بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-13 11:57
2015-يىلى 3- ئاينىڭ 10 - كۈنى ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرلار بىرلەشمىسىىنىڭ زەردارى چىلىسى كۇلۇبىنىڭ 110 ياشقا كىرگەن شانلىق خاتىرە كۈنى. ئۇشبۇ مۇناسىۋەت بىلەن كەمىنە مەزكۇر تېمامنى مۇنبەردىكى بارلىق چېلسى مەستانىلىرىگە سوۋغا سۈپتىدە سۇندۇم، ياقتۇرۇپ كۆرگەيسىلەر!
110 يىللىق كۆك رەڭلىك ھايات
كۇلۇب نامى: چېلسى پۇتبول كۇلۇبى
ئېنگىلىزچە ئاتىلىشى: Chelsea Football Club
كۇلۇپ جايلاشقان شەھەر: ئەنگىلىيە پايتەختى لوندون شەھىرى
كۇلۇب قۇرۇلغان ۋاقىت: 1905-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
ساھىبخان مەيدانى: لوندون سىتانفورد كۆۋرۈكى تەنتەربىيە مەيدانى (1877-يىلى سېلىنغان. 1905-يىلى چېلسى كۇلۇبى قۇرۇلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ، 42055 ئادەم سىغىدۇ).
مەشىق مەيدانى: كېبام مەشىق بازىسى
كۇلۇب خوجايىنى: رومان ئابراموۋىچ
باش تېرنېرى: مورىنىھو كۇلۇب مەسئۇلى: روئېن گورلى
كۇلۇپنىڭ ئاساسلىق ئېرىشكەن نەتىجىلىرى: 4 قېتىم رايون قالغان لوڭقىسى چېمپىيۇنى. 5 قېتىم ئېنگىلاند بىرلەشمە لوڭقىسى چېمپىيۇنى. 7 قېتىم ئېنگىلاند ئۇيۇشما لوڭقىسى چېمپىيۇنى. 4 قېتىم ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرلار بىرلەشمىسى لوڭقىسى چېمپىيۇنى. 1998-يىلى ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرلار لوڭقىسى چېمپىيۇنى. 1971-يىلى ۋە 1998-يىلى ياۋروپا غالبىيەتچىلەر لوڭقىسى چېمپىيۇنى. 2013-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى چېمپىيۇنى. 2012-يىلى ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق (ئۇزغۇنلۇق) لوڭقىسى چېمپىيۇنى.
ئاپتوردىن ئىلاۋە:
بۇ يەردە شۇنداق بىر قابىل سەركەردە باركى ئاجايىپ قەيسەر، ئاجايىپ تەلۋە، ئاجايىپ تەرسا...
بۇ يەردە شۇنداق بىر جەسۇر قوشۇن باركى ئاجايىپ قورىقماس، ئاجايىپ باتۇر، ئاجايىپ تىز پۈكمەس...
بۇ يەردە شۇنداق بىر ‹‹يىمىرىلمەس ئارمىيە›› باركى قابىل سەركەردە بىلەن جەسۇر قوشۇن بىرلىشىپ پۈتۈن ياۋروپانى تىترەتكەن، كۈچلۈكلەر يىغىلغان، ئېنگىلاندقا خوجا بولغان. ئاجىزلارنى دەسسەپ، كۈچلۈكلەردىن يانمىغان، بۇ قوشۇننى مەغلۇپ قىلغىلى بولىدۇكى ، لېكىن قەتئىي تىز پۈكتۈرگىلى بولمايدۇ.
مانا بۇ روھ — ھەقىقى كۆك قوشۇن روھى، ھەقىقى چېلسى روھى، ھەقىقى تىز پۈكمەس روھ، ئېگىلمەس — سۇلماس روھ. ئېنىقراق ئېيتقاندا بۇ روھ كۆك رەڭ بىلەن بويالغان پۇتبول روھى...
كۇلۇپ تارىخى:
ئالدى بىلەن سىلەرگە بۇ كۇلۇپنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانىدىكى بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بېرەي. چېلسى كۇلۇبىنىڭ قۇرۇلۇشى 1904-يىلى كۈزدىكى بىر يەكشەنبە كۈنىگە مۇناسىۋەتلىك. شۇ كۈنى ئەنگىلىيلىك سودىگەر ھېنىرى ئاۋگۇستۇس مېرىس ئۆزىنىڭ قارارىنى ئۆزگەرتىدۇ، نەتىنجىدە 100 يىلدىن كېيىنكى ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدە ئەڭ ئۇتۇق قازانغان چېلسىي كۇلۇبى مەيدانغا كېلىدۇ...
مېرىس بولسا بىر ئەسەبىي تەنتەربىيە مەستانىسى ئىدى. 100 يىل ئىلگىرى پۇتبول ھەرىكىتى ئەنگىلىيىدە جۇش ئۇرۇپ بىخلىنىۋاتقان مەزگىل بولۇپ، ئەمما لوندوندا بولسا يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمىدە توپ ئوينايدىغان بىرمۇ كوماندا يوق ئىدى. مېرىس ئالدى بىلەن شۇ ۋاقىتلاردا قۇرۇلۇپ بولغان فۇلىھام كوماندىسىنى ئىزدەپ تېپىپ سىتانفورىد كۆۋرۈكى تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ ئىگىسىگە ئايلاندۇرماقچى بولىدۇ، ئەمما مەيداننى سېتىۋېلىش باھاسىدا سۆھبەت ئوڭۇشلۇق بولمىغانلىقتىن، فۇلىھام كوماندىسى كىراۋېن دېھقانچىلىق مەيدانى (ھازىرقى ساھىبىخان مەيدانىنىڭ نامى) دا تۇرۇپ قالىدۇ. مېرىس كۆڭلىدە بىر تەنتەربىيە مەيدانىغا ئىگىدارلىق قىلىپ ئىش باشلاشنىڭ ھەقىقەتەن تەسلىكىنى ھېس قىلىدۇ ۋە بۇ ئىشتىن قول ئۈزمەكچى بولىدۇ.
1904-يىلى كۈزدىكى بىر يەكشەنبە چۈشتىن بۇرۇن مېرىسنىڭ سودىدىكى ھەمكارلاشقۇچىسى فىرېدىرىك پاك ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ پۇتبول كۇلۇبى قۇرۇش ئىشىدىن ۋاز كەچمەسلىك توغرىسىدا نەسىھەت قىلىدۇ، ئەمما مېرىس قەتئىي بىر قارارغا كېلىپ بولغاندەك تۇراتتى. ئۇلار ئىككىسى ياندىشىپ ماڭغاچ پاراڭلىشىپ كېتىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز مېرىسنىڭ يېتلىۋالغان ئەرمەك ئىتى پاكنى چىشلىۋالىدۇ، مېرىش بۇ ئىشتىن ئىنتايىن ئوڭايسىزلىنىپ كېتىدۇ، ئەمما پاك ھېچ ئىش بولمىغاندەك يەنىلا كۈلۈپ تۇرۇپ مېرىس بىلەن چاقچاقلىشىدۇ. مېرىس پاكقا تىكىلىپ بىردەم قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن «سىز زەربىگە ناھايتى ياخشى تاقابىل تۇرالايدىكەنسىز... » دەيدۇ. بەلكىم شۇ چاغدا مېرىس ئۆزىنىڭمۇ پاكقا ئوخشاش قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىققا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قاراش ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزغان بولۇشى مۇمكىن، ئۇ ۋاز كېچىش قارارىنى ئۆزگەرتىپ پاكقا «ئەتە چۈشتىن بۇرۇن مېنى ئىزدەپ كېلىڭ، بىز ئەمدى ئالدىراش بولۇپ كېتىمىز» دەيدۇ...
ئادەتتە قۇرۇلماقچى بولغان كۇلۇپلار ئاۋۋال كوماندا تەشكىللەپ، ئاندىن توپ مەيدانى سېلىشنى ئويلىشىدۇ. ئەمما مېرىس ئۇنىڭ ئەكسىچە ئاۋۋال سىتانفورد كۆۋرۈكى مەيدانىنى سېتىۋېلىپ، توپ مەيدانىنى ئاساس قىلغان ھالدا بىر كوماندا قۇرۇپ چىقماقچى بولىدۇ.
1905-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى سىتانفورد كۆۋرۈكىنىڭ ئۇدۇلىغا جايلاشقان بىر قاۋاقخانىدا مېرىس ئۆزىنىڭ سودا ھەمكارلاشقۇچىلىرىنى يىغىپ يىغىن ئېچىپ يېقى بىر پۇتبول كۇلۇبىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى قارار قىلىدۇ. دەسلەپتە كىشىلەر كۇلۇپ ئىسىمى توغىرىسىدا ھەركىم ئۆز پىكىرىنى بايان قىلىدۇ، «سىتانفورد كۆۋرۈكى پۇتبول كۇلۇبى»، «كېنسىڭتون كۇلۇبى»، «لوندون كۇلۇبى» دېگەنلەر بىردەك ئىنكار قىلىنىپ، «چېلسى كۇلۇبى» دېگەن نامنى قوللىنىش قارار قىلىندى. بۇ ئىسىم 100 يىلدىن ئارتۇق تارىخنى باشتىن كەچۈرۈپ بۈگۈنگىچە شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.
كۇلۇپ قۇرۇلۇپ جون تايت روبېرىتسون چېلسى كۇلۇبىنىڭ تارىخىدىكى تۇنجى كۇلۇپ رەئىسى ۋە كوماندىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسىغا ئايلىنىدۇ. كۇلۇپ يەنە ئانچە-مۇنچە نامى بار توپچىلار بىلەن توختاملىشىپ كۇلۇپنى ئەڭ دەسلەپتىكى ئۇلىنى شەكىللەندۈرىدۇ. جۇغىراپىيلىك ئورنىغا ئاساسلانغاندا، چېلسى كۇلۇبى ئەسلى جەنۇب بىرلەشمىسى (شۇ چاغلاردا ئېنگىلاندتا جەنۇپ ۋە شىمالدىن ئىبارەت ئىككى قۇتۇپ بويىچە بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئويناش تەسىس قىلىنغان) گە قاتنىشىشى كېرەك ئىدى، ئەمما قاتنىشىش تەستىقىدىن ئۆتەلمىگەنلىكتىن، ئاخىردا كۆپ ساندىكى شىمال تەرەپ كۇلۇپلىرى قاتنىشىۋاتقان بىرلەشمە چېلسى كوماندىسىنى قوشىۋالىدۇ. 1905-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى چېلسى كۇلۇبى 2-دەرىجىدىكى بىرلەشمىدە مۇسابىقە ئويناشنى باشلىۋېتىدۇ.
كۇلۇپ رەئىسى مېرىس (Henry Augustus Mears)
ئەينى ۋاقىتتىكى كۇلۇپ پايچەكلىرى
ئەينى چاغدىكى كوماندىنىڭ ئۇششاق-چوڭ، پىششىق-توڭ ئەزالىرى
1915-يىلىغا كەلگەندە كۇلۇپ ئۇيۇشما لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرىدۇ، ئۇلارنىڭ رەقىبى بولسا ئېنگىلاندنىڭ جەنۇبىدىن كەلگەن (Sheffield United Football Club) كۇلۇبى بولۇپ، ئويلىمغان يەردىن كۇلۇپ تارىخىدىكى تۇنجى ھەل قىلغۇچ جەڭ چېلسىنىڭ مەغلۇبىيتى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
1935-يىلى ئارسېنال بىلەن بولغان مۇسابىقىگە 82905 نەپەر تاماشبىن قاتناشقان بولۇپ، بۇ سىتانفورىدنىڭ بىر تۈرلۈك رېكورتى بولۇپ ساقلىنىپ قالىدۇ.
1955-يىلى چېلسى كۇلۇبى مېھمان مەيدانىدا 2:0 نەتىنجە بىلەن بولتۇن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئېنگىلاد بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشىدۇ.
1971-يىلى چېلسى كۇلۇبى 1:2 نەتىنجە بىلەن خان مادىرىد كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلىپ ياۋرۇپا غالىبىيەتچىلەر لوڭقىسىغا ئېرىشىدۇ. كوماندىدىكى داڭلىق ھۇجۇمچى پېتىر ئوسلگۇد قالتىس ئىپادىسى بىلەن ئەڭ ياخشى ماھىر بولۇپ باھالىنىدۇ.
پېتىر شۇ يىللاردا قالتىس ئىپادىسى بىلەن ئۆزىنىڭ سىتانفورىد كۆۋرۈكىدىكى رىۋايىتىنى يارىتىدۇ. ھەم كىشىلەر قەلبىدە سىتامفورىد شاھزادىسى دىگەن چىرايلىق نامغا ئېرشىدۇ. ئۇنىڭ ھەيكىلى سىتانفورىد ئالدىدا ھېلىھەم قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا.
1995-يىلى «گوللاندىيلىك ئۈچ قېلىچۋاز» نىڭ بىرسى بولغان داڭلىق چولپان گۇللىت چېلسى بىلەن 2 يىللىق توختام ئىمزالايدۇ. گۇللىت سىتانفورىد كۆۋرۈكىدە يامان ئەمەس نەتىنجە ياراتتى دېيىشكە بولىدۇ.
1996- يىلى ئىتالىيەلىك «پەتەك يولۋاس» لەقەملىك چولپان زولا چېلسى بىلەن توختام ئىمزالايدۇ. 2003-يىلى 39 ياشقا كىرگەن زولا چېلسىدىن ئايرىلىپ ئۆز يۇرتىدىكى بىر كىچىك كۇلۇپقا قوشۇلىدۇ. كۇلۇپ تەرەپ زولانىڭ تۆھپىسىنى خاتىرلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ 25-نومۇرلۇق كىيىمىنى مەڭگۈ پېچەتلەيدۇ. ئېنگىلاندتەك رىقابەت كەسكىن بىرلەشمىدە مۇسابىقە كىيىمىنى چەكلەش ناھايىتى ئاز ئۇچىرايدىغان بولۇپ، زولانىڭ كىيمىنى چەكلەشنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ چېلىسى مەستانلىرىنىڭ قەلبىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
1997-يىلى چېلسى كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا بولتۇن كوماندىسىنى 0:2 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلىپ يەنە بىر قېتىم ئۇيۇشما لوڭقىسىغا ئېرىشىدۇ.
2000- يىلى چېلسى يەنە بىر قېتىم ئۇيۇشما لوڭقىسىغا ئېرشىدۇ. كاپىتان بىسى ھاياجانلانغىنىدىن بالىسىنى كۆتۈرۈپ كىرىپ تەبرىكلەش ئېلىپ بارىدۇ.
2003- يىلى 7-ئايدا روسىيەلىك باي رومان ئابراموۋىچ قەرىز كىرزىسى پاتقىقىغا پېتىپ قالغان چېلسى كۇلۇبىنى سېتىۋېلىپ 80 مىليۇن فونىستېرلىڭدىن ئارتۇق قەرىزىنى تۆلەيدۇ. ئەينى چاغدا پۈتۈن بىر چېلسى كۇلۇبىنىڭ بازار باھاسى ئاران 53 مىليۇن فونىستېرلىڭغا يارايتى، ئەينى ۋاقىتتا ئابراموۋىچ بەلكىم ئويلىغاندۇ ياكى ئويلاپ باقمىغاندۇ، 12 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنگە كەلگەندە بۇ كۇلۇپنىڭ بازاردىكى قىممىتى ئاللىقاچان 100 مىليۇن فونىستېرلىڭدىن ئېشىپ كەتتى.
تۆۋەندە مەن ئابراموۋىچ كۇلۇپقا خوجايىن بولغاندىن كېيىنكى بىر قاتار ئۆزگىرىشلەر توغۇرلۇق توختالماقچىمەن. بۇ ئارقىلىق چېلسى كۇلۇبىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىۋېلىشىڭلارغا پايدىسى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. ئابراموۋىچ كۇلۇپقا ئىگىدارلىق قىلغاندىن كېيىن يۆتكىلىش بازىرىغا 120 مىليۇن فونىستېرلىڭ مەبلەغ سېلىپ كېرىسپو، ماكلەيلەي، ۋېرون، جوي كول، مۇتۇ قاتارلىق چولپانلارنى قېزىپ چىقتى.
رانېرىنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدىكى چېلسى ئۇچقاندەك تېز ئىلگىرلىدى. گەرچە شۇ چاغدىكى يۇقىرى پەللىدە تۇرىۋاتقان ئارسىنال تەرىپىدىن ئۇدا مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما لىۋېرپول ۋە مانچېستېر بىرلەشمىسى قاتارلىق ئېنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ زومىگەرلىرىنى يەر چىشلىتىپ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىدە 2-ئورۇندا پۇت دەسسەپ تۇردى.
ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ 4 كۈچلۈكلەر جېڭىدە چېلسى گەرچە ئەشەددىي رەقىبى ئارسىنالنى مەغلۇپ قىلىپ تارىختا تۇنجى قېتىم يېرىم ھەل قىلغۇچقا قەدەم قويغان بولسىمۇ، ئەمما مورىنتىس باشچىلىقىدىكى موناكو كوماندىسىغا ئۇتتۇرۋېتىپ ئۇزغۇنلۇقنىڭ بوسۇغىسىدا توختاپ قالدى. بىراق چېلسىنىڭ مۇشۇ نەتىنجىسى ئابراموۋىچقا نىسبەتەن يېتەرلىك ئىدى.
رانېرى 2003-2004 مۇسابىقە پەسلى ئاياقلاشقاندىن كېيىن دەرىستىن چۈشتى، ئابىراموۋىچ پورتۇدىن «تەلۋە ئادەم» مورىنىھونى ئېلىپ كەلدى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن چېلسىنىڭ غەلبە يولىغا تۇتاشقان دەرۋازا ئېچىلدى.
ئابىراموۋىچ شۇ يىلى مورىنىھونىڭ كەينىدىنلا يۆتكىلىش بازىرىدىكى ئەڭ قىززىق نۇقتا دىروگبانى كوماندىغا ئېلىپ كەلدى.
دىروگبادىن كېيىن مورىنىھونىڭ بايقىشى ئاستىدا روبىن، چېخ، فېرىرا قاتارلىق توپچىلار ئابىراموۋىچ تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىپ، چېمپىيۇنلۇق يولىغا مۇستەھكەم ئۇل سېلىندى.
2004-2005 مۇسابىقە پەسلىدە كوماندا ئابىراموۋىچ ئىگىدارلىق قىلغاندىن بۇيانقى تۇنجى لوڭقا بىرلەشمە چېمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈردى.
دەرىجىدىن تاشقىرىلار بىرلەشمىسىدە ئۇلار تېخىمۇ ئەسەبىيلەشتى. بىر پەسىلدە 95 نومۇر بىلەن رېكورىت يارىتىش، 15 توپ كەتكۈزۈش بىلەن ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرلار بىرلەشمە لوڭقىسىغا ئېرىشتى.
2004-2005 مۇسابىقە پەسلىدە مورىنىھونىڭ قوماندانلىقى ئاستىدىكى چېلسى مۇددەتتىن 4 ئايلانما بۇرۇن دەرىجىدىن تاشقىرلار بىرلەشمە لوڭقىسىنى دەس كۆتۈردى. (رەسىمنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى 28 ياشلىق بوئاس شۇ چاغدا مورىنىھونىڭ ئەڭ قابىل ياردەمچىسى ئىدى، تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بولسا كېرەك، ئۇمۇ 6 يىلدىن كېيىن چېلسىنىڭ مەشقاۋۇللۇق قامچىسىنى قولىغا ئالىدۇ).
2005-يىلى يازدا ئابىراموۋىچ داۋاملىق ئېسسىن، فىللىپىس قاتارلىق ياش توپچىلارنى سىتانفوردقا ئېلىپ كەلدى. چېلسى يەنىلا بىرلەشمىنىڭ سەردارى ئىدى، 2005-يىلى 8-ئايدا كوماندا رايون قالقىنى چېمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈردى.
2005-2006 مۇسابىقە پەسلىدىكى مانچېستېر بىرلەشمىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇدا دەرىجىدىن تاشقىرلار بىرلەشمە لوڭقىسى چېمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۇلۇپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرلەشنىڭ قىممەتلىك سوۋغىسى بولۇپ قالدى. ئېنگلانىد دەرىجىدىن تاشقىرلار بىرلەشمە تارىخىدا تېخى مانچېستېر بىرلەشمىسى كۇلۇبىدىن باشقا كۇلۇپ تېخى ئۇدا چېمپىيۇن بولۇپ باققان تارىخ يوق ئىدى، بۇنى پەقەت چېلسىلا ئىشقا ئاشۇرالىدى.
شۇنداقلا يۇقارقى مۇشۇ ھېكايىلەرگە ئوخشاشلا ئابىراموۋىچ بىلەن مورىنىھو ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتتە يىمىرىلىش كۆرۈلۈشكە باشلىدى. 2006-يىلى يازدا ئابىراموۋىچ مورىنىھونىڭ قارشى چىقىشىغا پەرۋا قىلماي كۇلۇپ تارىخىدىكى 30 مىليۇن فونىستېرلىڭلىق ئەڭ يۇقىرى باھادا يۆتكىلىش رېكورتى يارىتىپ ئۆزى ئەڭ ياقتۇردىغان چولپان شېۋىچىنكونى سېتىۋالدى. شۇ يىلى يەنە ئاشىلى كول، باللاك، مىكېل قاتارلىق توپچىلارمۇ چېلسىغا قوشۇلدى.
شۇنداقتىمۇ ئۇلار يەنىلا ئېنگىلاند بىرلەشمە لوڭقىسى ۋە ئۇيۇشما لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى.
كېيىنكى پەسىل بىرلەشمە ئىچىدە مانچېستېر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن بېسىلىپ قېلىش، ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىدە لىۋېرپول تەرىپىدىن ھەل قىلغۇچنىڭ سىرتىدا قېلىش ئابىراموۋىچنى مورىنىھودىن يىراقلاشتۇرۇشقا باشلىدى.
2009-يىلى 7-ئايدا مورىنىھو دەرىستىن چۈشتى، گېراند ئابىراموۋىچنىڭ نەزىرىدە كوماندىنىڭ «ئۈمىد يۇلتۇزى» بولۇپ قالدى.
2008-يىلى 5-ئايدا چېلسى تارىختا تۇنجى قېتىم ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ جېڭىگە بۆسۈپ كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما تېررى ۋە ئانېلكانىڭ نۇقتا توپتا كەتكۈزۈپ قويۇشى سەۋەپلىك تارىخى بۆسۈش خارەكتىرلىك نەتىنجىدىن مەھرۇم قالدى.
2007-2008 مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئىپادىسى ئادەتتىكىچە بولغان گېرانىد مەشقاۋۇللۇق تامغىسىنى تاپشۇردى، دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيۇنى سىككىلارى كوماندىنىڭ تېرنىرلىق قامچىسىنى قولىغا ئالدى.
ھالبۇكى پەقەت 7 ئاي كوماندىغا قوماندانلىق قىلغان سىككىلارى نەتىنجىسىنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن پۇلدار خوجايىن ئابىراموۋىچ تەرىپىدىن ئىشتىن بوشىتىلدى، ھىدىنىك كوماندىنىڭ «نىجاتكارى» سۈپىتىدە مەيدانغا كەلدى.
گەرچە ھىدىنىك ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ جېڭىدە بارسىلونا تەرىپىدىن مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئېۋىرتوننى مەغلۇپ قىلىپ، ئېنگىلاند ئۇيۇشما لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ بېرىش ئارقىلىق ئاق قەغەز تاپشۇرۇشتىن ساقىت بولدى.
گەرچە ئابىراموۋىچ يەنە بىر مەزگىل ھىدىنىكقا پۇرسەت بېرىشنى قارار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى يەنىلا تۇتۇپ قالالمىدى، ئەنچىلوتتى چېلسىنىڭ يېڭى قوماندانىغا ئايلاندى.
ئەنچىلوتتى سىتانفورىد كۆۋرۈكىگە ئاياغ باسقان تۇنجى پەسىلدىلا مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ قولىدىن ئېنىگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرلار بىرلەشمە لوڭقىسى قايتۇرۋالدى.
شۇنداقلا يەنە ئۇيۇشما لوڭقىسى چېمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدە «قوش شاھلىق» شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدى.
گەرچە ياخشى نەتىنجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە چېلىسىنىڭ سابىق مەشقاۋۇلى مورىنىھو تەرىپىدىن مەغلۇپ بولغان ئەنچىلوتتى ئوقۇرى ئۈستۈن باي خوجايىن تەرىپىدىن يەنىلا سىغدۇرۇلمىدى.
2011-يىلى ئابىراموۋىچ 50 مىليۇنلۇق يۆتكىلىش رېكورتى يارىتىپ «ئالتۇر ئۆسمۈر» توررىسنى سېتىۋالدى، ئەمما توررىس كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەتنى سىتانفورد كۆۋرۈكىدە تېنەپ-تەمتىرەپ ئۆتكۈزدى.
25. پەسىل ئاخىرىدا لوڭقىغا كۆنۈپ قالغان ئابىراموۋىچنىڭ نارازى بولۇشى، توررىسنىڭ ئىپادىسىنىڭ ناچار بولۇشى تۈپەيلىدىن ئەنچىلوتتى كوماندىدىن ئايرىلدى. 6 يىل ئىلگىرىكى مورىنىھونىڭ ياردەمچىسى بوئاس چېلسىنىڭ باش قوماندانىغا ئايلاندى.
ياش ھەم تەجىربىسىز بوئاس گەرچە دادىللىق بىلەن كوماندا ئىچىدە غايەت زور ئىسلاھات يۈرگۈزگەن بىلەن، كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدىكى زىددىيەت يەنىلا ئۇنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئىشتىن چۈشۈشكە مەجىبۇر قىلدى.
بوئاس ئايرىلغاندىن كېيىن چېلسى كوماندىسى ھېچقانداق نام-ئاتىقى يوق ياردەمچى تېرنىر دىماتىئونىڭ ۋاقىتلىق قوماندانلىقىغا ئۆتتى. كىم ئويلىغان ئۇنىڭ رىۋايەت يارىتىشىنى.
2012-يىلى دىماتىئو باشچىلىقىدىكى چېلسى يەنە بىر قېتىم ئۇيۇشما لوڭقىسىنى ئېگىز كۆتۈردى.
2012-يىلى 5-ئايدا دەل مۇشۇ نامسىز قوماندان كوماندىنى يېتەكلەپ كۇلۇپ تارىخىدىكى تۇنجى ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئابىراموۋىچنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى.
بىراق كۇلۇپ ئۈچۈن تارىخ يارتقان دىماتىئو شانلىق رىۋايىتىنى داۋام ئېتەلمىدى، يىل ئاخىرىدا ئابىراموۋىچ يۈز-خاتىرە قىلماستىن دىماتىئونىڭ چېلسىدىكى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى، بېنتىز ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسىدى.
گەرچە كوماندا يولبويى قېقىلىپ-سوقۇلۇپ يۈرگەن بولسىمۇ، ئاخىرىدا كۇلۇپ تارىخىدىكى كەمچىل بولغان ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئېلىشقا تېگىشلىكنىڭ ھەممىنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىگە يەتتى.
2013- يىلى تەلۋە قوماندان مورېنھو كۆك ئارمىيەگە قايتىپ كەلدى.
2015-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېنگىلاند بىرلەشمە لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئوينالدى. ۋېنبولى پۇتبول مەيدانىدا چېلسى كوماندىسى بىلەن توتىنھام كوماندىسى كەسكىن مۇسابىقىلەشتى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان ئاياقلىشىدىغانغا 1 مىنۇت قالغاندا تېررى بىر توپ ئۇرۇپ چېلسى كوماندىسى ۋاقتىنچە ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. كېيىنكى يىرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 75 مىنۇت بولغاندا كوستا بىر توپ ئۇرۇپ نەتىنجىنى مۇقۇملىدى. ئاخىرقى مىنۇتلاردا ئىككى تەرەپ يەنىلا كەسكىن تىركەشكەن بولسىمۇ نەتىنجە ئۆزگەرمەي چېلسىنىڭ غەلبە قىلىشى بىلەن ئاياقلاشتى. شۇنداق قىلىپ مورىنىھو چېلسى كوماندىسىنى قايتا قولىغا ئېلىپ تۇنجى لوڭقىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ ئۇنىڭ چېلسى ئۈچۈن ئىككىنچى قېتىم بۇ لوڭقىنى ئېلىپ بېرىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
قابىل سەركەردە ئاخىرى يەنە قايتىپ كەلدى، كۆك قوشۇن نۇرغۇن ئىسسىق سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈردى. خاتا ھۆكۈم، يەكلەش، تاراتقۇلارنىڭ توختىماي بىلجىرلاشلىرى بۇ جەڭگىۋار قوشۇننى باش ئەگدۈرەلمىدى. ئەكسىچە تېخمۇ باتۇر، تېخىمۇ جاسارەتلىك تاۋلاپ چىقتى .
قابىل سەركەردە قايتىپ كەلدى، كۆك قوشۇن يەنە قايتىدىن ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى زومىگەرگە ئايلاندى.
قابىل سەركەردە قايتىپ كەلدى، كۆك قوشۇن قايتىدىن ياۋرۇپا قىتئەسىنى زىل-زىلىگە سېلىشقا باشلىدى.
قابىل سەركەردە قايتىپ كەلدى،كۆك قوشۇن مەستانىلىرى يەنە قايتىدىن كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان مۇسابىقىلەرنى كۈتۈۋېلىشقا باشلىدى.
ئاپتورى: بوۋاي تەھرىرى: بېرنابۇ
ئەسكەرتىش : 1-بۇ تېمامنى مۇنبەر چوڭلىرىنىڭ كۆرۈپ ئۆتۈپلا كەتمەي قىممەتلىك تەكلىپ بېرشىنى چىن — چىن — چىن كۆڭلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن .
2- بۇ تېمىنى باشلاپ قويۇپ ئاخىرنى چىقارغۇچە مۇسابىقىمۇ تۈگەي دېدى . تەھرىرلەشكە ئىملا توغرىلاشقا سەل قېرىلىق قىلىپ قالدىم . تېمامنىڭ ئىملاسىنى توغرىلاپ بەرگەن دوسلارغا ئايرىم رەھمەت ئېيتىمەن .
3- چىلسى كۇلۇبىغا نىسبەتەن بىلىمىم چەكلىك بولغاچقا تېما يۈزەكىلا چىقىپ قالدى . خاتا بولۇپ قالغان چالا قالغان يەرلىرى بولسا مۇنبەر ئەھلىنىڭ كۆرسىتىپ بېرشىنى سورايمەن .
4- مەھمۇد قېرى باشلىق ، بارلىق چىلسى مۇرىنھۇچىلارنى مۇنبەر بانكىسىدا ساقلاپ قالدىم ئەمىسە .
‹‹ تامام ›› |