ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 854 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بوغدا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-12 23:08
ئەسسالام ئەلەيكۇم
ئەتىگەن ئېلىپ بېرىلغان ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى چېلسى پارىژ ئىككىنجى ئۇچرىشىشتا 2:2 نەتىجە بىلەن ئۆز ئارا تەڭلىشىپ،چېلسى پارىژنىڭ مىھمان مەيداندىكى ئۇرغان توپ ئەۋزەللىكى تۈپەيلى شاللىنىپ كەتكەندىن كىيىن مورىنھو ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ: ئېنگىلاد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ شەرىپى ئۈچۈن مانچىستىر شەھىرىنىڭ بارسىلونانى شاللىۋىتىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن، بۇ مەيدان مۇسابىقە بىر قەدەر قىيىن بولسىمۇ ئۇلارنىڭ غەلبە قىلىشىغا ئىشىنىمەن............
ئالدىنقى ئۇچرىشىش مانچىستىر شەھىرىنىڭ ساھىپخان مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇلۇپ سۇيارىز ۋە نېيمارلار توپ ئۇرۇپ 2:1 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلغان،بۇ مەيدان مۇسابىقە بارسىلونا ساھىپخان مەيدانى نوكەمپۇدا ئوينىلىدىغان بۇلۇپ مانچىستىر شەھىرىنىڭ غەلبە قىلىشى بىر قەدەر قىيىن،ئالدىنقى يىلدىكى ئۇچىرىشىشقا نەزەر سالسا 8 كۈچلۈكلەرنى تاللاش ئۇچرىشىشىدا ئوخشاشلا بارسىلونا بىلەن مانچىستىر شەھىرى ئوتتۇرسىدا ئوينالغان بۇلۇپ نەتىجىدە بارسىلونانىڭ غەلبە قىلىشى بىلەن شەھەرنى ئۇتۇپ 8 كۈچلۈككە كىرگەن،بۇ قېتىم مانچىستىر شەھىرى ئالدىنقى يىلىدىكى قان قىساسىنى ئالالامدۇ نەزىرىڭلار 19-چىسىلا دىيارىمىز ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 1:45 مىنۇت ئۆتكەندىكى مۇسابىقىدە بولسۇن.
|
|