇشۇ يازلىق يۆتكىلىش بازىرىدا تىرىچانلىق كۆرسىتىپ بۇ توپچىنى قۇشۇۋالدىغانلىقىنى ھەم بۇ سودىنىڭ غەلبىلىك بولىشىنى ئۈمىد قىلدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
دانتىنىڭ كونا ئائىلىسى مىنشىنگىلادباغ كۇلۇبىمۇ دىققەت نەزىرى بىلەن قاراۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ ياخشى ئىكەن. دانتىنىڭ بايرىن مىيۇنخىن بىلەن بولغان توختامى 2017-يىلى توشىدۇ. |
|