ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 7111 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا missi2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-11 22:58
بېيجىڭ ۋاقتى بويىچە 11-مارت (چارشەنبە) سىنا تەنتەربيىسىنىڭ خەۋەر بېرىشىچە ئارگېنتىنا كوماندىسى مېسسى باشچىلىقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك تىزىملىكنى ئېلان قىلغان، يېقىندىن بۇيان مانچېستىر بىرلەشمىسىدە ئىپادىسى ئانچە ياخشى بولمايۋاتقان دىمارىيا تىزىملىككە كىرگەن ،ئېنتىردا ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى بولىۋاتقان ھۇجۇمچى ئىكاردى بولسا بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالالمىغان.
بۇ نۆۋەت دۆلەت كوماندىسىغا مانچېستىر شەھىرى ، مانچېستىر بىرلەشمىسى، يۇۋىنتۇس ،بارسېلونا ،پارىژ قاتارلىق كۇلۇبلارنىڭ ھەرقايسىسدىن ئىككىدىن ئادەم كىرگەن. ۋالىنسىيەدىن ئەڭ كۆپ ئادەم چاقىرتىلغان بولۇپ جەمئى ئۈچ ماھىر تىزىملىككە كىرگەن.
ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندا ئەزالىرى تىزىملىكى :
قاپقىچىلار: گۇسىمان(تېگىرى)، رومىرو(سامپىدۇرىيا)، رولىي (رىئال جەمئىيەت)
بىكلەر: گارى(زېنىت)، زابالىيتا(شەھەر)، روخۇ(مانچېستىر بىرلەشمىسى)،رۇكالىرا(رىنايا) موساجىئو(ۋىللارېئال)، ئوئېربان(ۋالىنسىيە)،ئوۋتامېندى(ۋالىنسىيە)
ئوتتۇرا مەيدان: پاستۇرى(پارىژ سانىت ژېرمان)،دېمارىيا(مانچېستىر بىرلەشمىسى)،بىگىلىيا(لازىئو)، رۇبىرتۇ.پىرىرا(يۇۋىنتۇس)، بانىيجا(سېۋىللا)، ئېنزو.پىرىز(ۋالىنسىيە)،ماسىچىلانو(بارسېلونا).
ھۇجۇمچىلار: لاۋىززى(پارىژ سانىت ژېرمان)، ئاگۇيرو(شەھەر)،ھىگۇايىن(ناپلىس)،تېۋىز(يۇۋىنتۇس)،مېسسى (بارسېلونا)
ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسى 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا سالۋادور ۋە ئېكۋادور دۆلەت كوماندىلىرى بىلەن بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى ئوينايدۇ. |
|