ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 891 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا isyanqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-12 19:32
يېقىندىن بۇيان ئاخبارات ۋاستىلىرى مادىرىد كۇلۇبىنىڭ رەئىسى فىلورىنتىنو ئەپەندىمنىڭ ئەگەر بۇ پەسىل ئاخىرلاشقاندا مادىرىد كوماندىسى ئىسپانىيە بىرلەشمە چېمپىيۇنلۇقىغا ئېرىشەلمىسە ياكى ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشىمىسىنىڭ چېمپىيۇنلۇقىنى ساقلاپ قالالمىسا، زىدانىنى بۇ پەسىل يازدا ئەنچىلودىنىڭ ئورنىغا باش مەشقاۋۇل قىلىش توغىرسىدىكى قارارىنى ئېلان قىلغان.
ئەنچىلودى بولسا ئىلگىرى مىلەن، چېلسى ۋە پارىژ كوماندىلىرىنى يېتەكلەپ نۇرغۇن شەرەپكە ئېرىشكەن داڭلىق مەشقاۋۇل. 2013-يىلى مادىرىد كوماندىسىنى يېتەكلەپ بىر قىسىم شان-شەرەپكە ئېرىشكەن بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ مادىردتىكى كەلگۈسى قاراڭغۇ ھەم كۇلۇب رەئىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ تازا ياخشىمۇ ئەمەس. شۇ سەۋەبلىك تېخى مادرىد بىلەن توختام ئۇزارتقىنى يوق. تېخى يېقىندا بىرلەشمىدىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى قولدىن بىرىپ قويدى ۋە ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ شالىك04 بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۆز مەيدانىدا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ ئەنچىلودىنىڭ ئورنى تەۋرەش باسقۇچىغا قەدەم قويدى.
مادىرىد رەئىسى فىلورىنتىنو ئەپەندىممۇ ئاللىبۇرۇن ئۆز پىكىرىنى ئوتتۇرغا قۇيغان بولۇپ، گەرچە مادىرد كوماندىسى ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ 8 كۈچلۈك قاتارىغا كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ يازلىق مەزگىلدە زىدانىنى ئەنچىلودىنىڭ ئورنىغا قويىدىغاننىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ بولغان. زىدانى بولسا مادىرىد تارىخدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر چولپاننىڭ بىرى. 2002-يىلى ئۇ مادرىدقا ياردەملىشىپ ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيۇنلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن. 2010-يىلى 11-ئايدا بېرنابوغا قايتىپ مادرىد تېرنىرلار گۇرۇپپىسىغا قۇشۇلغان. بىر يىلدىن كىيىن مادىرىد باشقۇرۇش قاتلىمى بۇ فىرانسىيەلىكنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇنى ئەنچىلودىنىڭ ياردەمچى تېرنىرىغا ئايلاندۇردى. بىر يىللىق تەربىيلىنىشتىن كىيىن مادىرىد ئىككىنچى سەپ كوماندىسىنىڭ تېرنىرى قىلىپ تەينلەندى. نۆۋەتتە زىدانىنىڭ كەسپىي تېرنىرلىق كېنىشكىسى يوق بولسىمۇ ئەمما ئەمەلىيەتتە ئىسپانىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى مادىرىدنىڭ بۇ قارارىغا ئاللىبۇرۇن قۇشۇلۇپ بولغان. شۇنداق بولغاندا بۇ فىرانسىيەلىك چولپاننىڭ كەلگۈسى تېرنىرلىق يولىدىكى توسقۇنلۇق تازلىنىپ بولدى.
ئەنچىلودىنىڭ ئىشتىن چۈشۈش خەۋىرى ئاخباراتچىلار تەرپىدىن ئاشكارلىنىپ بولغاندىن كىيىن بىر قىسىم ئېنگىلانىد زەردارلىرى ئاللىبۇرۇن بۇ تېرنىرنى نىشانلاپ بولغان. مانچىستىر بىرلەشمىسى كۇلۇبى مويىسنى ئىشتىن بوشاتقاندىن كىيىن ئەنچىلودىنىڭ تېرنىرلىققا تەكلىپ قىلىشنى ئويلاشقان بولسىمۇ ئەمما ئۇ ۋاقىتتا ئەنچىلودى مادرىدتا قېلىشنى قارار قىلىپ بولغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا كۆك ئارمىيە مانچىستىر شەھىرى كوماندىسىنىڭ چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىدىكى ئىپادىسىنىڭ ئىزچىل ياخشى بولماسلىقى ۋە ئەنچىلودىنىڭ چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىدىكى تەجىرىبىسىنىڭ موللىقىنى ۋە قابىليىتىنى چىقىش قىلىپ بۇلارمۇ ئەنچىلودىغا ئېرىشمەكچى بولغان. |
|