ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2672 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ۋاڭيى تورى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى خەۋىرى
خانلىق مادرېد ئۆز مەيدانىدا شارېك04 كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ، رونالدو گەرچە 2 توپ ئۇرغان بولسىمۇ ، كەيپىياتى ئىنتايىن تۆۋەن بولدى . توپ ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىنمۇ ئاچچىقلىغان كەيپىياتتا بولدى . مۇسابىقە ۋاقتى توشۇشتىن بۇرۇن ئۇ ئۈ بېنزېمانىڭ يېنىغا كېلىپ ‹‹ نومۇس !! ، نومۇس !! ›› دېگەن سۆزنى قايتا-قايتا تەكرارلىغان . مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن رونالدو كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە ئۇدۇل كىرىپ كەتمەكچى بولغاندا ، كاسىللاس توپ مەستانىلىرىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن تۇتۇپ قالغان . مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، رونالدو بۇ پەسىل ئاخىرلاشقۇچە ھېچقانداق ئاخبارات ۋاسىتىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . ‹‹ كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى ›› ئاخباراتىدا ، ‹‹ مادرىد مەستانىلىرىنىڭ نارازىلىق ئاۋازىنىڭ توختاي داۋاملىشىشى ، رونالدونىڭ قەلب يارىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرىۋەتتى ! ›› دەپ خەۋەر قىلغان .
بۇ رونالدونىڭ بېرنابودا بىرىنچى قېتىم توپ مەستانىلىرىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىشى ئەمەس . بۇندىن بۇرۇن دېربى جېڭىدە ، دىمارىيا چىقارغا پاسنى ۋارتار تۈۋىدىن مايماق تېپىپ كىرگۈزەلمىگەن ۋاقىتتىمۇ ، بىرنابودا كۈچلۈك نارازىلىق ئاۋازى ئەۋج ئالغانىدى . بۇندىن باشقىمۇ دېربى جېڭىدىكى مەغلۇبىيەتتىن كېيىمكى رونالدونىڭ تۇغۇلغان كۈن يىغىلىشى قىلىشى توپ مەستانىلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىغان ئۇچرىغان .
‹‹ كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى ›› ئاشكارىلىشىچە ، رونالدونىڭ قەلبى قاتتىق ئازار يېگەن بولۇپ ، ئۇ مادرىدتىن ئايرىلىش ياكى ئايرىلماسلىق ئۈستىدە ئويلىنىۋېتىپتۇ . ۋاكالەتچىسى مېندېسمۇ رونالدونىڭ كەلگۈسى ئۈستىدە ئىزدىنۋېتىپتۇ . مانچېستېر بىرلەشمىسى ، مانچېستېر شەھەر كوماندىسى ۋە پارىژ سېنت-ژېرمان كۇلۇبى قاتارلىقلار كۇلۇبلارنىڭ بىرسى رونالدونىڭ كېيىنكى بېكىتى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن .
رونالدو راستتىنلا كېتەمدۇ ؟ فىلورېنتىنومۇ ئۇنى يۇقىرى باھا بىلەن سېتىشنى ئويلىشۋاتقان بولۇشى مۇمكىن . بۇندىن بۇرۇن ‹‹ مەخپىيەتلىك گېزىتى ›› نىڭ ئاشكارىلىشىچە ، فىلورېنتىنونىڭ قارىشىچە رونالدونى ساتىدىغان ۋاقتى بولۇپ قاپتۇ . يەنە بىر نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، رونالدونىڭ يېشىنىڭ چوڭيىشى ئىپادىسىنىڭ تۆۋەنلىشىگە تەسىرى چوڭ بولۇۋېتىپتۇ . ئەگەر مۇشۇ ۋاقىتتا مادرىد رونالدونى يۇقىرى باھا بىلەن قولدىن چىقىرىۋالسا ، مادرېدنىڭ كوماندا قۇرۇلۇشىغا ئىقتىسادى جەھەتتىن خاتىرجەم بولىدىكەن . |
|