ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 770 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hasrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-11 17:45
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ، كەمىنە بىر يىللىق ئاساسى قاتلام خىزمىتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئىش ئورنۇمغا قايتىپ كەلدىم . بۇ تىزىملىكنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم . خۇاكەيئېر گورۇھىنىڭ ئۆز ۋەدىىسىگە ئەمەل قىلىپ ،تېخىمۇ كۆپ يەرلىك توپچىلارنى بىرىنچى كوماندىغا تاللىغانلىقىنى كۆرۈپ تېخىمۇ خۇش بولدۇم . ئەمما بەزى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قىززىققانلىق ۋە ئىچى تارلىق پوزىتىسىيىسى بىلەن قىلغان سۆزلىرىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم غەش بولدى .ئاپتۇنۇم رايۇنىمزدا ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە قازاق ، قىرغىز ، ئۆزبىك ، مۇڭغۇل ،خەنزۇ ،تاجىك ، رۇس ، مانجۇ ، زاڭزۇ قاتارلىق نۇرغۇن مىللەت ياشايدۇ ، بىرقانچە يىللاردىن بۇيان شۇ مىللەتلەردىن يىتىشىپ چىققان توپچىلارمۇ رايۇنىمىزنىڭ پۇتبولچىلىق ئىشلىرى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلىپ كىلىۋاتىدۇ .داڭلىق ئۆزبىك توپىچمىز ئەكرەم ، قازاق توپچىمىز ئېرجات قاتارلىقلار بۇنىڭ تىپىك مىسالى . دۇنيا پۇتبولچىلىقىغا نەزەر سالىدىغان بولساقمۇ ساپلا بىر مىللەتتىن تەركىپ تاپقان كولۇپ يوق ، ‹‹مىللى ››دېگەن ئاتالغۇ سىز ۋە بىزدىنمۇ نەچچە ھەسسە بىلىملىك ئالىم - مۇتەخەسىسلىەر قېلىپلاشتۇرغان ئاتالغۇ ، مىللى كارخانىچىلار ، مىللى مەدەنىيەت دېگەن ئىبارىلەردىكى ‹‹مىللى ›› سۆزى نۆۋىتى كەلگەندە ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ئىشلىتىدىغان ئاتالغۇلار بولۇپ ،شۇ مىللەتنىڭ ئۆزىنىڭ ئىسىمغا ئالمىشىپ كىلىپ يەنىلا شۇ مىللەتنى كۆرسىتىدۇ .بۇ ئاتالغۇنى ئىشلەتكەنلىك ھەرگىزمۇ سىزنى كەمسىتكەنلىك ھېسابلانمايدۇ . بىز بۇيەردە ئۇنى - بۇنى تالىشىپ ئولتۇرماي كۆپ مىللەتتىن تەركىپ تاپقان كوماندىمىزنىڭ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ بىزگە خۇشاللىق ئاتا قىلىشىنى ئۆمىد قىلىشىمىز ، شىنجاڭ كوماندىسىنى قوللىغان ، كۆڭۈل بۆلگەن بارلىق دوستلىرىمىزغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىشىمىز لازىم .ئېسىڭىزدە بولسۇنكى بىزنىڭ نۇرغۇن تالانتلىق توپچىلىرىمىز موشۇنچىلىك كوماندىغىمۇ ئۇلىشالماي ئالتۇندەك ياشلىقىنى قۇربان قىلىۋەتكەن ئىدى ، ئەمدى قىلچلىك پۇرسەت بولسىمۇ ھەسسىلەپ قەدىرلەپ ، ئۆزىمىزنىڭ قىممىتىنى ئەمەلى ھەركىتىمىز بىلەن ئىسپاتلىشىمىز كىرەك . |
|