elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 598|ئىنكاس: 20

فورلان دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىندى !!!~

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
   سوخۇ تورى خەۋىرى

   3-ئاينىڭ 12-كۈنى پەيشەنبە ، ئورۇگۋاي دۆلەت كوماندىسى داڭلىق ھۇجۇمچىسى فورلان دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى .

3.jpg

   فورلان ئورۇگۋاي دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مەيدانغا چىققان سانى ئەڭ كۆپ پۇتبولچى . بۇ 35 ياشلىق ئورۇگۋاي قاتىل ھۇجۇمچىسى دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 112 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 36 توپ ئۇرغان . شۇنداقلا 3 قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان . بۇنىڭ ئىچىدە 2010-يىللىق جەنۇبى ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى ئېسىل ئىپادىسى بىلەن ئالتۇن توپقا ئېرىشىپ ، ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى بولۇپ باھالانغان .
   فورلان يېقىندا ياپونىيە بىرلەشمىسى دابەن يىڭخۇئا كوماندىسىغا قوشۇلغان بولۇپ ، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۆزىنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان . فورلان : ‹‹ مەن دۆلەت كوماندىسىغا قوشۇلغىنىمدىن ۋە دۆلىتىم ئۈچۈن تۆھپە قوشالىغىنىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن ! شۇنداقلا نۇرغۇن مۇنەۋۋەر توپچىلار بىلەن بىللە توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشكىنىمدىن مەمنۇنمەن !!~ ›› دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن . 2011-يىلى فورلان ، دۆلەت كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا قىتئەسى چېمپىيونى بولغان ۋە دۆلەت كوماندىسىنىڭ 16 يىللىق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا زور تۆھپە قوشقان .
   فورلان ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ ، مانچېستېر بىرلەشمىسى كۇلۇبى ، ۋېللارىئال كۇلۇبى ، مادرېد ئاتلېتىكا كۇلۇبى قاتارلىق زەردار كۇلۇبلاردا توپ تەپكەن . ئۇ  سۇيارېزدىن قالسىلا توپ ئۇرۇش ئۈنۈمدارلىقى ئەڭ يۇقىرى ئورۇگۋايلىق توپچى ھېسابلىنىدۇ . 2014-يىللىق بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىكى كولومبىيە بىلەن بولغان مۇسابىقە فورلاننىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىسى بولۇپ قالغان .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشلىرىڭ ئوڭۇشلۇق بولغاي !!!!!!!!!!!!!!  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2010-يىلى فورلان ئۆزىنى تۈزۈك مۈزۈك كۆرسىتىپ قويغانىدى ،  لېكىن تىزلا قېرىپ كەتتى بۇ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتىرمىلەندىمۇ تەپتى....2010 دۇنيا لوڭقىسىدا پىچەت توپلارنى ئۇرۇۋەتكەن بۇ..بولۇپمۇ گاناغا ئۇرغان توپى...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانچېستىردا   قاچان توپ ئوينىغان بولغۇيتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تېخى مادرىد رىقابەتتىكى فورلان ئوخشايدۇ دەپ كىرىپتىمەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولۇپمۇ 2010 دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئىپادىسى بەك قالتىس بولغانتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2010يىلى ئۆزەڭنى بىر كۆرسىتىپ قويغانتىڭ...........................!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۆلەت كوماندىسىدىكى نەتىجىسى خېلى ياخشىكەن بۇ توپچىنىڭ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىختىيارى توپلارغا خىلى بىڭسى باتتى بۇ ئەپەندىنىڭ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   XATKAR886 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-12 20:44  

مۇشۇ يېشىدا دۆلەت كوماندىسىدىن چىكىنپتۇ. كۇلۇپتا يەنە بىرمەزگىل ئويناپ قويىدىغاندەك..

پۇتبول دۇنياسىدا (ئىبرايىمۋوىچ ،  فورلان ، لەمپارد، كىلوز،پېرلو ،توتتى ) غا ئوخشاش شاشلىقىنى يوقاتمىغان نۇرغۇن توپچىلاربار.    توپچىلارنى  ياش 30قا كىردى ئەمدى قېرىپ قالدى،  دىگەن قارشلارنىڭ تۇلۇق ئاساسى يوق.....      
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر  توپ  ئۇيناۋاتامدۇ  بۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-15 13:43

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش