ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2670 |
تۆھپىسى: سەر |
|
سىنا تورى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى خەۋىرى
بارسېلونا كوماندىسى ئوڭ قانات مۇداپىيىچىسى ئالۋېسنىڭ كۇلۇب بىلەن بولغان توختامى بۇ يىل يازدا توشىدۇ . ئىككى تەرەپ توختام ئۇزارتىش ئىشىدا خېلىدىن بېرى بىرلىككە كېلىپ بولالمىدى . ئىسپانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، بۇ بارسېلونا تۆھپىكارى پارىژ سېنت گېرمان كۇلۇبى بىلەن بىرلىككە كېلىپ بولغان بولۇپ ، پارىژ سېنت- گېرمان كۇلۇبى ئالۋېسنى 3 يىللىق توختام ۋە 9 مىليون ياۋرو يىللىق مائاش بىلەن تەمىنلەيدىكەن .
بارسېلونا كۇلۇبى كەلگۈسى ئىككى قېتىملىق يۆتكىلىش بازىرىدا ھېچقانداق پۇتبولچى سېتىۋالالمايدىغان بۇ شارائىتتا ، ئالۋېسنىڭ بارسېلونادىن ئايرىلشى بارسېلونا كۇلۇبىغا نىسبەتەن چوڭ يوقىتىش ھېسابلىنىدۇ . يېقىندىن بۇيان ئالۋېسنىڭ ئىپادىسىنىڭ تۆۋەنلىشى كۆرۈنەرلىك بولغان بولسىمۇ ، مونتويا ۋە دوگلاسقا سېلىشتۇرغاندا بارسېلونا ئۈچۈن بىرىنچى تاللاش يەنىلا ئالۋېس ئىدى . لېكىن ئالۋېس بىلەن بارسېلونا كۇلۇبى ئايرىلىش باسقۇچىغا كېلىپ قالدى .
ئىسپانىيە ماركا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە ، ئالۋېسنىڭ توختام توشۇشىغا 3 ئاي قالغان شارائىتتا ، ئالۋېسنىڭ ھەر قانداق بىر كۇلۇب بىلەن توختام تۈزەلەيدىغانلىقى ، شۇنداقلا ئالۋېسنىڭ كەلگۈسىنىڭ پارىژ سېنت-ژېرمان كۇلۇبى باغلىنىپ بولغانلىقى ، توختام مۇددىتىنىڭ 3 يىل ئىكەنلىكى، يىللىق مائاشىنىڭ 9 مىليون ياۋرو ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان . پارىژ سېنت- گېرمان كۇلۇبىدا ئۇ دۆلەت كوماندا سەپداشلىرى داۋېد . لوئېس ، سېلۋا قاتارلىقلار بىلەن قايتا جەم بولالايدۇ .
ئالۋېس 2008-يىلى سېۋېللىيادىن 29 مىليون 500 مىڭ ياۋرولۇق باھا بىلەن بارسېلوناغا قوشۇلغان . ئۇنىڭ بارسىلوناندىكى 7 يىللىق ھاياتى مۇۋەپپەقىيەت ئىچىدە ئۆتتى . بۇ 7 يىل ئىچىدە ئۇ پۇتبول سەھنىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوڭ قانات مۇداپىيىچىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى . شۇنداقلا بارسېلونا كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە 4 قېتىم ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونى ، 2 قېتىم ياۋرپا ئۇزغۇنلۇق چېمپىيونى ، 2 قېتىم دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى چېمپىيونى ، 2 قېتىم دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونى ۋە 2 قېتىم ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى چىمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى . ھازىرغىچە بارسېلونا كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 300 مەيداندىن ئۆشۇق مۇسابىقىگە قاتناشتى . |
|