ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 897 |
تۆھپىسى: سەر |
|
5-ئايدا ئېلىپ بېرىلدىغان ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزدىغان مەيدان مەسلىسى تېخىغىچە ھەل بولغىنى يوق ئىدى. ئىسپانىيەنىڭ جەنۇبىدىكى چوڭ شەھەر سېۋىللا يېقىندا 3 مەيداننىڭ خالىغان بىرىنى ئىسپانىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئىشلىتىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئەندولىسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى(بىر ئاپتونۇم رايۇننىڭ پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئىكەن) بۇ ئىشقا قارتا ۋاقىتلىق ئېنكاس قايتۇرمىغان بولسىمۇ. ئەمما ئۇلار بارسىلونا بىلەن بېلباۋ ئاتلىتكا ئوتتۇرسىدىكى شاھلىق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسنىڭ ئېلىپ بېرىلشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بۇ مەيدان ئىشىدا ھېچقانداق مەسىلىنىڭ يوقلۇقىنى ئاللىبۇرۇن ئېلان قىلىپ بولدى.
60 مىڭ تاماشىبىن سىغىدىغان سېۋىللا ئولىمپىك مەيداندا 1999-يىلى ۋالىنىسيە بىلەن مادرىد ئاتلىتكا ئوتتۇرسىدىكى شاھلىق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلغان. 2 يىلدىن كىيىن سېلتا كوماندىسى بىلەن زاراگوزا ئوتتۇرسىدىكى ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلغان. ئۇنىڭدىن سىرىت خانلىق بېتىسنىڭ مەيدانى رۇيىز لوپېرا پۇتبول مەيدانىغا 55 مىڭ تاماشىبىن سىغىدۇ. سېۋىللا كۇلۇبىنىڭ مەيدانى پىزخۇئەن پۇتبول مەيدانىغا 45 مىڭ 500 تاماشىبىن سىغىدۇ.
بۇ ئايدا ئىسپانىيە بىلەن ئوكرائىنا ئوتتۇرسىدىكى 2016-يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى سېۋىللادا ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرۋاتىدۇ. بۇ مەيدان ياۋرۇپا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى خانلىق بېتىسنىڭ مەيدانىدا ئېلىپ بېرىشقا تەييارلانغان بولسىمۇ ئەمما ئارقا سەپ تەمىنات خىزمىتىدىن مەسىلە چىققانلىقتىن بۇ قېتىملىق مۇسابىقە سېۋىللا كۇلۇبىنىڭ مەيدانىغا ئالماشتۇرۇلۇپ، يەنىلا پىزخۇئەن پۇتبول مەيدانىدا ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغان.
قارىغاندا خان مادىرىد كۇلۇبى بېرنابو مەيدانىنى بەرمىگەن ئوخشايدۇ.... |
|