ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1171 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ت شەھىرىدىكى پۇتبول سۆيەر قېرىنداشلار، قاراماي 30 ياشلىقلار پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى، قاراماي شامالباغ پۇتبول كولۇبىنىڭ تەشكىللىشيپى بىلەن 2-نۆۋەتلىك قاراماي 30 ياشلىقلار شامالباغ « يۇنىل ئوپال لوڭقىسى » پۇتبول مۇسابىقىسى 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى قاراماي شەھەرلىك چېنىقىش باغچىسى پۇتبول مەيدانىدا رەسمىي باشلاندى. مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە يېقىندىن ياردەمدە بولغان فىرانسىيەدىن %100 ئىمپورت قىلىنغان « يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى » نىڭ شىمالىي شىنجاڭدىكى باش ۋاكالەتچىسى قاراماي ئاۋتىيەن سودا چەكلىك شىركىتى سايىپخان كوماندا بولغان قاراماي شامالباغ پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن خاتىرە سۈرئەتكە چۈشتى. تۇنجى مەيدان مۇسابىقە شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئالتە يېرىمدا قاراماي شامالباغ پۇتبول كوماندىسى بىلەن قاراماي بارىس پۇتبول كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى، مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي بارىسى كوماندىسى كەينى-كەينىدىن ئۈچ توپ ئۇرۇپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى، كېيىنكى يېرىم مەيداندا شامالباغ كوماندىسى ئىككى توپ ئۇرۇپ تەڭلىشىۋىلىشقا كۈچىگەن بولسىمۇ ۋاقىت يار بەرمەي تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلمىدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت سەككىز يېرىمدا ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقە قاراماي ياخشىلار باغچىسى كوماندىسى بىلەن قاراماي ئىزچىلار پۇتبول كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى، مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن بولدى، مۇسابىقە باشلىنىپ 17 مىنۇت بولغاندا ياخشىلار باغچىسى كوماندىسى بىر توپ ئۇرۇپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى، توپ كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئىزچىلار كوماندىسى بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى، ئىزچىلار كوماندىسى نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۈپ بىر مىنۇت ئۆتمەيلا ياخشىلار باغچىسى كوماندىسى قارشى تەرەپنىڭ سەۋەنلىكىدىن پايدىلىنىپ يەنە بىر توپ ئۇرۇپ يەنە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى، مۇسابىقە كەيپىياتى تازا ئەۋجىگە چىقىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە ئىزچىلار كوماندىسىنىڭ بىر ئەزاسى ئىككى قېتىم سېرىق كارتا يەپ بىر قىزىل كارتا بىلەن جازالىنىپ مەيداندىن چۈشۈرۈلدى، بۇ ئىزچىلار كوماندىسىنىڭ ئارقا سەپ مۇداپىئەسىگە قاتتىق تەسىر كۆرسەتتى، تەجرىبىلىك پۇتبولچىلاردىن تەشكىللەنگەن ياخشىلار باغچىسى كوماندىسى بۇ پۇرسەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ يەنە بىر توپ ئۇرۇپ، ئاخىرىدا 1 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن ئىزچىلار كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۇچۇن بۇ تېمىلارنى يوللاپ قويدۇم رەسىملەرنى ئۆزۈم لايىھەلەپ كىرىشتۈرۈپ قويدۇم |
|