ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 901 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۈگۈن سەھەر ئېلىپ بېرىلغان ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ مۇسابىقىسىنىڭ 8 كۈچلۈككە كىرىش شاللاش مۇسابىقىسىدە ئېنگىلانىد چېلسى كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا فىرانسىيەنىڭ پارىژ ساينىت ژىرمان كوماندىسى بىلەن 2-2 تەڭلىشىپ، ئومۇمىي نەتىجىدە 3-3 بولۇپ، پارىژ كوماندىسىنىڭ مېھمان مەيدان توپىنىڭ كۆپلىكى بىلەن چېلسى كوماندسىنى شاللىنىپ چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىدىن خوشلاشتى. ئارسىنال كوماندىسى بولسا 1-3 نەتىجە بىلەن موناكو كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى. مانچىستىر شەھىرى كوماندىسى بولسا 1-2 نەتىجە بىلەن بارسىلوناغا ئۇتتۇرۇپ ئوخشاشلا پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. كىيىنكى ئۇچۇرۇشىش مۇسابىقىسىدە ئۇلار مېھمان مەيدانىدا مۇسابىقە ئېلىپ بارىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە ئۇلار ئۈچۈن ئۇنداق ئاسان ئەمەس.
ئارسىنال كوماندىسىنىڭ رەقىبى موناكو كوماندىسى داڭلىق زەردار بولمىسىمۇ ئەمما ئارسىنال ئۆز مەيدانىدا كۆپ توپ كەتكۈزۈپ قويدى. مانچىستىر شەھەر كوماندىسىنىڭ رەقىبى بولسا ئىسپانىيە زەردارى بارسىلونا كوماندىسى بولۇپ، بۇلارنىڭ يېقىنى ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، MSN ھۇجۇم گۇرۇپپىسى بارغانسېرى ماسىلشىپ ئېچىلىپ كەتتى. نوكامپو مەيدانى بولسا قورقۇنۇشلۇق مەيدانلارنىڭ بىرى. بەلكىم مانچىستىر شەھەر كوماندىسى بۇ يەردىمۇ پېشكەللىككە ئۇچىراپ قېلىشى مۇمكىن.
ئەگەر بۇ پەسىللىك ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىدە ئېنگىلانىد كوماندىلىرىنىڭ ھەممىسى 16 كۈچلۈكتە خوشلاشسا ئۇنداقتا بۇ 21 يىلدىن كىيىنكى 2-قېتىملىق ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىنىڭ 16 كۈچلۈكتە خوشلىشىشى بولۇپ قالىدۇ. ئالدىنقى قېتىملىق مۇشۇنداق ئىش بولسا 2012-2013-يىللىق ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىدە يۈز بەرگەن. ئەينى ۋاقىتتا ئېنگىلانىد بىرلەشمىسىدىن 4 كوماندا اۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىگە قاتناشقان بولۇپ، مانچىستىر شەھەر كوماندىسى بىلەن چېلسى كوماندىسى بىر كىچىك گورۇپپىغا بۆلۈنگەن. ئارسىنال بىلەن مانچىستىر بىرلەشمىسى بولسا 1/8 تاللاش مۇسابىقىسىدە بايرىن مىيۇنخىن ۋە خانلىق مادىرىد كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان. كىشىلەر شۇ ۋاقىتتىلا 2 يىلدىن كىيىن 2-قېتىملىق بۇنداق ھادىسىنىڭ يۈز بېرىپ قېلىش ئېھتىمالنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى.
بىراق ھېچ بولمىغاندا 2012-2013-يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدە ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە3-بولغان چېلسى كۇلۇبنىڭ ياۋرۇپا بىرلەشمە لوڭقسىدا چېمپىيۇن بولۇپ، ئېنگىلانىد كوماندىلىرىنىڭ يۈز-ئابروينى ئاز بولسىمۇ قايتۇرۇپ كەلگەن. ئەمما بۇ پەسىل بولسا ئېنگىلانىد كوماندىلىرىغا يەنىلا كۈلۈپ باقمىدى. ياۋرۇپا بىرلەشمە لوڭقىسىدا بولسا ھول شەھىرى كوماندىسىنىڭ نەتىجىسىمۇ ياخشى بولماي، سالاھىيەت مۇسابىقىدە باسقۇچىدا شاللىنىپ كەتتى. توتىنھام رىس ۋە لىۋىرپول كوماندىلىرىمۇ 16/1 تاللاش مۇسابىقىسىدىن بۇرۇن مەغلۇپ بولدى. نۆۋەتتە 16/1 تاللاش مۇسابىقىسىگە قەدەم قويغان ئېنگىلانىد كوماندىسىدىن ئېۋىرتوم كوماندىسىلا قالدى. ئۇلار ئەمەلىيەتتە چېمپىيۇن بولۇشنى ئۈمۈد قىلغان بولسىمۇ يەنىلا ئېھتىماللىقى تۆۋەن. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ قېتىم ئېنگىلانىد كوماندىلىرىنىڭ ياۋرۇپا مۇسابىقىلىرىدە يۈز-ئابرۇيى يەنە بىر قېتىم چۈشىدىغان بولدى.
ئەجبا ئېنگىلانىدتەك بىر ئىقتىسادى گەۋدىلىك بولغان بىر دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇردىغان دۆلەت بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئېنگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە كۈچلۈك بولغان كوماندىلارنىڭ ياۋرۇپا مۇسابىقىلىرىدە ئۈزلۈكسىز ھالسىزلىنىشى كىشىلەرنىڭ ئېنگىلانىد بىرلەشمىسى ھازىرمۇ يەنىلا دۇنيادىكى بىرىنچى بىرلەشمىمۇ؟ دەپ سورايدىغان بولدى. |
|