ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2982 |
تۆھپىسى: سەر |
|
چېلسى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق 8 كۈچلۇككە كىرىش مۇسابىقىسىدە پارىژ كۇلۇبى تەرىپىدىن شاللاندى ، گەرچە نەتىجە 3-3 بولغان بولسىمۇ مېھمان توپى سەۋەپىك چېلسى شاللىنىش خەۋىپىدىن قوتۇلالمىدى.
ئىبرايىموۋىچ مەيداندىن ئايرىلغاندىن كىيىن پارىژ كۇلۇبى 4تىن 3 قىسىم مۇسابىقىنى 10 ئادەم بىلەن ئويىنىدى ، چېلسىنىڭ 10 ئادەملىك پارىژ تەرىپىدىن شاللىنىشى ئىنگىلات پۇتبولچىلىقىنى مۈشكۇل ئەھۋالدا قالدۇردى.

ئاسمان تەنتەربىيەسىنىڭ تەھلىلچىسى گارىي نىۋىللى مۇنداق دېدى: مانا بۇ ئىنگىلات كوماندىسى، ئىنگىلات بىرلەشمىسىگە نىسبەتەن بىر تەۋرىنىش ، مەن نېمە دېيىشنى بىلمىدىم ، ئىنگىلات بىرلەشمىسىدىكى ئىپادىسى قالتىس ھېسابلىنىدىغان بىر كۇماندىنىڭ ھېچقانچە ئالاھىدە تەرىپى بولمىغان بىر كوماندا تەرىپىدىن شاللاندى، ئەلۋەتتە پارىژ ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن يەڭدى.
يېقىنقى ئىككى يىلىنى ئەسلەپ باقىدىغان بولساق ، رۇشەنكى چېلسى ئىپادىسى ياخشى بولۇپ كېلىۋاتقان كۇلۇب ،بىز چوقۇم شان -شەرپىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك ،ئىمكانىيەتنىڭ بىرىچە ئىنكاس قايتۇرشىمىز كېرەك ،بىر قانچە تەرەپلەر ئۆزگەرتىش ئىلىپ بېرىشىمىز لازىم ، ئىلگىرى بىزنىڭ مۇداپىئە تەدبىرلىرىمىز ياخشى بولمىغان.
مىنىڭ دەۋاتقىنىم ئۆزىمىزنىڭلا كوماندىسىنى كۆرسەتمەيدۇ ، ھەر بىر كوماندا ياۋروپا مۇسابىقىللىرى ئۇچۇن ياخشى تەييارلىق قىلىشى كېرەك بۇ باشقا كۇماندىلار ئۇچۇن روھى كۈچ قۇۋۋەت بولىدۇ،ئالدىراقسانلىق ۋە شۆھرەتپەرەسلىك مەغلۇبىيەتكە باشلايدۇ. بىز بۇنى قوبۇل قىلشىمىز لازىم ،بىزكەلگۇسى ئۇزۇن مەزگىلدە ئۆز كوماندىللىرىمىزنى ئاسرىشىمىز ۋە كۈڭۇل بۆلىشىمىز لازىم .
ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىدا ئارسىنال 3-1 مۇناكۇ غا ئۇتتۇردى، مانچېستېر شەھىرى بولسا 2-1 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇردى،كىيىنكى ھەپتە ئۇزغۇنلۇق سەھنىسىدىن چىكىنىدىغىنى يالغۇز چېلسىلا بولماسلىقى مۇمكىن.
ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسىدا ئىۋىرتون 16 كۈچلۇكتە دىنامو كىيىۋ كوماندىسى بىلەن موسابىقىلىشىدۇ، توتىھام رىس ۋە لىۋىرپوللار 32 كۈچلۇكتە شاللانغان، ھول شەھىرى بولسا ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدە شاللانغان.
مانا بۇ بىز دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ، بىز دۆچ كەلگەن خەتەر ،كۆپ قىسىم كىشىلەر ئىنگىلات بىرلەشمىسىنى كۆرۈپ ھەقىقەتەن قىزىغان بىر مەيدان مۇسابىقە بولدى دېيىشىدۇ، ھەم ھۆزۇرلىنىدۇ ، ئەمما ياۋروپا قىتئەسىدە بولسىچۇ ؟؟؟
چىلىمۇ بىزنىڭ مانچېستېر شەھىرى ۋە ئارسىنالدا ئاز بولسىمۇ ئۈمۇت بار ، قانچە پىرسەنت بولشىدىن قەنتى نەزەر ، ھەتتا بىر پىرسەنت بولسىمۇ ۋاز كەچمەسلىكىمىز لازىم ، شۇنىسى بىزدىكى ئۈمۇت ئەڭ چوڭ بولغاندىمۇ %20 دىن چوڭ ئەمەس. دېدى.
شۇنىسى ئىنىقكى بۇ يالغۇز چېلسىنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئىنگىلات بىرلەشمىسىنىڭ مەغلۇبىيتى ، ئىنگىلات بىرلەشمىسى ئويغۇنۇشقا موھتاج .
مەنبە: 直播首页>足球新闻> ئاساسىدا ئۆزلەشتۇرۇلدى. |
|